大数跨境

سۇلۇق قاپارتمىنى مۇنداق يۇقاتسىمۇ بولىدىكەن!!!

سۇلۇق قاپارتمىنى مۇنداق يۇقاتسىمۇ بولىدىكەن!!! 古丽热纳
2020-11-10
5



قولىغا كىچىك سۇلۇق قاپارتما چىقىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنىڭ بىلەن سۈرتسىڭىز، قىچىشىشنىڭ قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ!

سىز قولىدا كىچىك سۇلۇق قاپارتما بار ئادەملەرنى كۆرگەنسىز، بۇلار بەزىدە بىر ئىككى، بەزىدە ناھايىتى كىچىك بىر پارچە بولىدۇ. . . . . . . 

مانا مۇنداق

ھەر يىلى ياز پەسلىدە  ئالىقان، قول بارمىقىغا قايتىدىن كىچىك دانچە چوڭ - كىچىك سۈزۈك  سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن سۇلۇق قاپارتما يېنىپ، قاسىراق تاشلاشقا باشلاپ، سەت كۆرۈنىدۇ، ھەم يەنە بەك قىچىشىپ كېتىدۇ . . . . . . . . بۇ ناھايىتى باش قاتۇردى . 

سۇلۇق قاپارتما دېگەن نىمۇ؟

بۇ كىچىك سۇلۇق قاپارتما ئەمەلىيەتتە تەر قاپارتقۇسى بولۇپ، تەر قاپارتقۇسى بولسا بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان تېرە كېسىلى. بىر خىل ئالىقان، تاپان قىسمى سۇلۇق قاپارتمىلىق كېسىلى. ئۇنىڭدا قىچىشىدىغان ياكى كۆيگەندەك سىزىم بۇلۇدۇ. ئادەتتە ياز پەسلىدە ئەڭ ئېغىر يۈز بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەر قاپارتمىسى ياشلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ . 

تەر قاپارتمىسى ئادەتتە ئۆزى 2 ~ 3 ھەپتىدىن كېيىن قۇرۇپ تېرە تاشلايدۇ، بۇ چاغدا ئاغرىق ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن . 

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەر قاپارتمىسى قايتا قوزغىلىدۇ، بەزىدە كونا قاپارتقۇ يېڭى قاپارتقۇ بولۇپ يەنە باشلىنىدۇ. ئۇ ھەم تارقاق ئۆسىدۇ، توپ - توپ پەيدا بولىدۇ، ئالىقاندا كۆپ پەيدا بولمايدۇ، بارماق يان تەرىپى ۋە ئۇچى قىسمىدا بولىدۇ. سىممېترىك تارقىلىش بولۇپ، تەلىيى كاج كىشىلەرنىڭ يەنە قول دۈمبىسىگە ياكى تاپان قىسمىغا چىقىدۇ. 

تەر قاپارتمىسى پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى نېمە ؟ يۇقۇملىنىش بارمۇ؟ 

تەر قاپارتمىسى پەيدا بولۇش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، نۆۋەتتە بۇ ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتىدۇ: زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىش( مەسىلەن، قىزىل رەڭلىك چاچ تەمرەتكە زەمبۇرۇغلىرى قاتارلىقلار )؛ ئاسان رېئاكسىيە قىلىدىغانلار؛ روھىي ئامىللار (مەسىلەن، تەشۋىشلىنىش، تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق قاتارلىق )؛ رېئاكسىيە مەنبەسىگە يېقىنلىشىشتىن ( مەسىلەن، نىكېل، بېنزىدىن، فۇراتسىللىن، كالىي دىخرومات قاتارلىق )؛ ئىرسىيەت ئامىللىرى؛ قۇياش نۇرىنىڭ قىزىتىشى قاتارلىق. تەر قاپارتمىسى تكېسەللىك تۈپەيلىدىن قوزغاتقۇچى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس، شۇڭا يۇقۇملۇق خاراكتېرگە ئىگە ئەمەس. 

ئەستە چىڭ تۇتۇڭ: قول قىسمىدا كىچىك سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولغاندا،جىددىيلىشىپ بېرىپ ئۇنى قىرىپ چىقىرىۋەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر قىچىشقاندەك ھېس قىلسىڭىز تاتلىماڭ، بۇنداق قىلغاندا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. 

تەر قاپارتقۇسى چىقىپ قېلىش ئېغىر ئىش ئەمەس، ئادەتتە پەقەت ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قىچىشىش تۇيغۇسى بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بولمىسا، ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، بەلكىم قىچىشىش تۇيغۇسى كۈچۈيىشى مۇمكىن، يەنە بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن . 

قىچىشىش ۋە تېرە زەخمىسى نىسبەتەن روشەن تەر قاپارتمىسى بىمارى، چوقۇم ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك،

ياخشى داۋالاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلدۇ. 

بۈگۈن كۆپچىلىككە سۇلۇق قاپارىتمىنى يۇقۇتۇشنىڭ ئەپچىل چارىسىنى ئۆگۈتۈپ قوياي.

كىچىك سۇلۇق قاپارتمىسىنى يۇقۇتۇشنىڭ ئەپچىل چارىسى

بىرىنچى قەدەم: خام زەنجىۋىلنى توغرىۋالىمىز.

ئىككىنچى قەدەم: خام زەنجىۋىلنى قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە ئاق ھاراق ( ئاق ھاراق يوق بولسا، ئىسپىرت ) نى قۇيىمىز. 

ئۈچىنچى قەدەم: تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن بىر سائەت قۇيۇپ قويىمىز. بىر سائەت تىندۇرۇشنىڭ رولى بولسا سىڭجاڭنىڭ ئىچىگە ئىسپىرت پۇرىقىنى سىڭدۇرۇپ كىرگۈزۈش. 

ئاخىردا، پىلتىگۈچنى سۇيۇقلۇققا چىلاپ، سۇلۇق قاپارىتما چىققان ئورۇنغا سۈركەيمىز.

پەقەت كۈندە 3 تىن 5 قېتىمغىچە قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ سۈركەپ سۈركەپ بېرىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، پەقەت ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە قولدىكى سۇلۇق قاپارتما تەبىئىيلا يوقاپ كېتىدۇ . 

بۇ كىچىك ئەپچىل چارە ناھايىتى ئاددىي، ئىنتايىن ئەمەلىي، ئەگەرسىز ياقتۇرغان بولسىڭىز، دەرھال بېرىپ سىناپ بېقىڭ.

● ● 






【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读320
粉丝0
内容212