大数跨境

بىر تال تۇرۇپ 10 خىل دورىغا تەڭ ئەقىللىق ئادەم مۇشۇنداق يەيدۇ

بىر تال تۇرۇپ 10 خىل دورىغا تەڭ ئەقىللىق ئادەم مۇشۇنداق يەيدۇ 古丽热纳
2019-10-27
2
导读:بىر تال تۇرۇپ 10 خىل دورىغا تەڭ ئەقىللىق ئادەم مۇشۇنداق يەيدۇ




كونىلاردا :"قىشتا تۇرۇپ يازدا زەنجىۋى يەڭ ،دوختۇرنىڭ دورا يېزىشى ھاجەتسىز "دىگەن گەپ بار 

تۇرۇپنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى ،كۆكتاتلارنىڭ ئەڭ ياخشسى ھەم دورۇلۇق يىمەكلىك ،بۇنىڭ يەنە كىچىك ئادەمگىياھ دىگەن نامى بار  سالونىمىز بۈگۈن سىزگە تۇرۇپنىڭ ھەر خىل تاماق تۈرلىرىنى كۆسەتمەكچى 

تۇرۇپ ئۇزۇقلۇقى


تۇرۇپ بۇرۇندىن ھازىرغىچە ئالقىشلىنىپ كەلمەكتە ،تىببىي ئالىملىرىمىز مۇ تۇرۇپنى ھەر بىر تاماقتا كەم بولسا بولمايدۇ دېگەن ،

ياپونىيە ،ئەنگىلىيە ،ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پەن تېخنىكا ئالىملىرى ۋە ئۇزۇقلۇقشۇناسلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ،تۇرۇپ تەركىبىدە راكقا قارشى تۇرىدىغان ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئوزۇقلۇق تەركىب بارئىكەن .

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،تىببىي ئالىملار تۇرۇپنىڭ قان قۇيۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش رولى بولۇپ  ،بۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى قان بېسىم ،قان قېتىشلىق يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .

تۇرۇپنىڭ تەبىيىتى سوغۇق  بولۇپ ،قىشتا بۇنى كىچىك ئادەمگىياھ دەپ ئاتايدىكىن ،بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ قىشتا تۇرۇپ يىيىشنىڭ ئىككى خىل پايدىسى بار .


ئوت ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ


قىشتا ھاۋا سوغۇق ،كۆپىنچە كىشىلەر ئۆينىڭ ئىچىدە بولىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن پارنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئىسسىقى بىلەن ئادەم كۆپلىگەن ئىسسقنى يىغىۋالىدۇ ،قىشتا تۇرۇپنى كۆپ يىگەندە بۇ ئىسسىقنى يوقاتقىلى بولىدۇ .

ئۇزۇقلۇقنى تەڭشەش


ھاۋا سوۋۇسىلا ،كۆپىنچە كىشىلەر گۆش يەيدۇ ،يىمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەش نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئوتتۇرغا چىقسا ئەڭ مۇۋاپىق ئىسسىقنى ئالغۇچى يىمەكلىك . 

تۇرۇپ ياخشى بولغان بىلەن ،ھەممە كىشىنىڭ يېيىشى ناتايىن ، ئاشقازىنى  ياخشى ئەمەس كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ .


تۇرۇپنىڭ دورىلىق قىممىتى




بىر تۇرۇپ ئون خىل دورىغا تەڭ .ھەممىسىنىڭ ياخشى ئۈنۈمى بار ،تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ياقتۇرىدىغان كۆكتات تۈرى بولۇپلا قالماي دورىلىق قىممىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى .


 ئېغىز يارىسى 

تۇرۇپنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ،ئوخشاش مىقداردىكى قايناقسۇنى قۇيۇپ ،ئېغىزىمىزنى چايقايمىز ،باشتا يارا ئىنتايىن ئاغرىيدۇ ،بىردەمدىن كېيىن ئىنتايىن راھەت بولۇپ قالىسىز ،كبندە بىر قانچە قېتىم قىلغاندىن كېيىن ئېغىزىڭىز ئاغرىمايدىغان بولىدۇ .



 ئۈششۈك يارىسىنى داۋالاش


سوغۇق قىشتا ئۈشۈك يارىسى بولۇپ قالسا ،ئاق تۇرۇپنى پارچىلاپ قىزىتقاندىن كېيىن ،ئۇخلاشتىن بۇرۇن داۋالايدىغان ئورۇنغا سۈرتىسەك تېرە قىزىل ھالەتكە كېلىدۇ ،داۋاملىق قىلساق ،ئاستا ئاستا ساقىيىدۇ .


 گېلىڭىز ئاغرىسا 


گېلىڭىز ئاغرىسا30 گىرام تۇرۇپ ،زەيتۇن مېۋىسىدىن10تال بىرلىكتە شورپا قىلىپ چاي ئورنىدا ئىچسە ئاغرىققا پايدىسى بار .



 يۆتىلىش ،كۆپ تۈكۈرۈش 


يۆتىلىپ كۆپ تۈكۈردىغان ئادەم تۇرۇپنى يانچىپ ،ئازراق شىكەر قۇيۇپ دۈملەپ ،كۈندە بىر ئىستاكان ئىچسىڭىز مەنپەئەت قىلىدۇ .


 ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ مەسلىكنى يېشىدۇ 


تۇرۇپ سۇغاق بولۇپ ،باشتىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ،ھاراق ئىچىپ كەينىدىن تۇرۇپ يىسىڭىز باش قېيىش ،باش ئاغرىشنى توختىتىشقا پايدىسى بار .


 پۇتتىكى پۇراقنى يوقىتىدۇ 


تۇرۇپ تەركىبىدە مول يىمەكلىك تالاسى ،كالىتسىي ،فوسفور ،كالىي ،ۋىتامىن ،يۇپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار بولۇپ ،ئىممۇنىت كۈچىنى ،كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ، تۇرۇپنى قاينىتىپ پۇتنى ھورداپ يۇيۇپ بەرسە پۇتتىكى پۇراقنى يوقىتىدۇ ،بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك .

تۇرۇپنىڭ دورىلىق قىممىتى

 تۇرۇپ +نەشپۈت 

ئۆپكىنى ،ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ،بەلغەم بوشىتىدۇ

نەشپۈتنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار ،تۇرۇپ بىلەن بىللە شەربەت قىلىپ ئىستىمال قىلسا تۇرۇپتىكى ئاچچىق تەمنى يوقىتىپلا قالماي ،ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى .

كۈز ۋە قىش پەسلىدە ،تال ئاشقازان ياخشى ئەمەس ئادەم سۇغاق شەربەتنى ئىچەلمىسە ،ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ .

 تۇرۇپ + پىياز 

سۇغاقتىن بولغان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

كۈز قىش پەسلىدە ،ئاسدن زۇكام بولىمىز .زۇكام بولغاندا ئادەم ،سۇغاقتىن ،شامالدىن قورقىدۇ ،ئاز تەر چىقىدۇ ،بۇرۇندىن سۇ ئاقىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا ئىسسىق نەرسە يەپ بېرىش كېرەك ،

پىيازنىڭ غولىنى ،زەنجىۋىل ۋە تۇرۇپ بىلەن بىللە قاينىتىمىز ،زۇكامنى ياخشىلاپ ،زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

 تۇرۇپ +خەيدەي 

قالقانسىمان بەز ئىششىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
 

لامىنارىيە ۋە قىزىل دېڭىز يۈسۈنى تەركىبىدە يود مول بۇلۇپ . ئاق تۇرۇپ بىلەن لامنارىيەنى ئارىلاشتۇرۇپ شورپا قىلساق ،بەلغەمنى بوشىتىپ ، ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار ، قالقانسىمان بەز ئىششىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور ئۈنۈمگە ئىگە . 


 ئاق تۇرۇپ + قوي گۆشى 

جىگەرنى ئوزۇقلۇقلاندۇرۇپ ئىسسىقنى ئاشۇرمايدۇ

كۈز ۋە قىش پەسلىدە قوي گۆشى يېسە سوغۇقنى ھەيدەپ ، ئاشقازاننى ئىللىتىشقا پايدىلىق ، يەنە تەننى قۇۋۋەتلەپ قان تولۇقلاش ، جىگەرنى ئۇزۇقلاندۇرۇش  ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش قاتارلىق رولى بار .


لېكىن قوي گۆشىنى كۆپ يېسە ئاسانلا ئىسسىقلىق ئۆرلەپ قالىدۇ ، ئەگەر تۇرۇپ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ شورپا قىلىپ ئىچىپ بەرسە ، بەلغەمنى بوشىتىش ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش رولى بار  ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ماينى ھەيدەپ ، قۇۋۋەت  تولۇقلايدۇ . 


 ئاق تۇرۇپ + تاپان بېلىق 

تالنى ساغلام قىلىپ ھۆللۈكنى راۋانلاشتۇرۇش

ئاق تۇرۇپ بىلەن تاپانبېلىقىنى شورپا قىلىپ ئىچسە ،تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ھۆللۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ .

تۇرۇپنى سۈت رەڭلىك بېلىق شورپىسىغا قۇيسا ،ئادەم قارىسا بەك يىيىشلىك كۆرىنىدۇ .

تۇرۇپ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسىڭىز قىشتا ئاسان كېسەل بولمايسىز .


【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212