

زەنجىۋىل
1
سەپەردە زەنجىۋىلنى قولىڭىزغا ئېلىۋىلىپ، ھەرۋاقىت بۇرنىڭىزغا ئەكىلىپ پۇراپ ئاچچىق پۇراقنى سۈمۈرسىڭىز بولىدۇ. ياكى زەنجىۋىلنى كىندىكىڭىزگە قويۇپ، دورىلىق پىلاستىر بىلەن مۇقىملاشتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئاپلىسىن پوستى
2
ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بىر سائەت ئەتراپىدا، يېڭى ئاپلىسىن پوستىنىڭ تېرىسىنى ئۈستىگە قارىتىپ ئىچىگە قاراپ قاتلايسىز، ھەمدە بۇرنىڭىزنىڭ تۆشۈكىگە يېقىن ئەكىلىپ سىقىسىز، ئاپلىسىن پوستىدىن پۇراقلىق بىر سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. ئون قېتىم ئەتراپىدا سۈمۈرسىڭىز بولىدۇ، كېيىنكى يولدا يەنە مۇشۇ ئامالنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ئاچچىقسۇ
3
ماشىنىغا چىقىشتىن ئاۋۋال بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىقسۇنى ئىچىۋەتسىڭىز يولدا بېشىڭىز قايمايدۇ.

نېيگۈەن پەللىسىنى بېسىش
4
ماشىنىدا بېشىڭىز قايغاندا، باش بارمىقىڭىز بىلەن نېيگۈەن پەللىسىنى(نېيگۈەن پەللىسى قول بېغىشىڭىزنىڭ ئالقان تەرىپى) باسسىڭىز بولىدۇ.



