ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەرلەر بۆرىكىنى قۇۋەتلەش مەزگىلىدە ئۈزۈمنى كۆپ يېسە بولىدۇ. چۈنكى ئۈزۈمدىكى مېنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى ناھايىتى مول، شۇنىڭدەك ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارىمۇ ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭدىن سىرت، ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىدە بولۇشى زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسى بار. ئەلۋەتتە مېۋىلەر ئۈزۈم بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.
تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل مېۋىمۇ بۆرەك قۇۋەتلەش رولىنى ئوينىيالايدۇ:

1.ئۈژمە
ئۈژمىنىڭ تەمى چۈچۈمەل، بىراق ناھايىتى سۇلۇق. ئەمەلىيەتتە، ئۈژمە بىۋاستە ھالدا ئادەم بەدىنىدىكى بۆرەككە ئۇدۇل بارىدۇ ۋە بۆرەكنى قۇۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر ئاياللار كۆپ يېگەندە، يەنە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

2.قارا چىلان
قارا چىلاننىڭ بەدەنگە بولغان ياردىمى ناھايىتى كۆپ. ئادەتتە قىزىل چىلان كۆپ يېيىلىدۇ، بىراق بۆرەك قۇۋەتلەشكە قارىتا، قارا چىلاننىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپ، قارا چىلاندا قىزىل چىلاندا بولمىغان ئاقسىل، ياغ، قەنت تۈرىدىكىلەر ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار.
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، شۇڭا بۆرەك قۇۋەتلەش رولىمۇ ناھايىتى روشەن.

3.لىجى مېۋىسى
كۆپىنچە دوستلار لىجى مېۋىسىنى يېيىشنى ياقتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە لىجى مېۋىسى بولسا ئوزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى مېۋە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى ۋە لىمون كىسلاتاسى مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى. ئەلۋەتتە تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ھەرخىل تۆمۈر ۋە كالتسىي ماددىسى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنى قۇۋەتلەش ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە تېرىنى سىلىقلاش ئۈنۈمىگىمۇ ئىگە.


