大数跨境

شەخسى ئايروپىلانى بار جۇڭگولۇق 10داڭلىق چولپان

شەخسى ئايروپىلانى بار جۇڭگولۇق 10داڭلىق چولپان 古丽热纳
2020-01-15
1



ئىچكىرىدىكى داڭلىق رېژىسسور فېڭ شياۋگاڭ دائىم ئاددىي-ساددا ھالدا يولغا چىقىدۇ. لېكىن، ئاز بولمىغان تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، فېڭ شياۋگاڭ يەنە بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ شەخسىي ئايروپىلانى بىلەن سەپەرگە چىقىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئايروپىلانى 10 مىليون يۈەنلىك N7256C تىپلىق ئايروپىلان بولۇپ، تۆۋەن دەرىجىدىكى مەھسۇلاتلار تۈرىگە كىرىدۇ. لېكىن، فېڭ شياۋگاڭ ئايروپىلانىنى ئايروپىلان ئىسكىلاتىدا ناھايىتى ياخشى ساقلايدۇ. پەقەت چوڭ تىپتىكى نوپۇزلۇق سورۇنلارغىلا ئايروپىلان بىلەن بارىدۇ.

9. فەن بىڭبىڭ

«مەلىكە خۇەنجۇ» فىلىمىدىكى جاۋ ۋېينىڭ يېنىدىكى كىچىككىنە بىر ئوبراز بىلەن جۇڭگودا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن داڭلىق نازىنىن چولپان فەن بىڭبىڭ داڭلانغانسېرى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قاتنىشىدىغان سورۇنلىرى كۆپىيىدۇ، ئۇنىڭ كىرىمىمۇ سۇ ئېرىققا يىغىلغاندەك يىغىلىپ كۆپىيىدۇ، دېگەن گەپ. فەن بىڭبىڭ نۇرغۇنلىغان سورۇنلارغا قاتنىشىشقا ئەپلىك بولۇش ئۈچۈن، 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا بىر شەخسىي ئايروپىلان سېتىۋالغان.

8. لى ليەنجيې

خەلقئارالىق داڭلىق گۇمپا چولپىنى لى ليەنجيې ئۆزىگە 30 مىليون يۈەنلىك شەخسىي ئايروپىلان سېتىۋالغان. دائىم ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئارىلىقىدا قاتناپلا يۈرىدىغان ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ھەم راھەت، ھەم بىخەتەر، ئۆزىگە تەۋە بولغان ئايروپىلاندا مېڭىش تولىمۇ بەختلىك بىر ئىشتۇر.

7. چېن داۋمىڭ

ئادەتتە تولىمۇ ئاددىي ساددا يۈرىدىغان چېن داۋمىڭنىڭمۇ شەخسىي ئايروپىلانى بار دېسە ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئۇ يەنە تېخى ئايرودرومنىڭ ئالماس ئەزاسى. ئۇنىڭ ئايروپىلانى ھەرقايسى دۆلەتنىڭ ھەرقانداق ئايرودرومىدا توختىغىلى بولىدۇ.

6. جاڭ زىيى

ھازىرقى خەلقئارا كىنو ساھەسىدىكى بىرىنچى جۇڭگولۇق ئايال چولپان جاڭ زىيىنىڭمۇ يولغا چىقىشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئالاھىدە بىر قاتناش قورالى بولۇشى كېرەك. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جاڭ زىيىنىڭ 50 مىليون يۈەنلىك پورشېن TB-9 تىپلىق شەخسىي ئايروپىلانى بار. بۇ ئايروپىلاندا پەقەتلا تۆت ئورۇن بار بولۇپ، بۇ جاڭ زىيىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىنى ۋە قىممىتىنى كۆرسىتىپ بەردى.

5. جوۋ جيېلۈن

مۇزىكا شاھزادىسى دەپ ئاتالغان جوۋ جيېلۈننىڭ قاتناش قورالى ۋە مۇزىكىسى ئوخشاشلا تولىمۇ سېھىرلىك. ئۇنىڭ موردانت 737 تىپلىق ئايروپىلانى بار بولۇپ، ئايروپىلان بۆلمىسىدە 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئولتۇرالايدۇ. يۈز مىليون يۈەن ئادەتتىكى ئادەملەر ئۈچۈن، ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان سان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، جوۋ جيېلۈن ئۈچۈن ئادەتتىكى پۇل. ئۇ ئادەتتە بىر قېتىملىق ناخشا كېچىلىكى قىلسىلا، بۇنداق پۇلنى بىردەمدە تاپالايدۇ.

4. چېڭلوڭ

چېڭلوڭ 200 مىليون يۈەن پۇل خەجلەپ، Legacy650 تىپلىق شەخسىي ئايروپىلانىنى سېتىۋالغان. بۇ ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق تەرىپىدە «龙» دەپ بەلگە بار ھەمدە ئۇنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «JackieChan» نىڭ قىسقارتىلمىسى بار. بۇ ئايروپىلاننىڭ 22 ئالىي دېرىزىسى، يېتەرلىك تەبىئىي نۇرى، توڭلاتقۇ، ھاراق ساقلاش ئىشكابى، قەھۋە ماشىنىسى، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق قاتارلىقلار بار. يەنە باشقا سودا ئىشلىرىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئايروپىلاندا سىمسىز تور ۋە ئېرىدىي يۇلتۇزلۇق تېلېفونمۇ بار. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ چېڭلوڭنىڭ 2-شەخسىي ئايروپىلانى ئىكەن.

3. جاۋ بېنشەن

جاۋ بېنشەننىڭ ئايروپىلانى بارلىقى ھەممە بىلىدىغان ئىش. «ئىتوت پادىشاھى» بېنشەننىڭ بۇ ئايروپىلانى دائىم ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئايروپىلانىغا يەنە سۇڭ زۇيىڭ، جاڭ بوجې، رىچاردسېن قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن ئولتۇرغان. ئۇنىڭ ئايروپىلانى ھەتتا ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئايرودرومغا توختىتىلسا، شەھەر باشلىقى ئاتايىتەن كېلىپ ئەھۋال سورايدۇ. جاۋ بېنشەننىڭ شەخسىي ئايروپىلانى 2009-يىلى كانادادىكى بىر ئاۋىئاتسىيە شېركىتى بىلەن دېيىشىپ، ئالاھىدە ياسالغان 17 كىشىلىك كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان بولۇپ، باھاسى 200 مىليونغا يېتىدۇ. ئايروپىلاندا قاۋاقخانا، ھۇجرا، ئىشخانا، ھەتتاكى چېنىقىش ئۆيىدىن تارتىپ بار.

2. لىن چىڭشيا

لىن چىڭشيانىڭ شەخسىي ئايروپىلانى «Bom-bardier Challanger» ناملىق ئايروپىلان بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك مېھمان بۆلۈمچىسى بار. ھەربىر ئورۇن 360گرادۇس پىرقىرايدۇ، ئولتۇرغىلى، ياتقىلى بولىدۇ. ئايروپىلاندا يەنە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق سەپلەنگەن ئالىي دەرىجىلىك ئاشخانا بار بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىسسىق يېمەكلىكلەردىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. بۇ تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ باھاسى 9 مىليوندىن 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولىدۇ.

1. ليۇ تاۋ

بىرىنچىلىككە تىزىلغىنى بولسا، «باي ئائىلىنىڭ كېلىن»ى ليۇ تاۋ (سۈرەتتىكى ئاق كىيىملىك) نىڭ شەخسىي ئايروپىلانى. ساھە ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئايروپىلاننىڭ ئىچىدە، چوڭ كارىۋات، ئاشخانا، تېلېفون، فاكس، مۇنچا قاتارلىق ھەممە نەرسە بار بولۇپ، باھاسى 300 مىليوندىن ئاشىدىكەن. داڭلىق ۋاسكېتبول چولپىنى مايكول گرادىي، ماشىنا پادىشاھى مايكول شۇماكېل ۋە گېرمانىيە ئالدىنقى نۆۋەتلىك زۇڭلىسى گېرخارد سكرودېرنىڭمۇ مۇشۇ تىپتىكى ئايروپىلانى بار ئىكەن

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

 چەمبىرىكىڭىزگە چىقىرىپ قويۇڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读320
粉丝0
内容212