

يېقىندىن بۇيان ھاۋا سوۋۇپ، زۇكامداپ يۆتەل بولۇپ قالغانلار كۆپىيىپ قالدى. يۆتەل بىر باشلاندىمۇ ئەتىدىن كەچكىچە ئۈزۈلمەي ئىچىڭىزنى پىشۇرىدۇ. بىز تۆۋەندە، ئاددىيغىنە بىر رېتسېپنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، مۇشۇ بويىچە تەييارلاپ ئىستېمال قىلسىڭىز، ناھايىتى تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرۈسىز، ئەگەر ئۈنۈمىنى كۆرسىڭىز باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئاساسلىق ماتېرىياللار:
ئاق تۇرۇپ، ھەسەل قاتارلىقلار.

تەييارلاش ئۇسۇلى ئالدى بىلەن تۇرۇپنى پاكىز ئاقلاپ ئۇششاق توغراپ، يېرىم قۇتا ھەسەل تەييار قىلىمىز .

توغرالغان تۇرۇپنى ھەسەلگە تۆكۈمىز. تۆكۈلىدىغان تۇرۇپنىڭ مىقدارى ھەسەلنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ بولسا بولىدۇ. ھەسەل قانچىلىك ئېگىزلىكتە بولسا شۇنچىلىك چىلاشقۇدەك تۇرۇپ تۆكسەك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ2 سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ، ئاندىن چوڭ قوشۇقتا بىر قوشۇق ھەسەل-تۇرۇپ سۈيى ياكى شىرنىسىدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىلمان سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ، ھەر كۈنى 5-4 ۋاق ئىچىپ بەرسە بولدۇ. ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ يۆتەل كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ.




