大数跨境

زەنجىۋىل سۈيى 8 چوڭ كېسەلگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ

زەنجىۋىل سۈيى 8 چوڭ كېسەلگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ 古丽热纳
2020-05-23
8


بىر ئىستاكان ئىسسىق زەنجىۋىل سۈيىنىڭ بەدەنگە بولغان سەككىز خىل پايدىلىق تەرىپى .

1. زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىقى :- تەييارلانغان بىر ئىستاكان زەنجىۋىل سۈيىگە تۇز ، ئاچچىق سۇ قوشېۋتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ، باش ئاغرىقى ، سوغۇقتىن بولغان زۇكام ۋە يۆتەلگە بولغان ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ .



2. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش :- (شەقىقە)  باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغان ۋاقىتتا زەنجىۋىل سۈيىگە ئىككى قولنى چىلاپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزغان ۋاقىتتا باش ئاغرىقى ئاستا - ئاستا قويۇپ بىرىدۇ .

3. يۈز قىسمىغا دانخورەك چىقىپ قىلىش :- ھەركۈنى ئەتىگىنى كەچتە زەنجىۋىل سۈيىدە يۈزنى يۇيۇشنى 60 كۈن ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە ، يۈزدىكى يارا ئېغىزىنى ئاستا -ئاستا يوقاتقىلى ، ھەمدە قۇرغاق تېرىلەرنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .

4. بەل ئاغرىغىقى :- زەنجىۋىل سۈيىگە ئازراق تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئۇنىڭدا لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ بەل قىسمىغا تېڭىپ بىرىمىز ، بۇنى بىر كۈندە نەچچە قېتىم تەكرار ئالماشتۇرۇپ قىلساق بولىدۇ . بەل قىسمىغا ئىسسىق ئۆتۈپ قان ئايلىنىشنى راۋاجلاندۇرۇپ ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ .



5. پۇت پۇراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش :-  زەنجىۋىل سۈيىگە ئازراق تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ پۇتنى 15 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ بەرگەندە پۇتنى راھەتلەندۈرۈپ پۇت پۇراشنى يوقىتىدۇ.

6. چىش ئەتراپىدا ياللۇغلىنىش بولسا :- زەنجىۋىل سۈيىگە ئازراق تۇز قوشۇپ ھەركۈنى ئەتىگىنى، كەچتە ئېغىزنى چايقاپ بەرگەندە چىش ئەتراپى ياللۇغلىنىشقا داۋا بولۇپلا قالماستىن گال ئاغرىقىغېمۇ شىپا بولىدۇ .

7. ئېغىز بوشلۇقى يارا بولۇپ قىلىش :- ھەر كۈنى زەنجىۋىل سۈيىدە ئىككى ئۈچ قېتىم ئەتراپىدا ئېغىزنى چايقاپ بەرگەندە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

8. چاچ كېپەكلىشىش :-  زەنجىۋىل سۈيىدە چاچنى يۇيۇپ بەرگەندە چاچ كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن چاچنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ باش قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .









【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读320
粉丝0
内容212