大数跨境

سالامەت بولاي دېسىڭىز كەچتە بۇ بىر نەچچە خىل تاماقنى يېمەڭ!!!

سالامەت بولاي دېسىڭىز كەچتە بۇ بىر نەچچە خىل تاماقنى يېمەڭ!!! 古丽热纳
2019-10-06
0
导读:ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ




كەچلىك تاماقتا ئاچچىق يەيدىغان ئادەملەر بارغانسىرى كۆپىيىپ قالماقتا. كەچتە بەك ئاچچىق ياكى بەك تۇزلۇق تاماق يېگەندە، كۆپ مىقداردىكى لازا، سامساق ۋە سۇڭپىياز قاتارلىق ئاچچىق نەرسىلەرنى يېگەندە، ئاسانلا ئاشقازاننى كۆيدۈرۈپ، ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ يولىدا تەتۈر ئېقىش پەيدا قىلىپ، قەۋزىيەت، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق مەسلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.


يېپىشقاق ۋە قاتتىق نەرسىلەر

كەچتە، ئاشقازان يۇمشاق ھەزىم قىلىشقا مۇھتاج. يېپىشقاق گۈرۈچ كومىلىچى، نىيەنگاۋ قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەر، ھەمدە مايدا پىشۇرغان، سۇ تەركىبى ئاز قاتتىق يېمەكلىكلەر، ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، بىۋاستە ئاشقازاننىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەمدە ھەزىم قىلىش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈرىۋىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا جىددىي خاراكتىېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇپ قالىسىز.


گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان يېمەكلىكلەر

كەچتە ھەزىم قىلىش جەريانىدا بىر قەدەر كۆپ گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، مەسىلەن، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، كاللەك بەسەي، كۆك لازا، پىدىگەن، بەرەڭگە، قوناق، بولكا قاتارلىق، ئادەمنىڭ قورسىقىنى كۆپتۈرۈپ، نورمال ئۇخلاشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.


ئېشىپ قالغان تاماق

نۇرغۇن ياشانغانلار ئىسراپ بولۇشىدىن قورقۇپ، كەچتە داۋاملىق ئېشىپ قالغان تاماقنى يەيدۇ. بولۇپمۇ ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولغان ئېشىپ قالغان بېلىق، گۆش قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەندىن كېيىن بەلكىم مىكروبتىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


مايلىق تاماقلار

مايلىق يېمەكلىكلەر مايدا قورۇلغان تاماقلارنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە خولېتسىتىرىن تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئاشقازان، ئۈچەي، ئۆت ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ خىزمەت بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

بولۇپمۇ «ئۈچ يۇقىرى» كىشىلەر تېخىمۇ كۆپرەك كونترول قىلىشى كېرەك


【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212