大数跨境

باچكا گۆشىنىڭ قۇۋۋىتىگە سەل قارىماڭ، 9مىكيان گۆشى تەڭ كېلەلمەيدۇ

باچكا گۆشىنىڭ قۇۋۋىتىگە سەل قارىماڭ، 9مىكيان گۆشى تەڭ كېلەلمەيدۇ 古丽热纳
2020-09-01
2
导读:باچكا گۆشىنىڭ قۇۋۋىتىگە سەل قارىماڭ، 9مىكيان گۆشى تەڭ


باچكا گۆشىنىڭ قۇۋۋىتىگە سەل قارىماڭ، 9مىكيان گۆشى تەڭ كېلەلمەيدۇ

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

بىر كىچىك  باچكىنىڭ گۆشى 9 دانە قېرى مىكيان گۆشىنىڭ قۇۋۋىتىگە تەڭ! كۈز ۋە قىشتا باچكا شورپىسى ئىچسىڭىز، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرىدۇ، روھىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ!

قىشتا كۆپچىلىك توخۇ گۆشىنى بىر قەدەر كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ. توخۇ گۆشى تاتلىق، بەدەننى ئىللىتىپ، تالنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ قان تولۇقلىغۇچى، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، مەنى پەيدا قىلىدۇ. بىراق توخۇ گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولسىمۇ، لېكىن 9 دانە توخۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىغا تەڭ كېلەلەيدىغىنى دەل − كەپتەر.

1. مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش

كەپتەر گۆشى گۆشلەرنىڭ سەرخىلىبولۇپ، ئۆزىنى كۈتۈش ئۈچۈن تەييارلانغان رولى ئەڭ ياخشى، شۇڭلاشقا دورا بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى ھاسىل بولىدۇ.

ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئىلمىدە: كەپتەر گۆش بەدەن ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ. مېڭىنى قۇۋۋەتلەش،ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە  پايدىلىق؛ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ قان شېكىرىنى تەڭشەيدۇ؛ چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، تېرىنى ئاق ھەم يۇمشاق قىلىش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش روللىرى بار دەپ ئىسپاتلىغان.

2. قان تولۇقلاش


خەلق ئارىسىدا كەپتەرنى « قانغا پايدىلىق قۇش» دەپ ئاتايدۇ.  قېنى ئاز كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىشىگە پايدىلىق.

3. خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش، قان تومۇرلارنى ئاسراش 

كەپتەر جىگىرى تەركىبىدە ئەڭ ياخشى بولغان ئۆت ئېلىمىنتى بولۇپ، بەدەندىكى خولېستېرىندىن ئوبدان پايدىلىنىپ، ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

4. تېرىنى ئاسراپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ


باچكا كەپتەر سۆڭەك تەركىبىدە مول بولغان كۆمۈرچەك ماددىسى  بولۇپ، بۇغا مۈڭگۈزى ئارىسىدىكى كۆمۈرچەك ماددىسى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدۇ. دائىم يەي بەرسە، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ياخشىلايدۇ. قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈزدىكى قىزىللىقنى ساقلاش رولى بار.

5. چاچنى قارايتىدۇ

كەپتەر گۆشى تەركىبىدە يەنە مول پانتوتېنىك كىسلاتا بولۇپ، چاچ چۈشۈش، ئاق چاچ ۋە ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ئاجىزلاپ كېتىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.

6. يارا ئېغىزنى تىز ساقايتىدۇ

باچكا كەپتەر تەركىبىدىكى تارماق زەنجىرلىك ئامىنو كىسلاتا ۋە ئارگىنىن، بەدەندىكى ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ جاراھەتنى تېز ساقايتىدۇ.

7. قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ

كەپتەر گۆشى ئاسان ھەزىم بولىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، يەلنى ھەيدەپ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارى بار. ئۇنىڭدىن باشقا قان زەئىپلىكتىن ھەيز توختاش، باش قېيىش، ھارغىنلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چىكىنىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ۋە داۋالاش رولى بار. 

8. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش

كەپتەر گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا، ياشانغانلار، ئاغرىقلار، كېسەلچان، ئوپېراتسىيە قىلىنغان بىمارلارغا قارىتا شۇنداقلا ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالىلارغا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. كەپتەر گۆشىنى ياشانغانلار دائىم يەپ بەرسە، جۈپ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى قان بېسىمى، قان تومۇر قېتىشىش ۋە نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە شىپا قىلىدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212