大数跨境

شۇنچە يىل قىتىق ئىچىپ تېخىچە بۇنى بىلمەي يۈرۈپتۇق

شۇنچە يىل قىتىق ئىچىپ تېخىچە بۇنى بىلمەي يۈرۈپتۇق 古丽热纳
2020-06-24
8
导读:،



قېتىقنى ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئىچسىڭىز ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ

قېتىق كىشىلەر ئىنتايىن ياختۇرۇپ ئىچىدىغان ئىچىملىكلەرنىڭ بىرسى، ئۇ ئۈچەي يولىدىكى باكتىرىيەلەنى تازلايدۇ ۋە قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ. قېتىقنى قانداق ۋاقىتتا ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

1. ئەتتىگەندە قېتىق ئىچسە ئورۇقلاشقا ئەڭ ياخشى پايدىسى بار.

بەزى كىشىلەر تاماق يەپ بولۇپ قېتىق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئېغىرلىقنى ئاشۇرۋېتىدۇ. چۈنكى قېتىق تەركىبىدە ئەسلىدىنلا ئىسسىقلىق بار، تاماقتىن كېيىن ئىچكەندە ئىسسىقلىق تېخىمۇ ئېشىپ ئېغىرلىق ئېشىشقا سەۋەبچى بولىدۇ.

2. ئىشخانا خىزمىتى قىلىدىغانلار چۈشتىن قېيىن قېتىق ئىچىۋالسا ئېنفىرا نۇردىن ساقلايدۇ. 

تاماق يەپ بولۇپ كومپىيۇتىر ئالدىدا مىدىرماي ئولتۇرىدىغان ئىشخانا خىزمەتچىلىرىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا، تاماق يەپ بولۇپ، ئىككى سائەتكىچە قېتىق ئىچسە، سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ. 

3. قېتىق ئىچكەندە بىلىشكە تېگىشلىك 6 ئىش 

(1). قېتىقنى ھەر قانداق ئادەم ئىستىمال قىلغىلى بولمايدۇ. 1 ياشتىن كىچىك بالىلار ئىچسە بولمايدۇ. ئارتىرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش كېسىلى بار كىشىلەر ئىستىمال قىلسا كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. داۋاملىق قېتىق ئىستىمال قىلىشقا ماس كېلىدىغان كىشىلەر: داۋاملىق ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغان، كومپىيۇتىر مەشغۇلاتى كۆپ، دائىم قەۋزىيەت بوپ قالىدىغان كىشىلەر. 

(2). قورساق بەك ئاچقاندا ئىستىمال قىلغىلى بولمايدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەر قورسىقى ئاچقاندا دەررۇلا بىر دانە قېتىق ئىچىۋالىدۇ. بۇنداق قىلىپ قورسىقى تويغاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە تۈپتىن خاتا. ئېسىڭىزدە بولسۇن ھەرگىز ئاچ قورساققا قېتىق ئىچمەڭ. 

(3). قېتىقنى خالىغانچە باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ئىستىمال قىلغىلى بولمايدۇ. 

قېتىق نۇرغۇن يىمەكلىكلەر بىلەن ماسلىشىدۇ، بولۇپمۇ ئەتتىگەنلىكى بولكا-پىچىنىلەر بىلەن يېسە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپلا قالماي تەمى بەك پەيزى. بەزى يېمەكلىكلەر بىلەن تەڭ .ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ، مەسىلەن خىلورىد، ئانتىبىئوتىك، سۇلفۇنامىد قاتارلىق دورىلار. بۇلار قېتىق تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتا باكتىرىيىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. 

(4). سوغۇق ساقلاشقىلا بولىدۇ، ئىسسىق ئۆتكۈزسە بولمايدۇ. 

كۆپ قىسىم كىشىلەر قېتىق تەركىبىدىكى باكتىرىيەلەرنىڭ ياخشى نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بىراق ئۇلارنى قانداق ساقلاپ قېلىشنى بىلمەيدۇ. قېتىق ئىچىدىكى باكتىرىيەلەر ھەممىسى تىرىك باكتىرىيە بولۇپ، سوغۇق ساقلىغاندا بۇ باكتىرىيەلەر ساقلىنىپ قالالايدۇ. بەزى كىشىلەر ئىسسىتىپ ئىچىدۇ، بۇنداق قىلىش تۈپتىن خاتا. 

(5). مېۋە قېتىقىنىڭ ئوزۇقلۇقى ئۇنچىۋالامۇ چوڭ ئەمەس.

ئەگەر قېتىقنىڭ تەمىنى تېخىمۇ تەملىك قىلىمەن دېسىڭىز، ئۆيىڭىزدە بار بولغان مېۋىلەردىن ئازراق قاتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بازارلاردا ساتىدىغان مېۋىلىك قېتىق كۆپ قېتىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بولغاچقا ئۆزىڭىز قىلغان بىلەن ئوزۇقلۇقى ئوخشىمايدۇ. 

(6). قېتىقنى قانچە قويۇق قىلغانسىرى شۇنچە ياخشى بولمايدۇ. 

نۇرغۇن ئىستىمالچىلار قېتىق قانچە قويۇق بولسا شۇنچە ياخشى دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە قويۇق قېتىق تەركىبىگە يەنە نۇرغۇن ماددىلار قېتىلغان، بۇلارنىڭ بەدەنگە پايدىلىق تەرىپى يوق. 

● ● 





【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读618
粉丝0
内容212