大数跨境

ھەركۈنى ئەتىگەن بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرگەندە

ھەركۈنى ئەتىگەن بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرگەندە 古丽热纳
2021-03-01
1


ھەسەل داۋالىق ھەم غىزالىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، كىشلەر ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلدىغان ياخشى تەبىئىي يىمەكلىك ، ھەسەل ئادەتتە ئاق ھەسەل ، سېرىق ھەسەل، قارا ھەسەل ۋە ھەسەل جەۋھىرى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. ھەسەلنىڭ سۈپىتى ھەسەل ھەرىسى ئىستېمال قىلغان گۈل چېڭىنىڭ سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سېرىق ھەسەل ئاساسلىقى تېبابەتچىلىكتە دورا ياساشتا، ئاق ھەسەل يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. 

ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەبئىتى قۇرۇق ئىسسىق، ھەسەلنى ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بەدەننى ۋە مېڭىنى قۇۋەتلەپ ئاشقازان، ئۈچەي، كاناي، ئۆپكە، كۆكرەك كېسەللىكلىرىگە، ئەر ئاياللاردىكى بەدەن ئاجىزلىققا شىپا قىلىدۇ. ھەسەل يەنە كۆز، قۇلاق، ئېغىز، بۇرۇن قاتارلىق بەش ئەزانىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش خۇسۇسىيىتىگىمۇ ئىگە. 

ھەركۈنى ئەتىگەندە بىر قوشۇق ھەسەلنى بىر پىيالە قايناق سۇدا (يەنى تىمپىراتورىسى 50گىرادۇس بولسا مۇۋاپىق) ئېرىتىپ ئىچىشكە ئادەتلەنسە، نېرۋا ئاجىزلىق ۋە ئاشقازان ئاغرىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، بەدەننى قىزىتىش ئارقىلىق يەلدىن بولغان كېسەللىكلەرنى ۋە قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ .





【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212