
ھازىرقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ياتقىنىچە يانفۇن ئوينايدىغان ئادىتى بار. بۇ بىر ناچار ئادەت بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك زىيانلىق تەرەپلىرى بار:
ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، يانفون ئېكرانىنىڭ رادىئاتسىيەسى ئادەم بەدىنىدىكى بىر خىل مېلاتونىن دەپ ئاتىلىدىغان ئىچكى ئاجرالمىنىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، مېلاتونىن ئادەمنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇخلىتىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ئاجرالما ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ياتقاچ يانفون ئويناش يەنە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، شۇنداقلا يەنە ئۇيقۇغا كىرىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ، ئۇخلاش ۋاقتىنىقىسقارتىۋېتىدۇ.

شۇڭا ئۇخلاشتىن ئاۋۋالقى بىر سائەت ئىچىدە يانفون ئوينىماسلىق، تېلېۋىزور كۆرمەسلىك كېرەك. ئىسسىق سۈت ئىچىش، پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش، باش ۋە ئومۇرتقىنى ئۇۋۇلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە پايدىلىق.

ئاسانلا پەي غىلىپى ياللۇغىغا گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ.
كېچىدى يانفون ياكى تەكشى ئېكرانلىق كومپيۇتېر ئوينىغاندا، بارماق ۋە بېغىش تەكرار ھەرىكەتلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتقاچ ئوينىغاچقا تىرەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى باش بارماق، بېغىش ۋە جەينەكنىڭ ھەممىسى ئاسانلا پەي غىلىپى ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ. ئەتىگەن تۇرغاندا بۇ ئەزا ۋە ئورگانىزىملارنىڭ ئاغرىپ، ئىششىپ، ھەرىكەتلىنىشكە قولايسىز بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. شۇڭا يانفونغا قارىغاندا ئۇزاققىچە بىرلا قىياپەتنى ساقلىۋالماسلىق، پات-پات كۆپ ئىشلەتكەن ئەزالارنى ئۇۋۇلاپ بېرىش لازىم.

ئاسانلا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ
بويۇننىڭ قۇرۇلمىسى ئاسانلا زورۇقۇش ئارقىلىق زەخملىنىپ قېلىشنى بەلگىلەيدۇ. ھالبۇكى ئۇزۇن مۇددەت يانفون ئىشلىتىش، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن ئاۋۋال مۇشۇ خىل ناچار قىياپەتتە يانفون ئويناش ناھايىتى ئاسانلا بويۇن مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسىنى تۈزلەپ، ئومۇرتقىلانىڭ ئارىسىدىكى نېۋرون ۋە قان تومۇرلارنى بېسىش ئارقىلىق شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، باش قېيىش، باش ئاغرىقى، ھەتتا ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش، سۆڭەك ئۆسۈكچىسى پەيدا بولۇش، قول ئۇيۇشۇش، يەلكە ئاغرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ياشلىق مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ يەنىلا سالامەتلىكنى ئاسراش، ھەرگىزمۇ ياشانغان مەزگىل ئۈچۈن كېسەل جۇغلىۋالماسلىق كېرەك.



