


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئۆيدە مۇراببا ياساش بەك ئاسان بولۇپ كەتتى، بۇنى ئۆگنىۋىلىڭ
ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
بولكا ماشىنىسىدا بۆلجۈرگەن قىيامى ياساش

ماتىرىياللار: بۆلجۈرگەن (بىر كىلوگرام)، شېكەر(600 گىرام)
باسقۇچلار:
1. بۆلجۈرگەننى تۇزغا چىلاپ 20 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز چايقىۋىتىپ، سۇنى سىقىۋىتىمىز.

2. كىچىك قىلىپ توغرىۋالىمىز

3. مېۋە قىيامى ماشىنىسىغا سالىمىز.

4. ئارىلاشتۇرۇۋالىمىز.

5. بولكا ماشىنىسىغا سېلىپ، ئاق شېكەرنى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.

6. بولكا ماشىنىسىنىڭ قىيام ياساش دېگەن كۇنۇپكىسىنى بېسىۋالساق بولىدۇ.

7. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن ھىم ئوراپ ساقلىساق بولىدۇ.

2. قارىقات مۇرابباسى

ماتىرىياللار: قارىقات (بىر كىلو)، قومۇش شېكىرى (مۇۋاپىق مىقداردا)، ناۋات (مۇۋاپىق مىقداردا)
باسقۇچلار:

1. قارىقاتنى تۇزغا 10 مىنۇت چىلايمىز، ئاندىن پاكىز يۇيۇپ قازانغا سېلىپ تەييارلىۋالىمىز، قومۇش شېكىرى، ناۋاتنى تەييار قىلىۋالىمىز.
2. قازاندىكى قارىقاتنى سۇس ئوتتا 20-30 مىنۇت قاينىتىۋالىمىز، ئارىلىقتا ناۋات ۋە قومۇش شېكىرىنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەيمىز، ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەرگىزمۇ سۇ ئارىلىشىپ قالمىسۇن، قارىقات شېكەر ۋە ئىسسىقلىق تەسىرىدە ئۆزىدىن سۇ چىقىدۇ.

3. قاينىتىۋالغاندىن كېيىن سۇيۇقلۇق بولىدۇ، بۇنى قويۇپ سوۋۇتىمىز، ئاندىن ھىم قاچىغا سېلىپ ساقلايمىز، ئادەتتە بىر ئايدا يەپ بولسىڭىز بولىدۇ.
بۇ ئەنئەنىۋى كورىيىچە مۇراببا ياساش ئۇسۇلى، بۇ ئۇسۇل بىلەن بۆلجۈرگەن، ئالما مۇرابباسى قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.


