大数跨境

بۆرەك قۇۋەتلەشتە پۇل كەتمەيدىغان ئۈنۈملۈك ئالاھىدە تەدبىربلۋىلىڭ

بۆرەك قۇۋەتلەشتە پۇل كەتمەيدىغان ئۈنۈملۈك ئالاھىدە تەدبىربلۋىلىڭ 古丽热纳
2020-05-02
0
导读:بۆرەك قۇۋەتلەشتە پۇل كەتمەيدىغان ئۈنۈملۈك ئالاھىدە تەد


بۆرەك قۇۋەتلەشتە پۇل كەتمەيدىغان ئۈنۈملۈك ئالاھىدە تەدبىربلۋىلىڭ

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان يىمەكلىكلەر


كاشتان (粟子): كاشتاننىڭ تەبئىتى ئىسسىق ھەم يىيىشلىك، تالنى كۈچلەندۈرۈپ ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، پەينى چىنىقتۇرىدۇ.


پىچەكگۈل:山药 جۇڭيى تېبابىتىدىكى ئېسىل دورىلارنىڭ بىرى، ئۆپكە ۋە تالنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق، يەنە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننى روھلاندۇرىدۇ.


ئالقات قېقى:(枸杞子) دائىم يىسە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، جىگەرنى قوغدايدۇ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، بەل ئاغرىقىنى يەڭگىللىتىدۇ ۋە پەينى چىڭىتىدۇ، بۆرەك زەئىپلەشكەن ئوتتۇرا ياش ئاياللارنىڭ يىيىشىگە ماس كېلىدۇ.


قارا كۈنجۈت: (黑芝麻)ئىچكى بەش ئەزانى قوغدايدىغان پايدىلىق ياخشى يىمەكلىك. بۆرەك ۋەجىگەر ئاجىزلىقتىن پەيدا بولغان باش قىيىش، چاچ ئاقىرىش، چاچ تۆكۈلۈش، بەل ۋە تىز بۇغۇملىرى بوشىشىپ ئاغرىشلارغا پايدا قىلىدۇ.

ياڭاق: (核桃) بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ سۈيدۈك يولىنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، ئۆپكىنى ئىللىتىپ زىققىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىز،بېلى ئاغرىيدىغانلار، سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشكەنلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ.

قارا پۇرچاق: (黑豆) ئاتىلار قارا پۇرچاقنى«بۆرەك يىمىكى» دەپ ئاتىغان، تەبئىيىتى ئىسسىق ۋە يىيىشلىك، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش، جىگەرنى قوغداپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولى بار.


قارا گۈرۈچ:(黑米) بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، تالنى كۈچلەندۈرۈش، قاننى جانلاندۇرۇش ۋە جىگەرنى قوغداش رولى بار. باش قىيىش، قان ئازلىق، كۆڭلى ئېلىشىش، بەل ۋە تېز بوغۇملىرى بوشىشىپ ئاغرىش، بۆرەك ئاجىزلاپ سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ياقتۇرغان بولسىڭىز ئەڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ 



【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212