
يۈزىڭىزنى بۇنداق يۇيسىڭىز60 ياشتىمۇ قورۇق چۈشمەيدۇ -ئەڭ يىڭى
بىز يۈزىمىزنى ھەر كۈنى يۇيۇپ تۇرىمىز، پەقەت كۈندە يۈز يۇيۇپ تۇرغاندا تېرىمىزنىڭ تېخىمۇ پاكىز بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ئەمەلىيەتتە، بىز يۈزىمىزنى يۇيغاندا داستىكى سۇغا ئازراق نەرسە سېلىۋەتسەكلا، تېرىمىزنى سۈزۈك، يۇمران، ئېلاستىكىلىق قىلالايمىز، بىز نېمىنى ساقلاۋاتىمىز، بىرلىكتە بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى. يۈزىمىزنى بۇنداق يۇيغاندا، 60 ياشقا كىرگەندىمۇ قورۇق چۈشمەيدۇ.
1. ئاچچىقسۇ

رولى: تېرىدىكى باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئاساسىق رولى: ئاچچىقسۇ تېرىنىڭ كىسلاتالىق ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭشەپ تېرىنى يۇمشىتىدۇ، باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تۆشۈكچىلەرنى راۋان قىلىدۇ، يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاچچىقسۇ تەبىئىي بولغان گۇرۇچتىن ياسالغان ئاچچىقسۇ بولسا ئەڭ ياخشى، باشقا ئاشلىقتىن ياسالغان ئاچچىقسۇ بولسىمۇ بولىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، تېرە ھۈجەيرىسىنىڭ نەملىكى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنىڭ پارقىراق ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، تېرىنى تېخىمۇ پاكىز قىلىپ،دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تەڭشەش ئۇسۇلى: ئاچچىقسۇ بىلەن سۇنىڭ نىسبىتى %5، بىر داس سۇغا 8- 7 تامچە تېمىتسىڭىز بولىدۇ.
2. يېشىل چاي

رولى: تېرىنى چىڭىتىپ رادىئاتسىيەنى توسۇپ قالىدۇ.
ئاساسىق رولى: چاي يوپۇرماقلىرىنىڭ ئىچىدە يېشىل چاينىڭ چاي پولىفېنولى ئەڭ يېتەرلىك بولۇپ، چاي پولىفېنولى ئوكسىدلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە، تېرىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەردە سىز كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان ئاق ياقىلىق ئايال بولسىڭىز، يۈزىڭىزنى يۇيغاندا سۇغا ئازراق يېشىل چاي سېلىۋەتسىڭىز ئۈنۈملۈك ھالدا رادىئاتسىيەنى توسۇپ قالىدۇ. چاي يوپۇرمىقىدىكى تاننىك كىسلاتا ئۈنۈملۈك ھالدا بىزنىڭ قۇرغاق تېرىمىزنى يوقىتىپ، تېرە پىگمېنتلىرىنىڭ قارىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زىيادە سېزىمنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئازايتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، چاي يوپۇرمىقىدىكى تاننىك كىسلاتا تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىنى ئاستىلىتىدۇ، كىچىك بالىلاردىكى ھۆل تەمرەتكىگىمۇ بەك ماس كېلىدۇ.
تەڭشەش ئۇسۇلى:بىر خالتا بولاقلىق يېشىل چاي ياكى 2 گرام يېشىل چاينى چۆگۈنگە سېلىپ 2لېتىر سۇ بىلەن قاينىتىپ، چاي سوۋۇپ ئىلمان بولغاندىن كېيىن يۈزىمىزنى يۇيىمىز.
3. تۇز

رولى: سېراتىن ۋە ماينى چىقىرىپ تاشلايدۇ.
ئاساسىق رولى: تۈز سۈيى بىلەن يۈزىمىزنى يۇيغاندا سېراتىننى چىقىرىپ تاشلاپ، تېرىنى چېڭىتىپ، قىزارغان تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. يەنە تېرىدىكى ماينى تازىلايدۇ، كىشىنى بىزار قىلىدىغان <<قارا>> لەرنىمۇ تۇز بىلەن ئاستا سۈرتسەك چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ؛ مايلىق تېرىگە ئىشلەتكەندىن كېيىن، بىر ھەپتە ئەتراپىدا يۈز تېرىسى يۇمران، سۈزۈك بولىدۇ.
تەڭشەش ئۇسۇلى: بىر داس سۇغا ئىككى قوشۇق تۇز سالسىڭىز بولىدۇ.
4. ھەسەل

رولى: قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئاساسىق رولى: ھەسەل كۈتىنىشتىكى ياخشى مەھسۇلات، تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلىدىغان ئاممۇنىي كىسلاتاسى،ئېنزىم، ھورمۇن، ۋېتامىن ۋە شىكەر ماددىسى بولۇپ، تېرە يۈزىدە بۇزۇلىشنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىش، قېرىش ۋە تېرە قۇغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.
تەڭشەش ئۇسۇلى: ئوتتۇرھال قۇرغاق دەرىجىدىكى تېرىنى، كۈندە يۈز يۇيىدىغان سۇغا 3- 2 تامچە ھەسەلنى تېمىتىپ، يۈز يۇيغاندا يۈز قىسمىنىڭ ھەممە يېرىنى ھۆل قىلپ ئاستا ئۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، بىر قانچە مىنۇت ئۇۋىلاپ بەرسەك بولىدۇ. مايلىق تېرىگە بۇ خىل ئۇسۇل ماس كەلمەيدۇ.
5. گۇرۇچ يۇيغان سۇ

رولى: ماينى تازىلاپ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ.
ئاساسىق رولى: گۇرۇچ يۇيغان سۇ بىلەن يۈزنى يۇيسا، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش ئۈنۈمى بەك ياخشى. چۈنكى گۇرۇچنىڭ سىرتقى يۈزىدە كالېي تەركىبى بولۇپ، يۈز قىسمىدىكى تۆۋەن كىسلاتانى تازىلاشقا بەكمۇ ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىتى مۆتىدىل، تېرىنى غىدىقلىمايدۇ، ئازراقمۇ ئەكس تەسىرى يوق، بولۇپمۇ ئاسان قاپارتما چىقىدىغان، تەر تۆشۈكچىلىرى چوڭ بولغان تېرىلەرگە ماس كېلىدۇ .
تەڭشەش ئۇسۇلى: شۇ كۈندىكى گۇرۇچ يۇيغان سۇنى قىززىتىپ ئىشلەتسىلا بولىدۇ، ئۈنۈمى بەك ياخشى.
6. شىكەر

رولى: سېراتىننى تازىلاپ،دانىخورەك ئىزىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
ئاساسىق رولى: شىكەر سېراتىننى تازىلاپ ماددا ئالمىشىشنى تېزلەشتۈرىدۇ، شىكەردىن ئايرىپ ئېلىنغان تەبىئىي تەركىبلەرنىڭ ئىچىدە كۆپ مىقداردىكى ۋېتامىن بار بولۇپ، تەبىئىي ئاقارتىش
مەھسۇلاتى ھېساپلىنىدۇ، شىكەردە VC ۋە B1、B2、B6 لار ئىنتايىن مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىخەتەر .
تەڭشەش ئۇسۇلى: يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ، مۇۋاپىق مىقداردا شىكەرنى ئالقىنىمىزغا ئېلىپ سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئەزگەندىن كېيىن، يۈزىمىزگە چاپلاپ بىر مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن يۇيىۋەتسەكلا بولىدۇ.



