
1-رېتسىپ
قوۋزاقدارچىن 50 گىرام، مامىرانچىنى، شاھتەررە، سامساق پوستى 20 گىرامدىن
ياساش ئۇسۇلى: دورىلارنى 1.5 لىتىر سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرى سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ.
2-رېتسىپ
مامىرانچىنى مۇۋاپىق مىقداردا
ياساش ئۇسۇلى: مامىرانچىننى قاينىتىپ، سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە 1~2 قېتىم يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ.
3-رېتسىپ
نوقۇت ئۇنى، قىزىل قىچا 10 گىرامدىن
ياساش ئۇسۇلى: قىزىل قىچىنى قايناق سۇغا چىلاپ، شىرنىسىنى چىقىرىپ، نوقۇت ئۇنى قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يەرلىك ئورۇنغا زىماد قىلىنىدۇ.
4-رېتسىپ
سېرىق ھېلىلە، قارا ھېلىلە، مامىرانچىنى، ئەفسەنتىن 15 گىرامدىن شاھتەررە 20 گىرام.
ياساش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىللىمېتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
5-رېتسىپ
سامساق، ئەمەن 100 گىرامدىن، گۈڭگۈرت 10 گىرام.
ياساش ئۇسۇلى: دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ، قاينىتىپ، تىرىپلىرى سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.مەنبە: ماتىرىيالدىن ئېلىندى
دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويۇڭ باشقىلارمۇ پايدىلانسۇن .

