


سېتىشنىڭ 60 تەبىرى-قايتا قايتا ئوقۇڭ،ساقلىۋىلىڭ
.1 .يۈزى قېلىن، ئېغىزى تاتلىق، قولى چاققان بولۇشى؛ يۈزلۈك بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئاۋۋال يۈزى قېلىن بولۇشى،خېرىدارنى قولغا
كەلتۈرەلىشى كېرەك، شۇندىلا كېرىمى يۇقىرلاپ، دوست – بۇرادەرلىرى ئالدىدا پۇل تۆلەشنى تالىشىدىغان ۋاقىتتا يۈزى بولىدۇ
2.سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئازراق بۆرىدەك، ياۋايىلاردەك، باندىتلاردەك،
جۈرئەتلىك يۈرەك بولۇشى كېرەك
3. سېتىش ئادەتتىكى پائالىيەت، بىراق
بۇئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدىغان ئۇقۇم « ئاكتىپلار» بىلەنلا ئاندىن ئۈنۈم ھاسىل
قىلىدۇ
4. كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىدەك
نەتىجىگە ئېرىشىشتىن ئاۋۋال، ھېچقانداق
ئەمەلىي قىممىتى يوق خىزمەتكە تەييارلىقكۆرۈش كېرەك
5.سېتىشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىق، خىزمەت پىلانى، قەتئىي سەل قارىماسلىق، يەنى
تەييارلىق بولغاندىلا غەلبىنى قولغا
كەتۈرگىلى بولىدۇ. سېتىش قۇراللىرى ،
باشلاش سۆزى، سورايدىغان سوئاللار،
دەيدىغان گەپلەر ھەمدە بېرىدىغان
مۇناسىۋەتلىك جاۋابلارنى ياخشى تەييارلاش
6. ئىشتىن ئاۋۋالقى تولۇق تەييارلىق
ۋە نەق مەيداندىكى ھېسياتلاردىن
ئۇرغۇپ چىققان كۈچ، ناھايىتى
ئاسانلا كۈچلۈك رەقىبنى يېڭىپ
مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ
7. ئەڭ ياراملىق مال ساتقۇچى دەل
پوزىتسىيەسى ئەڭ ياخشى، بىلىمى ئەڭ مول، مۇلازىمىتى ئەڭ ئەتراپلىق مال
ساتقۇچىدۇر
8. شىركەت مەھسۇلاتىغا مۇناسىۋەتلىك
ماتېريال، چۈشەندۇرلۇش، ئېلان قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش،پىششىق بولۇش؛ ھەمدە رىقابەتچىلەرنىڭ ئېلانى،
تەشۋىقات ماتېريالى، چۈشەندۇرلىشى
قاتارلىقلارنى توپلاپ، تەھلىل قىلىپ، « ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى بىلىش»، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى بىلىپ،
مۇناسىۋەتلىك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى
بېكىتكىلى بولىدۇ
9. مال ساتقۇچى چوقۇم ئىقتىساد،
سېتىشقامۇناسىۋەتلىك كىتاب – ژورناللارنى كۆپرەك ئوقۇشى، بولۇپمۇ ھەركۈنى گېزىت ئوقۇپ،دۆلەت، ئىجتىمائىي خەۋەرلەر،
ئاخباراتلىق چوڭ ۋەقەلەرنى چۈشۈنىشى، خېرىدارلاربىلەن سۆھبەتلىشىپ تۇرىشى،
بۇلار ئەڭ ياخشى تېمىلار بولۇپ ھەرگىزمۇ
ئاقماس خەۋەر،بىلىمى تېيىز نەرسىلەر
ئەمەس
10. مال تېزىملىكىگە ئېرىشىش يولى خېرىدار ئىزدەشتىن باشلىنىدۇ، خېرىدارلارنى
تەربىيەلەش، كۆز ئالدىدىكى سېتىشتىن
مۇھىم، يېڭى خىېرىدارلارنى ئىزلەشنى
توختىتىپ قويغان مال ساتقۇچىنىڭ
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مەنبەسى يوق
بولغان بولىدۇ
11. خېرىدارغا پايدىسىز بولغان سودا مال
ساتقۇچىغىمۇ زىيانلىق، بۇ ئەڭ مۇھىم بولغان سودا ئەخلاق ئۆلچىمىدۇر
12. خېرىدارلارنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا، مال ساتقۇچى چوقۇم ئىشىنىدىغان ئۆلچىمى
بولسا « يېقىلسىمۇ يەنە بىر ئوچۇم قۇمغا
ئېرىشىش ». مەنىسى، مال ساتقۇچى
قۇرۇق قول قايتىپ كەلسە بولمايدۇ،
سېتىش مەغلۇپ بولسىمۇ، بىراق خېرىدار سىز ئۈچۈن يېڭى خېرىدارنى تونۇشتۇرۇپ
قويىشى كېرەك
13. خېرىدار تاللاش. خېرىدارنىڭ
سېتىۋېلىشنى خالىشى ۋە سېتىۋېلىش
ئىقتىدارىنى مۆلچەرلەش، ۋاقىتنى ھەرگىزمۇئىككىلىنىپ تۇرىدىغان كىشىلەرگە ئىسراپ
قىلماسلىق كېرەك
14. ئەڭ ياخشى بولغان بىرىنچى تەسىرنىڭئۆلچىمى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش
15. دېيىشكەن ۋاقىتتابېرىش ـ كېچىكىش
بولسا : « مەن سىزنىڭ ۋاقتىڭىزغا ھۆرمەت قىلمايمەن» دېگەنگەباراۋەر. كېچىكىشكە
ھېچقانداق باھانە يوق، ناۋادا كېچىكىشنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغان بولسىڭىز،
ئۇچرىشىشىدىغان ۋاقىتتىن بۇرۇن تېلفۇن
قىلىپ
كەچۈرۈم سوراپ، يەنە ئورۇنداپ بولمىغان سېتىش خىزمىتىڭىزنى قىلسىڭىز بولىدۇ
16. سېتىۋېلىش قارارىنى چىقىرىش
ھوقۇقى
سېتىۋالغۇچىدا بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ
مال سېتىۋېلىش ئوبىيكتىڭىزنىڭ
« سېتىۋالاي»دەيدىغان ھوقۇقى
بولمىسا، سىز ھېشقانداق نەرسىنى سېتىپ چىقىرالمايسىز
17 . ھەر بىر مال ساتقۇچى پەقەت
خېرىدارغاپۈتۈن دىققىتى بىلەن نەزىرىنى
ئاغدۇرالىسىلا، ئاندىن سېتىش
مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى تونۇپ
يېتىشى كېرەك.
18 . پىلان بولۇش ۋە تەبىيلا خېرىدارغا
يېقىنلىشىش، ھەمدە خېرىدارغا پايدىلىق
ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، سودىنى
ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ مال ساتقۇچىنىڭ
ئىشتىن ئاۋۋالقى تىرىشىپ ئورۇندايدىغان
خىزمىتى ۋە تەدبىرى.
19 . مال ساتقۇچى ھەرگىزمۇ ئۇ زىيارەت
قىلغان بارلىق خېرىدار بىلەن سودىدا
پۈتۈشۈپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇ تىرىشىپ
كۆپلىگەنخېرىدارلار بىلەن كۆرۈشۈپ
نىسبەتنى ئاشۇرىشى كېرەك.
20. خېرىدارنى چۈشۈنىشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ نەتىجىڭىزنى
بەلگىلەيدۇ.
21. ئەڭ ياخشى مال ساتقۇچى بولۇشتىن ئاۋۋال سىز ئەڭ ياخشى تەكشۈرگۈچى
بولىشىڭىز كېرەك.
22. ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىغا ئىشىنىش مال
ساتقۇچىنىڭ چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك شەرتى. سىز بۇئىشەنچنى ئۆزىڭىزنىڭ
خېرىدارغا يەتكۈزۈپ بېرىسىز. ئەگەر سىزنىڭ مەھسۇلاتقا نىسبتەن ئىشەنچىڭىزبولمىسا، سىزنىڭ خېرىدارىڭىزنىڭ تەبىيلا
ئىشەنچىسى بولمايدۇ.
23. نەتىجىسى ياخشى مال ساتقۇچى
مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلالايدۇ، قىسمەن
سەۋەبى بولسا ئۇلارئۆزىگە ۋە ئۆزى
سېتىۋاتقان مەھسۇلاتقا شەكسىز
ئىشىنىدۇ.
24. خېرىدارنى چۈشۈنۈش ۋە ئۇلارنىڭ
تەلىپىنى قانائەتلەندۈرۈش كېرەك.
25. مال ساتقۇچىغا نىسبەتەن، ئەڭ
قىممەتلىك نەرسە ۋاقىتتىنمۇ قىممەتلىك
بولمايدۇ.
26. سېتىش سوممىسىنى ئاشۇرىدىغان
ئۈچ خىل ئۇسۇل : بىرىنچىسى، پۈتۈن
زىھنىنى مۇھىم خېرىدارىغا
مەركەىزلەشتۈرۈش، ئىككىنچىسى، تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش ، ئۈچىنچىسى تېخىمۇ،
يەنە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش.
27. خېرىدارنىڭ يۇقىرى تۆۋىنى بولمايدۇ،
بىراق دەرىجىسى بولىدۇ .
28. خېرىدارغايېقىنلىشىشنىڭ مۇقىم
قائىدىسى يوق، ئىشتىن ئاۋۋال ھەرخىل
تىپتىكى خېرىدارلارغا قارىتا ئەڭ مۇۋاپىق
بولغان يېقىنلىشىش ئۇسۇلى ۋە باشلىنىش سۆزىنى ياخشى تەييارلىسىڭىز بولىدۇ.
29. سېتىش پۇرسىتى بولسا ، دەل ۋاقتىدا،تېز، توغرا ھۆكۈم قىلىش، ئىنچىكە دىتلىق
بولۇش، خاتالىقتىن ساقلىنىپ پۇرسەتنى
ئۆتكۈزۋەتمەي، تىرىشىپ پۇرسەت
يارىتىشتۇر.
30. زېھنىڭىزنى توغرا بولغان نىشانغا
مەركەزلەشتۇرۇڭ، ۋاقىتنىي توغرا ھەم
ئىشەنچىلىك بولغان خېرىدارغا ئىشلىتىڭ،
سېتىشتا يولۋاس كۆزلۈك بولۇڭ.
31. سېتىشنىڭ ئالتۇن مىزانى بولسا «
سىز باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق مۇئامىلە
قىلىشىنى ياقتۇرسىڭىز، سىز باشقىلارغا
شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ »، سېتىشنىڭ ئاق ئالتۇن مىزانى بولسا « باشقىلار ياقتۇرىدىغان ئۇسۇل بويىچە مۇئامىلە قىلىش»
32. خېرىدارىغا ئۆزىڭىز توغرۇلۇق
پاراڭ قىلغۇزۇڭ.
33. سېتىش خىزمىتىدە چوقۇم سەۋىرلىك،
توختىماستىن زىيارەت قىلىش،
جىددىيلەشمەسلىك، سەل قارىماسلىق،
كۆكسى قارنى كەڭ، ئەھۋالنى
كۆزىتەلەيدىغان، مۇۋاپىق سودىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
34. خېرىدارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغاندا،
ئاچچىقلانماستىن، خېرىدارنى قايىل قىلىش، ھەمدە يەنە خېرىدارنىڭ نېمە ئۈچۈن رەت
قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىغاندا، يەنە
ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك .
35. خېرىدارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى
سۈرۈشتۈرۈش، سېتىش مۇمكىنچىلىكى
بولمىسىمۇ، سەمىمىي ھالدائۇلارغا
چۈشەندۇرىشى، تونۇشتۇرىشى كېرەك.
36. خېرىدارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سېتىش،ھەرگىزمۇ ئۈنۈم مائاش ئۈچۈن ساتماسلىق كېرەك.
37. بۇ دۇنيادا، مال ساتقۇچى نېمىگەتايىنىپ كىشى قەلبىنى مايىل قىلالايدۇ؟ ئۇ بولسىمۇ ـ سەمىمىيلىك.
38. پۇل بولسا تەلەپ قىلىش ئەمەس بەلكىتولۇق ئورۇندالغان ۋەزىپە ئۈچۈن بېرىلگەن
قوشۇمچە نەرسە.
39. ئەڭ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىش
كېرەك.
40. سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق سىزنىڭ
مۇۋەپپەقىيەت فورمىلارىڭىزنى تېپىپ چىقىش ـ بىر قېتىملىق سېتىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن سىز قانچىلىك يىپ ئۇچچىغا موھتاج، قانچە
قېتىم تېلفۇن ئۇرۇش، قانچە قېتىملىق
كۆرۈشۈش، قانچەقېتىم مەھسۇلاتنى
چۈشەندۈرۈش قاتارلىقلاردىن تۈزۈپ
چىقىسىز.
41. قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىش.
42. خېرىدارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇڭ.
43. سېتىشتىكى مەغلۇبىيەتنىڭ بىرىنچى
قانۇنىيىتى بولسا: خېرىدار بىلەن يۇقىرى
تۆۋەنلىك تالىشىش.
44. ئاقىل رىقابەتچىنىڭ ئۇسۇلى بولسا
سالاپەت، مەھسۇلات، سەمىمىي
مۇلازىمەت ۋە كەسىپنى سۆيۈش روھى.
45. مالساتقۇچى بەزىدە ئويۇن قويغۇچىغا
ئوخشايدۇ، بىراق سېتىش ساھەسىگە
كىرگەندىن كېيىن، چوقۇم كەسىپنى
سۆيىشى، ھەم ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئەڭ
قىممىتىنى ۋەئەھمىيىتىنى بېلىشى كېرەك.
46. ئۆزىنى خۇشال قىلىش ـ بۇ ئەڭ مۇھىم شەرت. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان كەسىپنىقىزغىن سۆيسىڭىز، سىزنىڭ نەتىجىڭىز ئەڭ كۆرىنەرلىك بولىدۇ.
47. نەتىجە بولسا مال ساتقۇچىنىڭ جېنى، بىراق نەتىجىنى دەپ سودا ئەخلاقىغا رىئايە قىلماي، ھېچقانداق ۋاستە تاللىماسلىق
خاتادۇر.
48. مال ساتقۇچى ھەر يىل، ھەر ئايدىكى
نەتىجىسىنىڭ تەۋرىنىشىگە دىققەت قىلىشى، ھەمدە ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، كەتكۈزگەن
يەرلىرىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.
49. سېتىشتىن بۇرۇنقى ۋەدە سېتىشتىن كېيىنكىمۇلازىمەتكە يەتمەيدۇ، كېيىنكىسى خېرىدارنى بەكرەك مايىل قىلىدۇ.
50. ئەگەرسىز بىر خېرىدارنى رازى قىلىپ
يولغا سالسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ تەشۋىقاتچىڭىز بولۇپ،يەنە سىزگە خېرىدار تېپىپ بېرىدۇ.
51. ئەگەرسىزكونا خېرىدارىڭىزغا بولغان
مۇلازىمەتنى ياخشى قىلمىسىڭىز
رىقابەتچىڭىزگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن
بولىسىز.
52. بىز نۇرغۇن خېرىدارلارنى بەزىبىر
سەۋەنلىكلەر تۈپەيلىدىن يوقۇتۇپ
قويغانلىقىمىزنى ساناپ بولالمايمىز.
53. خېرىدارىغا خەت يېزىش سىزنىڭ باشقاسېتىش ۋەكىللىرىگە ئوخشىمايدىغان يېرىڭىز .
54. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا71%خېرىدارنىڭ سىزنىڭ قولىڭىزدىن
مەھسۇلات سېتىۋېلىشى ئۇلارنىڭ
سىزنى ياقتۇرغانلىقى، سىزگ
ەئىشەنگەنلىكى، ۋە سىزنى
ھۆرمەتلىگىنىكەن.
55. ئەدەپ- قائىدە، سىرتقى قىياپەت، گەپ – سۆز،يۇرۇش – تۇرۇش بولسا كىشىلەر
بىلەن ئالاقە قىلغاندا بېرىدىغان تەسىرنىڭ
ياخشى –يامان بولۇشنىڭ مەنبەسى، شۇڭا مال ساتقۇچى مۇشۇ جەھەتتە كۈچىشى
كېرەك.
56. كېيىم - كېچەك مۇكەممەل ئادەمنى
بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ، بىراق تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىكى تەسىرنىڭ 90% كېيىم-
كېچەكتىن كېلىدۇ.
57. بىرىنچى قېتىملىق سودا مەھسۇلاتنىڭ كۈچىدىن كېلىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىقى بولسا مۇلازىمەتنىڭ كۈچىدىن كېلىدۇ.
58. ئىشەنچ بولسا سېتىشتىكى ئەڭ مۇھىمكاپىتال.
59. خېرىدار بىلەن پاراڭلاشقاندا، سېتىش
تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.
60. مال ساتقۇچىغا نىسبەتەن سۆزلەش
ئاڭلاشتىن مۇھىم
دوستلار چەمبىرىكىڭىزگە ھەم بەھىرلەپ قويۇڭ

