大数跨境

ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ شىپالىق رولى

ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ شىپالىق رولى 古丽热纳
2020-09-29
0



ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، توخۇ تۇخۇمى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئۆردەك تۇخۇمى توخۇ تۇخۇمىدىن چوڭ، شەكلى قېلىن.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى


ئۆردەك تۇخۇمى تەركىبىدە ۋىتامىنA، ۋىتامىنB، ۋىتامىنB2، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، ھەمدە تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.

ئۆردەك تۇخۇمى سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ھەم قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ مەنپىيلىكىنى تولۇقلاش، ئۆپكىنى تازىلاش، تولغاقنى توختىتىش رولى بار، يەنە چىش ئاغرىقىنى داۋالايدۇ.

ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ زەئىپلىشىشنى كەڭ دائىرىدە قۇۋۋەتلەندۈرۈش، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، قاننى تولۇقلاش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش، رولى بار.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئۆردەك تۇخۇمى مەنپىيلىك زەئىپلىشىشتىن ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئۆردەك تۇخۇمىنى ئوبدان پىشۇرۇپ ئاندىن يېيىش كېرەك، چۈنكى خام ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ بەزىلىرىدە سالمونېللا باكتېرىيەسى بار بولىدۇ، ئۇ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.

تورت، بولكا پىشۇرۇشتا ئۆردەك تۇخۇمى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.


ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ تەبىئىتى سوغۇققان مايىلراق، شۇڭا تال مۇسبەتلىكى يېتەرسىز، سۇغۇقتىن ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئۇنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. ئۆردەك تۇخۇمى تەركىبىدىكى خولېستېرول مىقدارىمۇ يۇقىرىراق، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، جىگە كېسىلى، بۆرەك كېسىلى بارلار ئۇنى ئازراق ئىستېمال قىلىشى لازىم.

Saklik健康网

【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读320
粉丝0
内容212