
قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەرتەركىبىدە ۋېتامىن E، مىس، ماگنىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولۇپ، نۇرغۇن ئوزۇقشۇناسلار كۈندە بىر سىقىم قاتتىق شاكاللىق مېۋە يەپ بەرگەندە سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى›› دە يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە: ئوخشاش بولمىغان قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان شىپالىق رولى بار، دەپ كۆرسىتىلدى.
خولېستېرىن مىقدارى ئېشىپ كەتسە، ئۆرۈك مېغىزى يەڭ: تېنىدىكى خولېستىرېن مىقدارى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر بىر مەزگىل كۈندە 74 گرام ئۆرۈك مېغىزى يېيىشنى داۋاملاشتۇرسا، قاندىكى زىچلىقى تۆۋەن ياغ ئاقسىلى %9.4 تۆۋەنلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېغىرلىقىمۇ ئېشىپ كەتمەيدىكەن.
دىيابېت كېسىلىڭىز بولسا يەر ياڭىقى يەڭ: قاندا ياغ تەركىبىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئىككىلەمچى دىيابېت كېسىلى پەيدا بولۇشنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ، يەر ياڭىقى يەپ بەرگەندە قاندىكى ياغ تەركىبى تۆۋەنلەيدىكەن. شۇڭا كۈندا 30 گرام يەر ياڭىقى يەپ بېرىش كېرەك ئىكەن.
ئۆپكىڭىز ناچار بولسا پىستە يەڭ: پىستە تەركىبىدىكى ۋىتامىن E ئۆپكىنى ئاسراپ، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كۈندە بىر سىقىم پىستە يەپ بەرگەندە ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىز تۆۋەنلەپ كەتسە، ياڭاق يەپ بېرىڭ: ئامېرىكا تۇفتىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى كۈندە 45 گرام ياڭاق يەپ بەرسە ياشنىڭ چوڭىيىشى بىلەن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ياڭاق چوڭ مېڭىنى ئاسرايدۇ.

