
ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
زەنجىۋىل تەبىئىي ئاغرىق توختىتىش دورىسى : - زەنجىۋىلنى تۇز سۈيىدە قاينىتىپ ئاغرىغان ئورۇنغا تاڭسا ئاغرىق توختىتىدۇ .

تەكىيە كاۋا تەبىئىي ئورۇقلىتىش دورىسى : - تەكىيە كاۋا سۈيدۈك ھەيدەيدۇ ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىدۇ ، پور سېمىزلار تەكىيە كاۋا ئىستېمال قىلسا ئورۇقلاپ ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .

لىمون تەبىئىي زۇكام دورىسى : - لىمۇننى يالپاغداپ توغراپ ، ئازراق تۇز سېلىپ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ ئىچسە زۇكامنىڭ دەسلاپكى ئالامەتلىرى يوقايدۇ .

پىچەكگۈل تەبىئىي بۆرەك كۈچەيتكۈچى : - پىچەكگۈلنىڭ تەبىيىتى مۆتىدىل بولۇپ تال ، ئاشقازان ۋە بۆرىكى زەيىپلەشكەن كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ .

بانان تەبىئىي ئۇيقۇ دورىسى : - بانان تەبىئىي ئۇيقۇ دورىسى بولۇپ ، ئۇنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلسا سەمىرىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز ، ھەزىمنى ياخشىلاپ ، تەرەت ھەيدەيدۇ .

ھەسەل تەبىئىي ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورا : - يارا ئېغىزىغا ھەسەل سۈرسە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يارا ئېغىزىنىڭ پۈتىشىنى تېزلىتىدۇ .

ئۈزۈم تەبىئىي قېرىشنى كېچىكتۈرگۈچى دورا : - ئۈزۈم ئوكسىزلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى تەبىئىي ماددا بولۇپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

پەمىدۇر ئاپتاپتا كۆيۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا : - پىشۇرۇلغان پەمىدۇرنىڭ ئۈنۈمى خام پەمىدۇرغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ .

ئاق تۇرۇپ تەبىئىي ئاقارتقۇچى دورا : - ئاق تۇرۇپ تېرە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، قارا پېگمېنتنى تىزگىنلەپ تېرە ئاقارتىش رولىنى ئۆتەيدۇ .

كاللەكسەي تەبىئىي ئاشقازان دورىسى : - كاللەكسەينىڭ ئاشقازان ، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .

كەرەپشە تەبىئىي قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىسى : - كەرەپشە قان بېسىم چۈشۈرگەندىن سىرت قان تومۇر قېتىش ، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا قوشۇمچە ئۈنۈم بېرىدۇ .

دۇلانە قاندىكى ماينى تۆۋەنلەتكۈچى دورا : - دۇلانە كىسلاتالىق بولۇپ ، ئۇنى تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلغان ياخشى .

قارا ئۆرۈك تەبىئىي سۈرگۈ دورىسى : - قارىئۆرۈك قېقى قەۋزىيەت بولغانلارنىڭ ياخشى دوستى ، ئېسىل سۈرگۈ دورىسى ھېسابلىنىدۇ .

بۆلجۈرگەن تەبىئىي ۋىتامىن : - بۆلجۈرگەندە ۋىتامىن س مول بولۇپ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول .

خولوڭ مېۋىسى ئېغىر مىتاللاردىن زەھەرسىزلەندۈرگىچى دورا : - خولوڭ مېۋىسىنىڭ ئېغىر مىتاللاردىن زەھەرلىنىشكە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .

ئاناناس تەبىئىي ھەزىم قىلىشنى ياىشىلىغۇچى دورا : - ھەزىم قىلىشىڭىز ياخشى بولمىسا ئاناناس ئىستېمال قىلىڭ .

ئاق مور تەبىئىي ئۆپكە سىلىغلىغۇچى دورا : - ئاق مور ئۆپكىنى سىلىقلاپ ، ھۆسۈننى گۈزەللەشتۈرىدۇ .

ئاپېلسىن شەربىتى تەبىئىي چارچاشنى تۈگەتكۈچى دورا : - بىر ئىستاكان ئاپېلسىن شەربىتى ئىچسىڭىز روھىڭىز كۆتۈرلۈپ چارچاش ئالامەتلىرى يوقىلىدۇ .

بەرەڭگە تەبىئىي ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورا : - ھاراقتىن كېيىنكى باش ئاغرىقىنى بەرەڭگە ئىسېتمال قىلىش ئارقىلىق پەسەيتكىلى بولىدۇ .

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتما

