大数跨境

ئائىلدە يۆتەلنى داۋالاش رىتسىپلىرى- ساقلىۋىلىڭ

ئائىلدە يۆتەلنى داۋالاش رىتسىپلىرى- ساقلىۋىلىڭ 古丽热纳
2021-03-13
0





1. تۇرۇپ ، سۇڭپىياز ، زەنجىۋىلدا يۆتەل داۋالاش

ماتېرىيال : - تۇرۇپ بىر دانە ، سۇڭپىياز ئېقى 6 تال، زەنجىۋىل 15 گرام

تەييارلاش ئۇسۇلى : - 3 چىنە سۇ قۇيۇپ تۇرۇپنى قاينىتىپ ئاندىن ئۈستىگە  سۇڭپىياز ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ سۈيى تاكى بىر چىنە قالغانغا قەدەر داۋاملىق قاينىتىپ تەييارلايمىز . ئاندىن بۇنى كۆكتلىرى بىلەن قوشۇپ بىر قېتىمدا ئىستېمال قىلىمىز .



2. قارا شېكەر ، زەنجىۋىل ۋە چىلاندا يۆتەل داۋالاش

ماتېرىيال : - قارا شېكەر 30 گرام ، زەنجىۋىل 15 گرام ، چىلان 30 گرام


تەييارلاش ئۇسۇلى : - يۇقارقى خۇرۇچلارنى 3 چىنە سۇغا سېلىپ سۇنىڭ يېرىمى قالغىچە قايناتقاندىن كېتيىن بىر قېتىمدىلا ئىستېمال قىلىش كېرەك ، ئىچكەندىن كېيىن تەرلىسە كېسەل ياخشى بولۇپ كېتىدۇ .



3. نەشپۈت بىلەن سوغىگۈلدىن پايدىلىنىپ يۆتەل توختىتىش

ماتېرىيال : - يېڭى نەشپۈت 500 گرام ، سوغىگۈل تالقىنى 6 گرام ، ئاق شېكەر 30 گرام

تەييارلاش ئۇسۇلى : - نەشپۈتنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ئويۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىگە سوغىگۈل تالقىنى ۋە ئاق شېكەرنى سېلىپ كېسىپ ئالغان قىسمىنى ياپقاندىن كېيىن قاچىغا سېلىپ ھوردا دۈملەپ پىشۇرىمىز ، ئاندىن ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلىمىز.



4. تۇرۇپ ۋە قارىمۇچ يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشىتىدۇ .

ماتېرىيال : - تۇرۇپ بىر دانە ، ئاقمۇچ 5 تال ، زەنجىۋىل 3 يالپاق ، ئاپېلسىن پوستى 1 دانە .

تەييارلاش ئۇسۇلى : - يۇقارقى خۇرۇچلارنى سۇغا سېلىپ يېرىم سائەت قايناتقاندىن كېيىن  سۈيىنى كۈندە 2 قېتىم ئىچىپ بېرىمىز .



5. دوفۇ بىلەن قارا شېكەر يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشىتىدۇ .

ماتېرىيال : - دوفۇ 500 گرام ، قارا شېكەر ۋە ئاق شېكەردىن ھەر بىرىدىن 100 گرام .

تەييارلاش ئۇسۇلى : - دوفۇدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ ، تۆشۈك كە قارا شېكەر ۋە ئاق شېكەرلەرنى سېلىپ ئاندىن ئۇنى ھورلاندۇرۇپ يېرىم سائەت پىشۇرغاندىن كېيىن بىر قېتمدا ئىستېمال قىلىمىز ، بۇنى ئۇدا 4 كۈن ئىستېمال قىلىش كېرەك .



6. كۈنجۈت ۋە ناۋات سۈيى كېچىدە يۆتىلىشنى داۋالايدۇ .

ماتېرىيال : - خام كۈنجۈت 15 گرام ، ناۋات 10 گرام

تەييارلاش ئۇسۇلى : - كۈنجۈت بىلەن ناۋاتنى قاچىغا سېلىپ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ .



7. نەشپۈت بىلەن ھەسەل ئۇزۇن يۆتىلىشنى داۋالايدۇ .

ماتېرىيال : - چوڭ ئاق نەشپۈتتىن بىر دانە، ھەسەل 50 گرام .


تەييارلاش ئۇسۇلى : - نەشپۈتنى ئوتتۇرىدىن ئويۇپ ئۇنىڭ ئىچىگە ھەسەل قۇيۇپ دۈملەپ پىشۇرىمىز ، ئاندىن بۇنى ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە بىر تالدىن ئۇدا بىر نەچچە كۈن ئىستېمال قىلىمىز .



8. نەشپۈت بىلەن گۈلسامساق شورپىسى ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ .

ماتېرىيال : - گۈلسامساق 25 گرام ، نەشپۈت بىر دانە ، ھەسەل 20 گرام .

تەييارلاش ئۇسۇلى : - گۈلسامساقنى بىر كېچە سۇغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن ، ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ سۈيىنى گۈلسامساق بىلەن قوشۇپ يەل قازانغا سېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم چىنە سۇ قۇيغاندىن كېيىن بىر بيېرىم سائەت قاينىتىمىز ، گۈلسامساق پىشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يالپاغداپ توغرالغان نەشپۈت بىلەن ناۋاتنى سېلىپ يەنە يېرىم سائەت قاينىتىپ ئىستېمال قىلىمىز.






【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212