

قۇرۇق ئۈزۈمگە سەل قارىماڭ، مۇنداق يىسڭىز قىشمۇ ياز دوختۇرغا بارمايسز
ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
قۇرۇق ئۈزۈم پەسىل تاللىمايدۇ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سېتىۋالالايسىز،ھەممىدىن مۇھىمى باھاسى ئىنتايىن ئەرزان، ئەمما ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، توغرا پايدىلىنىپ ئىستىمال قىلالىسىڭىزقۇرت ئوتتىنمۇ بەكرەك پايدىلىق خاسىيەتلىك يىمەكلىكنىڭ ئۆزى، ئۇنداقتا سىزمۇ مەن بىلەن بىرلىكتە قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ دورىلىق قىممىتىنى مۇنداق ئاشۇرۇپ بېقىشنى خالامسىز؟ 

01
ئاچچىقسۇغا چىلاپ ئىستىمال قىلىش
▼
نۇرغۇن كىشىلەر قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمما بۇ ئۇسۇلنى بىلمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ قۇرۇق ئۈزۈمنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ پايدىلىق قىممىتىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇش.

سەۋەبى: ئاچچىقسۇغا قۇرۇق ئۈزۈم چىلانغاندىن كېيىن كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ، ۋە خۇسۇسىيىتى مۇقۇملىشىدۇ، ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

كېتەرلىك ماتىرياللار: بىر ئىستاكان قۇرۇق ئۈزۈم، (ئون كۈن يىيىشكە يەتكۈدەك بولسا بولىدۇ) بىر كىچىك ئىستاكان ئاچچىقسۇ، بىر تال ئېغىز ھىم ئېتىلىدىغان قاچا.

بىرىنچى قەدەم: قۇرۇق ئۈزۈمنى قاچىغا تۆكىمىز.

ئىككىنچى قەدەم: تەييارلىۋالغان ئاچچىقسۇنى ئۈزۈمنىڭ ئۈستىگە تۆكۈمىز ۋە ئاغزىنى ھىم ئېتىمىز.

ئۈچىنچى قەدەم: بىر كېچە چىلانغاندىن كېيىن ئۈزممۇ كۆپىدۇ، كۈندە بىر قۇشۇق ئىستىمال قىلىنسا بولىدۇ.
02
قۇرۇق ئۈزۈمنى سۇدا پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلىش، جىگەردىكى زەھەرنى تازلاپ چىقىرىدۇ
▼
قۇرۇق ئۈزۈم سۈيى تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئىچىملىك، ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن جىگەردىكى زەھەرنى سىرتقا ھەيدەشتىن باشقا يەنە قاندىكى توكسىننى ھەيدەيدۇ، بىر ھەپتە ئىچسىڭىز ئۆزىڭىزنى يىنكلەپ قالغاندەك راھەت ھېس قىلىسىز!!!!


تەييارلاش ئۇسۇلى، بىرىنچى باسقۇچ:
سۇنى قاينىتىپ، پاكىز يۇيۇپ تەييارلانغان قۇرۇق ئۈزۈمنى سالىمىز، يەنە 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز، ئاندىن ئۇنى بىر كېچە تۇرغۇزىمىز. 
ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ قۇرۇق ئۈزۈم شەربىتىنى ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

قۇرۇق ئۈزۈم سۈيىنىڭ ئەكىس تەسىرى يوق، ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەن ئاچ قورساققا ئىچىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ناشتا قىلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ بەش خىل ئالاھىدىلىكى
01
قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ
▼
قۇرۇق ئۈزۈم ئۈزۈمنىڭ سۇسىزلاندۇرۇلغان جەۋھىرى، شۇڭلاشقا گۈل پىگىمىنتىنىڭ مىقدارى ئوخشاش سۈپەتتىكى ئۈزۈمدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.

گۈل پىگىمىنتىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى، بەدەندە ئەركىن رادىكالنى تازلايدۇ، پىگىمىنتلارنىڭ چۆكىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۈزدىكى قورۇقنى سۇسلاشتۇرىدۇ ۋە قېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.يەنە تېخى ئارتىرىيە قېتىشىش، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ياخشى دورىسى.

02
ھۈجەيرىلەرنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ يەنە ھۈجەيرىلەرنىڭ كېسەللىك ئكزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى تىزگىنلەيدۇ، كۈندە نەچچە ئون تال قۇرۇق ئۈزۈم يىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرسىڭىز مۇشۇنداق يامان كېسەللەردىن يىراق تۇرىسىز دىگەن گەپ!

03
زەھەر ھەيدەپ ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرىدۇ ۋە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ
▼
قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدىكى ئۈزۈم كىسلاتاسى ئاشقازان-ئۈچەي لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مول يىمەكلىك تالاسى ئۈچەيدىكى زەھەرلىك قالدۇق ماددىلارنى تازلاپ، توكسىننى ھەيدەپ چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە!!

04
قان تولۇقلاش ئۈنۈمى چىلاندىن يۇقىرى
▼
قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى يۇقىرى، تۆمۈر ماددىسى ھۆل ئۈزۈمنىڭ 15ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭلاشقا كۈندە بىر سىقىم ئۈزۈم يىيىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بەدەنگە قان تولۇقلاپ، پۇت-قول مۇزلاش، چىراي ئاقىرىش ئالامەتلىرىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە يەنە كۆپ خىل مېنىرال ماددا، ۋىتامىن ۋە ئورگانىك ماددىلار بار، بەدىنى ئاجىز، قان ئاز، ئاسان ئاغرىپ قالىدىغان دوستلارقورۇق ئۈزۈمنى چوقۇم كۆپ يەڭ، قان تولۇقلاش ئۈنۈمى ھەتتاكى چىلاندىن يۇقىرى.

05
يۈرەك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ
▼
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە قورۇق ئۈزۈم ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ھالدا يۈرەك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، شۇڭلاشقا قۇرۇق ئۈزۈمنى كۆپ يەپ بەرسىڭىز قورقۇنچلۇق يۈرەك كېسىلى سىزگە ئاسانلىقچە يېقىن كېلەلمەيدۇ.

ئەمدى قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئىنتايىن خاسىيەتلىك يىمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىڭىزمۇ؟ تېزدىن ئۈستىلىڭىزدە ئۇزۇن ۋاقىت يىيىلمەي تۇرغان قۇرۇق ئۈزۈمنى قايتىدىن قولىڭىزغا ئېلىڭ.

ئۇنى يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن ئىستىمال قىلىپ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇڭ، ئىشقىلىپ كېسەللەردىن يىراق تۇرۇپ، تېخىمۇ ياش، ساغلام بولۇش ئۈچۈن قۇرۇق ئۈزۈمنى قىشمۇ-ياز ئۆيىڭىزدىن ئايرىماڭ!!! بۈگۈنكى مەزمۇننى ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ، دوستلىرىڭىزمۇ قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ پايدىسىنى بىلىۋېلىڭ،



