
قەرىزنى قايتۇرماي ھەمدە مۆكۈشمەك ئوينىغانلارنىڭ ئەدىبىنى مانداق بېرىمىز .

1- سوتقا ئەرىز سۇنغاندا تۆلەم پۇلى 10000 سومدىن تۆۋەن بولغاندا ، ئەرىز سۇنۇش چىقىم پەقەتلا 50 سوم . شۇڭا قەرزىم ئاز ، مېنى ئەرىز قىلمايدۇ دەپ ئويلىما ، بىر قاپ تاماكىنىڭ پۇلىغا سېنى ئەرىز قىلغىلى بولىدۇ
2- سوت ئەرىزنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ، بىرىنجى قېتىمدا كىلىشتۇرۇپ قويىمىز دەپ چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتىدۇ ، كەلسەڭ كەلدىڭ ، كەلمىسە ھېچقىسى يوق . كىلىشتۇرۇپ قويۇش مەغلۇپ بولغان بولىدۇدە

3- ئاندىن سوت ئېچىش توغرىسىدا چاقىرىق قەغىزى ئەۋەتىدۇ . بۇنىڭغا كەلمىسەڭمۇ مەيلى ، سوت ئوخشاش ئېچىلىپ ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ . ئاندىن سوت ھۆكۈمى ساڭا پوچتىدىن ئەۋەتىلدۇ .
4- ئەگەر ۋاقتى كەلگىچە پۇلنى ئۇرمىساڭ ، مەجبۇرى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىپ ، بارلىق بانكا كارتاڭ سولىنىپ قالىدۇ ، يەنى پۇل كىرىدۇ چىقمايدۇ .
تۈگدى ، مۇشۇنچىلىك ئاددى . يېڭى كارتا بىجىرسەڭمۇ ئوخشاش ، پۇل كىرىدۇ ، چىقمايدۇ .
ئەمما بۇ ئەڭ مۇھىم ئەمەس .
مۇھىم بولغىنى ئىناۋەتلىك خاتىرەڭگە چىكىت ئۇرۇلىدۇ . بۇندىن كىيىن ئىناۋەتلىك كارتىسى ياكى دەيكۆەن دىگەندەك نەرسىلەرنى ئويلىما بولدى . سەندىن يىراق بۇ ئىشلار .

2- چىكىت ئۇرۇلغاندىن كىيىن ، قارتىزىملىككە كىرىپ قالىسەن ، تېزسۈرئەتلىك پويىز ياكى ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇش چەكلىنىدۇ . باللىرىڭنىڭ مەكتەپ بۆلۈنىشىگە تەسىر يىتىدۇ .

خۇلاسە : بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىش پەقەت 50 سوم يىتەرلىك . شۇڭا قەرىزنى قايتۇرمىساممۇ ھېچنىم بولمايدۇ دەپ ئويلاپ قالما ، ئەلۋەتدە ئالغان قەرزىڭ 50 سومغا توشمىسا ماڭىمۇ ئامال يوق .
ئىناۋەت مۇھىم نەرسە ، كېيىنلىققا تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ .
ئىناۋىتىڭلارنىڭ قوغداڭلار ، قەرىزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇڭلار .

