大数跨境

ئاياللار بالياتقۇسىغا پايدىسى بار 3 خىل يىمەكلىك- بىلىۋېلىڭ

ئاياللار بالياتقۇسىغا پايدىسى بار 3 خىل يىمەكلىك- بىلىۋېلىڭ 古丽热纳
2019-09-15
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ




ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

ئاياللار بالياتقۇسىغا پايدىسى بار 3 خىل يىمەكلىك- بىلىۋېلىڭ

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

 ئاياللار چوقۇم بالياتقۇ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.بىز تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يىمەكلىكنى يىيىش ئارقىلىق بالياتقۇ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.

1.  قىشلىق موگۇ

قىشلىق موگۇ بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان زەمبرۇغ بولۇپ،ئۇنىڭ تەركىۋىدە تالا بولۇپ ئۈچەي يولىنىڭ راۋانلىقىنى ياخشىلايدۇ،قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قىشلىق موگۇ يەنە قىشلىق موگۇ تالاسىنى ئىشلەپچىقىرىپ خولستىرىننى پارچىلايدۇ،بۇنىڭلىق بىلەن تۇخۇمدان خىزمىتى ياخشىلىنىدۇ.قىشلىق موگۇ قەنتى يەنە بەدەننىڭ ئىممۇنت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان بولۇپ،بالياتقۇنى باكتىرىيەلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ.

2. قارا پۇرچاق

قارا پۇرچاقنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان رولى بولۇپ، پۇرچاقلار پادىشاھى دەيدىغان نامى بار،ئۇ بەدەن ئاسراشتىكى ئەڭ ياخشى ئۆسۈملۈكنىڭ بىرى.قارا پۇرچاقنىڭ تەركىۋىدە مول مىقداردا ۋىتامىن بولۇپ، بەدەندىكى بىر قىسىم قالدۇق ماددىلارنى ھەيدەپ،بەدەننى كۈچەيتىدۇ. قارا پۇرچاق يەنە بالياتقۇنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،ئاياللىق ھورموننىڭ ئايلىنىشىغا ۋە ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئىشلىشىگە بەكمۇ پايدىلىق.تىبابەتتە ئىسپاتلىنىشىچە، قارا پۇرچاقنىڭ بۆرەكنى ئىسسىتىش،بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق روللىرى بار.قارا پۇرچاقنى داۋاملىق ئىستىمال قىلغاندا قېرىشنى ئاستىلىتىپ،قاننى تولۇقلاپ،ئادەمگە ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

3.  قارا چىلان

قارا چىلاننىڭ تەركىۋىدە نۇرغۇنلىغان مىكرو ماددىلار بولۇپ، تەبئىي تالا دىگەن نامى بار. بۇ ئاياللارنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىدۇ،قان ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشىلايدۇ.بۇنىڭدىن سىرت يەنە بۆرەكنى قۇۋەتلەپ،بالياتقۇدىكى سوغۇقنى ھەيدەيدۇ.قارا چىلاندىكى تۆمۈر ماددىسى قان ئالمىشىشقىمۇ پايدا قىلىدۇ.

بالياتقۇ ئاياللارنىڭ مەركىزى ئەزەلىرىنىڭ بىرىسى.ئۇ پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقىنىڭ مۇھىم ئاساسى.ئۇنى ئاسراش ئاياللارغا ساغلاملىق ۋە خۇشال كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا سىزنىڭ تېخىمۇ ياش ۋە ساغلاپ تۇرىشىڭىز ئۈچۈن ئاسراشنى بالياتقۇدىن باشلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读320
粉丝0
内容212