大数跨境

قىزلار جىگدە چىچىكى پۇرىسا ئىشى چاتاق،

قىزلار جىگدە چىچىكى پۇرىسا ئىشى چاتاق، 古丽热纳
2020-09-01
1
导读:چۇقۇم بىلىۋېلىڭ ھەم تارقىتىپ قويۇڭلار ئەزىزلەر رەھمەت





1

چەمبىرەككە يوللاپ قۇيۇڭ

جىگدە چېچىكى

沙枣花 sha zao hua

........................................

خۇسۇسىيتى:

باھنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، بۆرەك ۋە مىڭىنى قۇۋۋەتلەش، نېرۋا ياخشىلاش، پەيلەرنى چىڭىتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، باھنى قوزغاش، مەنىي تۇتۇش، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش.

........................................

........................................

جىگدە چىچىكىنىڭ خۇسۇسىيتىگە قارايدىغان بولساق،  كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش خۇسۇسىيتى بارلىقىنى بايقايمىز.
بەلكىم شۇ سەۋەپتىن بۇيىغا يەتكەن قىزلار ئازراق شوخلىق قىلىپ قويسا جىگدە چىچىكى پۇراپ قاپتۇ دەپ قويغان بۇلىشى مۇمكىن.

شۇڭا دەيمىز، ماۋۇ سالۇندا بويتاق يىگىت- قىزلار بولسا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتراپىڭلاردىكى تۇنۇشۋالسام بۇلاتتى دىگەنلەرگە تەلەپ قۇيۋېلىڭلار.. چۈنكى ئەتراپىڭلاردىكى جىگدە چىچەكلەپ، پۇراقلىرى دىماققا ئۇرلۇپ تۇرۋاتىدۇ، تەلىپىڭلار قەتتى رەت قىلىنماسلىقى مۇمكىن ھى ھى ھى

...........................................

...........................................

جىگدە گۈلقەنتىنى قانداق ياسايدۇ، مەزمۇن ئاستىغا قاراپ بىلۋېلىڭ

تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئەل ئىچىدە ھۆل ئىسسىق دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

بىرىنچى: جىگدە گۈلىدىن ئەرەق تارتىپ بىرىلسە، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزىدۇ. ئەرەق دىگىنىمىز قاينىتىپ ھورىدىن تېمىتىپ يىغۋېلىنغان تامچە سۈيى

ئىككىنچى: جىگدە گۈلىدىن گۈلقەنىت تەييارلاپ ئىستىمال قىلسا، باھ، بۆرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

ئۈچۈنچى: قېرىقىز ئۇرىقى، يالپۇز، يۇلغۇن ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن، جىگدە گۈلى 4 گىرام، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە يۇقۇملۇق كىسەللىكلەردىن مۇداپىئە قىلغىلى بۇلىدۇ.

زىيانلىق تەسىرى:

ئىسسىقجان كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى:

بىنەپشە، نېلۇپەر.


........................................

بەزى تورداشلار مۇشۇ جىگدە گۈلقەنتىنى قانداق ياسايدۇ دەپ سوراپ كەتتىڭلار. بىزمۇ جاۋاپ بىرىپ قىزىلگۈل گۈلقەنتى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا ياسايسىلەر دىدۇق. ئازاق ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، قىزىلگۈل گۈلقەنتىنى بىر كىلو گۈل بەرگىسىگە بىر كىلو شىكەر ئارلاشتۇرۇپ ئىزىش ماشىنىسىدا ئىزىپ، ئېغىزى يىم ئىتىلدىغان قاچىلارغا قاچىلاپ ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ ياسايمىز...

..........................................

جىگدە چىچىكى گۈلقەنتىنى بىر كىلو جىگدە چىچىكىگە ئىككى كىلودىن ئۈچ كىلوگىرامغىچە شىكەر ئارلاشتۇرۇپ ياسايمىز، ياساش ئۇسۇلى قىزىلگۈل گۈلقەنتى بىلەن ئوخشاش بۇلىدۇ.

..........................................

خۇسۇسىيتى: بۆرەك ۋە مىڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان قۇۋۋەتلەش، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش.

خالىسىڭىز ئاستىدىكى خەنزۇچە خەتلىك ئېلاننى بېسىپ قۇياسىز شۇنچە ئىسىل مەزمۇننى يوللاپ بەرسەكمۇ چەمبىرىكىگە چىقارمايدىغانلار كۆپكەن دىسە...



【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读320
粉丝0
内容212