
قېرىشنى تىزلىتىدىغان يېمەكلىكلەر:

1. بەك تاتلىق يېمەكلىكلەر :
تورت، ئاق بولكا ، شاكىلات بۇنداق يۇقىرى شېكەرلىك يېمەكلىكلەر مۇتلەق سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ سەۋەب . قورقۇنچلۇق بولغىنى، ئۇ پەقەت سىزنىڭ بەدەن شەكلىڭىزنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، « گلىكوزىللاشقان رېئاكسىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ » ، تېرە تەشكىلاتىنىڭ قارىيىپ، چېكىنىپ ئۆزگىرىشنى ، كوللاگېن ئاقسىلى تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى تۆۋەنلىتىپ ، قارا پىگمېنت پەيدا قىلىدۇ ، قېرىلىق دېغى، دانىخورەك ، قاتارلىق تېرە مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بولۇپمۇ قىزلار چوقۇم «بەك تاتلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىزتۇتۇش كېرەك »

2. مايدا پىشۇرۇلغان كاۋاپ مەھسۇلاتلېرى
مايداپىشۇرۇلغان، قاينىتىپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنىڭ ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپلا قالماي ،ئەگەر بەك مايلىق بولسا، ئۈچەي ، ئاشقازان ، قان تۇمۇر، قان بېسىمى يۈكى ئېشىپ كىتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئۇزۇن ۋاقىت يۇقىرى تېمپېراتۇردا ياغ قايناۋەرسە، بۇنىڭ بىلەن ياغدا خىمىيەلىك راك پەيدا قىلىدىغان ماددا ھاسىل بولىدۇ ، بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسى ، ئەزالارنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ . ئەگەر ھەقىقەتەن بەك يىگۈڭىز كىلىپ، نەپسىڭىز تاقىلداپ كەتسە، ھەرگىز يول بويىدىكى يايمىدا سىتۋاتقان ، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنى يىمەڭ ، ئۆزىڭىز ئۆيدە تېخىمۇ ساغلام ، تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىپ يەڭ ، سۈزۈپ ئالغاندىن كىيىن، يېگەن ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ياغلارنى ئىقىتۋىتىپ يېسە بولىدۇ .

3. تۇزلانغان يېمەكلىكلەر
سۈرلەنگەن گۆش ، چىلىغان چۈچۈمەل پۇرچاق ، ھەممىسى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ يېمەك - ئىچمەك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن رايونلاردا ھېيت - بايراملاردا تۇزلانغان سۈر گۆشلەرنى يەيدىغان ئۆرپ - ئادەت بار ، شۇڭا تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى يىيىش ، شۇنداقلا بىر خىل يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە . لېكىن بۇ يېمەك - ئىچمەك ، ساغلام قاتىل بولۇپ قالىدۇ . ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ، تۇزلانغان يېمەكلىكلەردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى ، نىتروئۇس كىسلاتا تۇزى مىقدارى يۇقىرى ، راك پەيدا قىلىش خەۋپ - خەتىرى بار . ئۇندىن باشقا، بىزنىڭ كۈندىلىك يېمەك - ئىچمىكىمىزدە يېتەرلىك تۇز ئاللىقاچان قوبۇل قىلىنىدۇ ، تۇزلانغان يېمەكلىكنىڭ تۇز مىقدارى يۇقىرى ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپلا قالماي ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بار ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كىتىدۇ. 40 ياشتىن ئاشقان ئادەم ، چوقۇم تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك ۋە تەركىبىدە تۇز كۆپ بولغان تەم تەڭشىگۈچ ۋە قىيام قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك .

4. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش بۇيۇملىرى
مەركىزىي شەھەردىكى تۇرمۇش رېتىمى بارغانسېرى تېزلىشىپ كەتتى ، نۇرغۇن كىشىلەر قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن ، دائىم بىر قىسىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تېز تاماقلارنى يەيدۇ . مەسىلەن ، كولباسا ، چۈشلۈك تاماققا گۆش كونسېرۋاسى ، گۆش تالقىنى بېلىق تالقىنى قاتارلىقلار ، بۇ گۆشلەر تەمىنى يوقىتىپلا قالماي ۋە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكى بولۇپلا قالماستىن ، يەنە نۇرغۇن خۇرۇچ ۋە چىرىتىشتىن ساقلىغۇچى دورا ئىشلىتىلگەن بولىدۇ، پەقەت سىزدە گۆش يىگەن « گۈزەل خىيالىي تۇيغۇ »نى پەيدا قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە يېگەن ھەممىسى تۇز ۋە دورا - دەرمەك . يۇقىرى تۇز ھۈجەيرىنى تېزلەتكۈچ ، ۋە تۇزلانغان يېمەكلىكلەر قاتارىدا بېرتەرەپ قىلىنىدۇ ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش مەھسۇلاتلىرىنى تېرىگە ۋە سالامەتلىككە نىسبەتەن ياخشى ئەمەس ، يەنىلا ئاز يېيىش تۈزۈك . گۆش يىگۈمىز كەلسە يېڭى گۆش ئېلىپ ، نەخ ئېلىپ نەخ يىيىش ئەڭ ساغلام ئىش ھىساپلىنىدۇ.

5. يۇقىرى مايلىق يېمەكلىك
بەك مايلىق يىمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ ، سېمىز گۆش، ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى، خام قايماق، قاقلىما يېمەكلىك، بۇ خىل يۇقىرى مايلىق يىمەكلىكلەرنى چوقۇم ئاز يېيىشىمىز كېرەك ، بولۇپمۇ بەرەڭگە ياپراقچىسى ، پىرەنىكقا ئوخشاش ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك ، گەرچە پەقەت بىر كىچىك پارچە بولسىمۇ لېكىن تەركىبىدىكى ياغ ۋە ئىسسىقلىقنىڭ يۇقۇرىلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ . ماي ھىدروپېروكسىدى زىيادە كۆپ بولۇپ ياغ بەدەندە ئۇرېئا ھاسىل قىلىدۇ ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوكسىدلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، شۇڭا قاندا ياغ بار كىشلەر ھەرگىزمۇ ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك.ئادەتتە ماي تەركىبى تۆۋەن بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.مەسلەن:تۇخۇم،سۈت قاتارلىق.ماي تەركىبى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي بەلكى ئاياللارنىڭ تىرىسنىڭ قىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتۈر قىرىتىدىغان يېمەكلىك.



