大数跨境

◁ئۈجمە يەيدىغانلار چوقۇم كۆرۈڭ ھەم تارقىتىڭ بىلمەي يۈرۈپتۇق

◁ئۈجمە يەيدىغانلار چوقۇم كۆرۈڭ ھەم تارقىتىڭ بىلمەي يۈرۈپتۇق 古丽热纳
2020-05-23
0



ئوزۇقلۇق تەركىبى : - ئۈجمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولۇپ ، ئۇنىڭدا ۋىتامىن A ، B ، C ، گىلۇكوزا ، ئالما كىسلاتاسى ، ئاقسىل ، تانىن كىسلاتاسى ، كالتسىي ۋە ئانورگانىك تۇزلار بار . ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسلىق ئاق ئۈجمە ، قارا ئۈجمە ، شاتۇت قاتارلىق سورتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ . 

ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ : - ﮬﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ، بەزى كىتابلاردا مۆتىدىل دەپمۇ كۆرسىتىلگەن . جىگەر كېسەللىكى ، بەدەن ئاجىزلىق ، قان ئاجىزلىق ، بۆرەك ئاجىزلىق ، تال كىسەللىكى ۋە ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنى سەمرىتىشنىڭ شىپالىق تبىئى دورىسى ھېسابلىنىدۇ .

ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ : ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ ، جىگەر ھەم بۆرەكنى كۈچەيتىدۇ ، ئىچكى ئەزانى قۇۋۋەتلەيدۇ ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ ، ئىچ قېتىشنى داۋالايدۇ ، كەم قانلىق ، قۇلاق غۇڭۇلداش ، كۆز قاراڭغۇلىشىش كېسىلىگە ئالاھىدە پايدا قىلىدۇ . ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقىدا گلۇكوزا ۋە ئورگانىك كىسلاتا بار . 

ئۈجمە يۇپۇرمىقىنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق دەپ قارىلىدۇ . ئۇ يەل تارقىتىش ، قىزىتما قايتۇرۇش ، قاننى سوۋۇتۇش ، كۆزنى روشەن قىلىش ، ئىسسقتىن بولغان زۇكام ، يۆتەل ، باش ئاغرىقى ، كۆزنىڭ قىزىللىقىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دورا ھىساپلىنىدۇ . 

دورىلىق قىممىتى ئالاھىدە يۇقرى تەبىئى يىمەكلىك : - ئۈجمە مەي بولۇپ پىشقاندا ئۇنى ئوبدان قاينىتىپ ، شىرنە قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە ، قان كەملىك كېسەلىكى شىپا تاپىدۇ . ئۈجمە شىرنىسى يەنە بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدۇ ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ ، بەدەندىكى ھەرخىل توسالغۇلارنى ئېچىپ ، قان تومۇرنى تازىلايدۇ ، تال ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ ، تەرەتنى يۇمشىتىپ راۋانلاشتۇرىدۇ . 

بۆرەككە ياغ پەيدا قىلىدۇ ، يۆتەلنى توختىتىپ ئۆپكىنى ياشارتىدۇ ، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بولغان قان تۈكۈرۈشلەرگە شىپا بولىدۇ .

نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش شەربىتى تەييارلاش 

ئۈجمە سۈيىنى قازانغا تۆكۈپ پەس ئوتتا 15 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ ئىسسىق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ياكى شېكەر سېلىپ ، ئېرىپ سوۋۇغاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ ، سۈزۈلدۈرۈپ ، شېشىگە قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ . ھەر كۈنى 3 قېتىم ، ھەر قېتىمدا 20 گىرامدىن ئىچىدۇ . 

ئىشلىتىلىشى : - ماغدۇرسىزلىق ، ئۇيقۇسىزلىق ، ئۇنۇتقاقلىق ، قان ئازلىق ، نېرۋا ئاجىزلىق ۋە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ 


【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212