

1. يۈزىڭىزگە دانىخورەك چىقىپ قالسا نېمە يەيسىز؟-قېتىق.

2. تېرىڭىزدە تەر تۆشۈكچىلىرى چوڭىيىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، نېمىگە تايىنىپ ھەل قىلىسىز؟- تەرخەمەك.

3. كۈز ۋە قىشتا، تېرىڭىز قۇرغاقلىشىپ كەتسە نېمىگە تايىنىپ نەملىكنى ساقلاپ قالىسىز؟-مايمۇن شاپتۇلى.

4. يۈزىڭىزدىكى سەپكۈننى سۇسلاشتۇرماقچى بولسىڭىز-پەمىدۇر.

5. نۇرلۇق كۆزۈم بولسا دېسىڭىز-سەۋزە.

6. ئەتىگەندە قەۋزىيەتنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلاي دېسىڭىز-سۇ.

7. ئاياللارنىڭ تېنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەندە-زەنجىۋىل.

8. خىزمەت بېسىمى ئېغىر، ھەمىشە بەل-مۈرىلىرىڭىز تېلىپ ئاغرىسا، نېمە يېسىڭىز ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ؟-ئۆرۈك مېغىزى.

9. نېمە يېگەندە ئاياللىق ھورمۇننى كۈچەيتىپ ياشلىق باھارىڭىزنى ساقلاپ قالىدۇ؟-كۈنجۈت ئۇمىچى.

10. نېمە يەپ بەرگەندە ئومۇرتقا ساغلام بولىدۇ؟-سۆڭەك شورپىسى.

11. تىرنىقىڭىزدا ئاق رەڭلىك داغلار پەيدا بولسا نېمە كەم؟- كالتسىي.

12. ئورۇقلاشتا نېمە يەيمىز؟-قوناق.

13.قايسى چاي سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەيدۇ؟-ئارپا چېيى.

14. بىر كۈن كومپىيوتېرغا قاراپ ئولتۇرۇپ كۆز قۇرغاقلىشىپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟-بانان يەڭ.

15. نېمىنىڭ زەھەر تازىلاش رولى بار؟-پىچەكگۈل.



