
دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى قىش پەسلىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟
دىيابېت كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يىلمۇيىل ئېشىپ بارماقتا، بۇ كىشىلەرنىڭ ناچار يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. دىيابېت كېسىلىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت قان شېكىرى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ئاسانلا قان تومۇر، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارغا زىيان يەتكۈزۈپ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دىيابېت بىمارلىرى ئەڭ مۇھىمى قان شېكىرىنى كونترول قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
دىيابېت بىمارلىرى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا تۇرمۇشتىمۇ كېسەللىك پەرۋىشىنى ياخشى قىلىش كېرەك. تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ دىيابېت كېسىلىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ، دىيابېت بىمارلىرىدا قىش پەسلىدە «ئۈچتىن قورقۇش» ئەھۋالى بولىدۇ، بىمار چوقۇم مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىشتنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
1. بەك كۆپ يەۋېلىشتىن قورقىدۇ.

قىش پەسلى كىرگەندىن كېيىن تېمپېراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلەيدۇ، سوغۇق ھاۋانىڭ غىدىقلىشى بىلەن دىيابېت بىمارلىرىنىڭ تېنىدىكى كاتېخولامىن تۈرىدىكى ماددىلار ئادرېنالىننىڭ ئاجرىتىلىشى كۆپىيىدۇ، بۇ ھورمۇنلار ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشىنى نورمالسىزلاشتۇرۇپ قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن بەدەن ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ ساماۋار شورپىسى، گۆش تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك ئېستىمال قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش پەسلىدە ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ئاستىلايدۇ، دالا پائالىيىتىمۇ زور دەرىجىدە ئازىيىپ ئىسسىقلىقنىڭ خورىشى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇ ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ.
دىيابېت بىمارلىرىنىڭ قىش پەسلىدىمۇ يېمەك ـ ئىچمەكنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىپ تۇز ، ياغ ، قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى نورمال دائىرىدە ساقلاپ، قان شېكىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

2. زۇكام بولۇپ قېلىشتىن، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن قورقىدۇ.

قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ، دىيابېت بىمارلىرى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلمىسا ئاسانلا زۇكام بولۇپ قېلىپ، كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ قان ئارقىلىق ئۆپكىگە كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆپكىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر يۇقۇملىنىش يۈز بەرسە، قان شېكىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاسانلا باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دىيابېت بىمارلىرىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولۇپ، قان شېكىرىنى ياخشى كونترول قىلمىغاندا، ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.
شۇڭا دىيابېت بىمارلىرىنىڭ قىش پەسلىدە ئىسسىق ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىر قىسىم ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن بىمارلارمۇ ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەتسىمۇ بولىدۇ.
3. ئىسسىنغاندا كۆيۈپ يارىلىنىشتىن قورقىدۇ.

قىش پەسلىدە دىيابېت بىمارلىرىدا ئاسانلا پۇت كۆيۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ،بۇ ئاساسلىقى بىمارلار ئىسسىنغاندا، يۇيۇنغاندا زىيادە قىزىق سۇ ئىشلىتىپ، ئىككى پۇتى كۆيۈپ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا قىش پەسلىدە ھاۋا بىر قەدەر قۇرغاق بولۇپ تېرىگە سۇ يېتىشمەيدۇ، ئەگەر ياخشى پەرۋىش قىلىنمىسا ئاسانلا تېرىنىڭ تېرە تاشلىشى، يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر يارا ئېغىزىنى ۋاقتىدا ياخشى بىر تەرەپ قىلمىسا، ئاسانلا دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى قىش پەسلىدە پۇتىنى چىلىغاندا، يۇيۇنغاندا سۇ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشىنى، ئادەتتىمۇ قول -پۇت تېرىسىنى ياخشى ئاسرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.




