大数跨境

بەل-دۈمبىڭىز تېلىپ ئاغرىسا بۇلارنى يەڭ

بەل-دۈمبىڭىز تېلىپ ئاغرىسا بۇلارنى يەڭ 古丽热纳
2020-09-29
2
导读:ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ



ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بەل-دۈمبىڭىز تېلىپ ئاغرىسا بۇلارنى يەڭ

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەردە بەل-دۈمبە تېلىپ ئاغرىش ئەھۋالى بار، بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، ئۇزۇن ۋاقىت 

ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولماسلىق، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش، مۇسكۇل تارتىشىش، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەل-دۈمبە تېلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ئۈستىدىكى رەسىملىك ئېلانىنى چېكىپ قويۇڭ رەھمەت

ئۇنداقتا بەل-دۈمبە تېلىپ ئاغرىسا قانداق يېمەكلىكلەرنى يېسە ياخشى بولىدۇ ؟

1. قوي بۆرىكى

قوي بۆرىكى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، بەل ئاغرىقىنى داۋالايدۇ. ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرنىڭ قوي بۆرىكى ئىستېمال قىلىشى سۆڭەك ساقلىقىنى ۋە جىنسىي ئىقتىدارىنى ساقلاشقا پايدىلىق. قوي بۆرىكىدە ئاقسىل، ۋىتامىن A، تۆمۈر، فوسفور، سېلېن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى مول بولۇپ، قاننى ياخشىلاپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇنىڭدىكى تۆمۈر ماددىسى قىزىل قان ھۈجەيرىلىنىڭ سانىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭ مېڭىگە ۋاقتىدا ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.

2. كۈدە

كۈدىنىڭ تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئاشقازان، جىگەر، بۆرەكتىكى ئىسسىقنى ھەيدەپ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، بەلنى ئىللىتىدۇ. بەل مۇسكۇلى زەخمىلىنىش، قايرىلىپ كېتىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بەل ئاغرىقىنى پەسەيتىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

3. دولانا

دولانادا فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار مول بولۇپ، قان ئايلىنىشنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە تىنچلاندۇرۇش، ماينى تۆۋەنلىتىش، ئاغرىق توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

4. ئاغىچە

ئاغىچىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق. ئۇ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، زەھەرنى قايتۇرۇش، ھەيز ۋە تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش، يەلنى ھەيدەش قاتارلىق روللارغا ئىگە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ساپونىن تۈرىدىكى تەركىبلەر يەنە سىپازمىنى بوشىتىش، ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە.

 سالونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاستىدىكى رەسىملىك ئېلاننى چېكىپ قويۇڭ رەھمەت

【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212