大数跨境

دائىم كاۋا ئۇرۇقى يېيىشنىڭ 7 چوڭ ئاساسى

دائىم كاۋا ئۇرۇقى يېيىشنىڭ 7 چوڭ ئاساسى 古丽热纳
2020-10-30
1
导读:شاتۇتجان ساغلاملىق سالونى سىزگە ئەڭ يېقىن






 تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىز يارىغان بولسا ئەڭ ئاستىدىكى

 رەڭلىك ئېلاننى بىر چېكىپ قويۇڭ رەخمەت


ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

كاۋىنى تازلىغاندا، بەزى كىشىلەر ئۇرۇقىنى تاشلىۋېتىدۇ. بىراق سىز بۇ كىچىككىنىە ئۇرۇقلارنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز پايدىسىنى چۈشىنەمسىز؟ سالات ياكى مېۋە قېقى ۋە پوستلۇق مېۋىلەردىن ياسالغان ئارىلاشما يېمەكلىكلەرگە بىر قانچە قوشۇق كاۋا ئۇرۇقى قوشۇۋەتكەندە يېيىشلىك ھەم پايدىلىق بولىدۇ.


تۆۋەندە سىلەرگە دائىم كاۋا ئۇرۇقى يېيىشنىڭ 7 چوڭ ئاساسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىمىز.

1. ئاقسىل: كاۋا ئۇرۇقى ئاقسىلنىڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى. 30 گىرام كاۋا ئۇرۇقىدىنلا 7 گىرام ئاقسىل چىقىدۇ. كېيىن بىرەرى سىزدىن گۆشسىز يېمەكلىكلەردىكى ئاقسىلنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سورىسا، ئىككىلەنمەستىنلا كاۋا ئۇرۇقىنى تىلغا ئالسىڭىز بولىدۇ.

2. تۆمۈر: تۆمۈرنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەمىشە لوق گۆش بىلەن باغلىنىدۇ. بىراق كاۋا ئۇرۇقى گۆش يېمەيدىغانلارغا نىسبەتەن ياخشى بولغان تۆمۈر ئېلىمىنتى مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. 30 گىرام كاۋا ئۇرۇقىلا ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق تۆمۈرنىڭ %30-20نى تەمىنلەيدۇ. تۆمۈرنىڭ بەدەنگە يېڭى قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئىشلىشى تولىمۇ مۇھىم، تۆمۈر كەملىك قان ئازلىقنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا كاۋا ئۇرۇقىنى جىق-جىق يەپ تۆمۈر ئېلىمىنتىڭىزنى تولۇقلاڭ.


3. ۋىتامىن E: ئوتتۇز گىرام كاۋا ئۇرۇقى ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بارلىق ۋىتامىنE نى تەمىنلىيەلەيدۇ. ۋىتامىن E قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدىغان مۇھىم ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆپكە قىسمىنى قوغداشتا يەنە يۈرەك كېسەللىكلىرى خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىشتە مۇھىم رولى بار. ئەگەر چوڭ شەھەردە ياشاۋاتقان بولسىڭىز، ۋىتامىنE مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىڭ. بۇ تۇمان ۋە بۇلغىمىلاردىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدايدۇ.

4. ۋىتامىنB: كاۋا ئۇرۇقى ۋىتامىنB گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ مەسىلەن: ۋىتامىن 1B، 2B، نىكوتنىك كىسلاتا، 6B ۋە يوپۇرماق كىسلاتا قاتارلىقلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ۋىتامىنB مېتابولىزىم ئېنىرگىيەسى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ئەگەر بېسىمىڭىز ئېغىر بولغان ئالدىراش خىزمەتچىلەر توپىدىن بولسىڭىز، يېتەرلىك ۋىتامىنB تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن كاۋا ئۇرۇقى يېيىشىڭىز ۋىتامىن تابلېتى ئېستىمال قىلىشىڭىزدىن كۆپ ئەۋزەل.



5. كاۋا ئۇرۇقىنىڭ ئېستىمال قىلىش ئۇسۇلى كۆپ خىل.

6. يېيىش ئۇسۇلى ئاددى ھەم قولايلىق.

كېلەر قېتىم كاۋا ئاقلىغاندا، ئۇرۇقىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ! ئۇلارنى ئايرىپ سۇدا پاكىز يۇيۇپ تازلىغاندىن كېيىن، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايدا قۇرۇتۇپ، سۇسىزلاندۇرۇش ماشىنىسىغا سېلىپ 24-18 سائەتكىچە قويۇپ، ئاندىن ئېسىتىمال قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز، تاللا بازىرى ۋە ماگىزىندىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

7. كاۋا ئۇرۇقى تۆۋەن كالورىيەلىك ئۇششاق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

بىر سىقىم كاۋا ئۇرۇقى ساغلام ھەم تۆۋەن كالورىيەلىك يېمەكلىك بولۇپ، بىر سىقىم كاۋا ئۇرۇقى، بىر بولاق بەرەڭگە ياپراقچىسى ياكى يۇقىرى ناترىيلىق ئۇششاق يېمەكلىكتىن كۆپ ئەرزان ھەم پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ.


چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ

【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212