大数跨境

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرەي دېسىڭىز

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرەي دېسىڭىز 古丽热纳
2021-04-05
1


ئۇنۇتقاقلىق ھازىرقى كىشىلەردە ئورتاق كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ئاجىزلىشى چوڭ مېڭە ئاجىزلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بايقىشىچە، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يېمەكلىك ئارقىلىقمۇ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.

1.كالا سۈتى

كالا سۈتى بىر خىل مۇكەممەل ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتى بولۇپ، تەركىبىدە مول ئاقسىل، كالتسىي ھەمدە چوڭ مېڭە ئېھتىياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتاسى بار؛ كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالتسىي بەدەنگە ناھايىتى ئاسانلا سۈمۈرىلىدىغان بولۇپ، مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددا ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، تەركىبىدە يەنە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىگە پايدىلىق بولغان ۋىتامىن B1 قاتارلىق ئېلېمىنتلار بار؛ زېھىننى زىيادە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىق بولسا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان ئىسسىق كالا سۈتى ئىچكەندە ئۇيقۇنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدۇ.

2.تۇخۇم

چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيەت ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ئاجىز-كۈچلۈكلۈكى چوڭ مېڭىدىكى ئاتسېتىلخولىن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، تۇخۇم ئىستېمال قىلىشنىڭ پايدىلىق تەرىپى، تۇخۇم سېرىقىدىكى لېتسىتىن ماگنىي تەرىپىدىن پارچىلانغاندىن كېيىن، مول بولغان ئاتسېتىلخولىننى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، قانغا كىرىپ، يەنە ناھايىتى تېزلا مېڭە توقۇلمىلىرىغا يېتىپ بېرىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ؛ چەت ئەل تەتقىقاتلىرىدا دەلىللىنىشىچە، كۈندە 1~2 تال تۇخۇم ئىستېمال قىلغاندا، ئورگانىزىملارنى يېتەرلىك خولىن بىلەن تەمىنلەيدۇ، چوڭ مېڭىنى قوغداش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە بەلگىلىك پايدىسى بار ئىكەن.

3.بېلىق تۈرىدىكىلەر

بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىنى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە كالتسىي بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ تاتلىق سۇ بېلىقلىرى تەركىبىدىكى ياغ كىسلاتاسىنىڭ كۆپىنچىسى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، مېڭە ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىغا زىيىنى يوق؛ ئەكسىچە، مېڭە قان تومۇرلىرىنى قوغدايدۇ، چوڭ مېڭە ھۈجەيرە پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.

4.قوناق

قوناق بىخى تەركىبىدىكى كۆپ خىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرىنىڭ مېڭە قان تومۇرلىرىنى قوغداش ۋە قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار؛ بولۇپمۇ، قوناق تەركىبىدە گىلۇتامىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ؛ دائىم قوناق ئىستېمال قىلغاندا، بولۇپمۇ يېڭى قوناق مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە.

5.چېچەكسەي

چېكسەي نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، غەمدىن خالاس قىلىدۇ؛ بىراق چېسەكسەي ئىستېمال قىلغاندا زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خام يېمەسلىك ياكى ئايرىم قورۇپ يېمەسلىك كېرەك.

6.پالەك

پالەك تەركىبىدە مول ۋىتامىن A، C، B1 ۋە B2 لار بار بولۇپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىدىكى ئەڭ ياخشى تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا خلوروفىل بار بولۇپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە؛

7.يەر ياڭىقى

يەر ياڭىقى تەركىبىدە فوسفالىن ۋە لېتسىتىن بار بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسى ئېھتىياجلىق بولغان مۇھىم ماددا ھېسابلىنىدۇ؛ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كىچىكتۈرۈپ، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئۇيۇشىشىغا قارشى تۇرۇپ، مېڭىدە قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە قارشى تۇرىدۇ؛

تەجرىبىلەردە دەلىللىنىشىچە، دائىم يەر ياڭىقى ئىستېمال قىلغاندا، قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىكەن.

8.قىزىلمۇچ

قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى بارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، كاروتىن ۋە ۋىتامىننىڭ مىقدارىمۇ مول؛ قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى ماددىلار تەم سەزگۈسىنى غىدىقلاپ، ئىشتىھانى ئاشۇرۇپ، چوڭ مېڭە قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

9.ئاناناس

ئاناناس تەركىبىدە كۆپلىگەن ۋىتامىن C ۋە مىكرو ئېلېمىنت ماگنىي بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن؛ دائىم ئىستېمال قىلغاندا، روھنى كۆتۈرىدۇ، يەنە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش رولىمۇ بار؛







【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212