

بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ:
«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دا خاتىرىلىنىشىچە، قوي گۆشى بەدەنگە ماغدۇر كىرگۈزۈپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىكەن.

ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ:
قوي گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ئاقسىلنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، ئەمما خولېستېرىن تەركىبى نىسبەتەن تۆۋەن. قوي گۆشى تەركىبىدە ۋېتامىنلار مول بولغاندىن باشقا ، يەنە تۆمۈر، سىنىك، فوسفور قاتارلىق ئېلېمېنتلارمۇ بىر قەدەر كۆپ، شۇڭا قوي گۆشىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

قان تولۇقلايدۇ:
دائىم قوي گۆشى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ماددىلارنىڭ ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ:
بەدىنى ئاجىز كىشىلەر كۆپرەك قوي گۆشى ئېستىمال قىلىپ بەرسە، ماغدۇر تولۇقلاپ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ.
ئاشقازان ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ:
قوي گۆشى مۆتىدىل بولۇپ، مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ.
تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ:
قوي گۆشى تال زەئىپلەشكەن، ئىشتىھاسى ناچار كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ ھەم تالنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.
نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ:
نەپەس راۋان بولمىغان، دائىم يۆتىلىدىغان كىشىلەر قىش پەسلىدە قوي گۆشىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ، كۆڭۈلنى خۇشخۇي قىلىدۇ.

بەدەننى ئىللىتىدۇ:
قوي گۆشىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە بەدەننى ئىللىتىپ، سوغۇقتىن ساقلايدۇ.
راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ:
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، قوي گۆشىدە راك كېسىلىگە قارشى تۇرغۇچى ماددا بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا CLA كىسلاتاسى دەپ ئاتىلىدىكەن، CLAكىسلاتاسى بەدەندىكى راك پەيدا قىلغۇچى ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىدىكەن، بۇ ئاساسلىقى ئۈچەي راكى ۋە سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەن.
سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ:
قوي گۆشى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل ۋە مول ۋىتامىن بار. قوي گۆشى تەركىبىدىكى ياغنىڭ ئېرىش نۇقتىسى47 سېلسىيە گىرادۇس، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى37 سېلسىيە گىرادۇس، قوي گۆشى ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن بەدەنگە كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار سۈمۈرۈلىدۇ، لېكىن ياغ بەدەنگە سۈمۈرۈلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، قوي گۆشى ئادەمنى ئاسان سەمرىتمەيدۇ.



