大数跨境

بۆرەك كىسلگە سەل قارماڭ! بۇنداق ئەگەشمە كسەللىكنى كەلتۈرۈپ چقردۇ

بۆرەك كىسلگە سەل قارماڭ! بۇنداق ئەگەشمە كسەللىكنى كەلتۈرۈپ چقردۇ 古丽热纳
2020-07-18
0
导读:بۆرەك راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇنچە تەسمۇبۆرەك مۇھىم ئەز



بۆرەك راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇنچە تەسمۇ

بۆرەك مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى .ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى سۈيدۈك ئارقىلىق زەھەرلىك، كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىش،شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ، گىلىكوزا، ئاقسىل ۋە ئاممونىي كىسلاتاسى قاتارلىق پايدىلىق ماددىلارنى ساقلاپ قېلىش .

بۆرەك راكى بۆرەك ھۈجەيرىسى راكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى. ئەمما،كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى ئىرسىيەت، تاماكا چېكىش، سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى داۋالاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۆپىنچە بۆرەك راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغاندىلا بايقىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ كېسەللىكىنى بالدۇر بايقىغىلى، ئالدىنى ئالغىلى بولمامدۇ؟ 

بۆرەك راكى بۆرەكنىڭ مەنبەلىك سۈيدۈك ئاجرىتىشى، سۈيدۈك نەيچىسىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدىن بولىدىغان بولۇپ، كۆپ كۆرۈلىدىغان بۆرەك ماھىيەلىك يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر . 

بۆرەك راكى قۇرامىغا يەتكەنلەردە كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ %2-%ى3ىنى،قۇرامىغا يەتكەنلەردە بولىدىغان بۆرەك يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسىنىڭ% 80-90ىنى ئىگىلەيدۇ. بىمارلار ئارىسىدا ئەرلەرنىڭ نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، 50ياشتىن 70ياشقىچە بولغانلار ئارىسىدا بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. ۋاقتىدا بايقىغىلى بولماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەسلەپكى باسقۇچىدا كىلىنكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ .

كۆپ ھاللاردا بەل ئاغرىش، قان ئارىلاش سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۆرەك راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، شۇنداقلا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە تۆۋەندىكى تەكشۈرتۈشلەرنى قىلىش كېرەك:

1-قورساقنى Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابى ياكى رەڭلىك كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا تەكشۈرتۈش كېرەك .

2-بۆرەكنى CTدا تەسۋىرلەپ تەكشۈرتۈش لازىم .

3-MRI تەكشۈرۈشىنى ئىشلىتىش كېرەك .

ناۋادا بىمارلارغا يود رېئاكسىيە قىلسا ياكى بۆرەك ئىقتىدارى سايىلەندۈرۈش دورىسىنى ئىشلىتىشكە ماس كەلمىسە،ئۇنداقتا چوقۇم CTنىڭ ئورنىغا MRIتەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىش لازىم .




【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212