大数跨境

ئاياللارنىڭ يۈزىنى بوۋاقلارنىڭكىدەك سۈزۈك قىلىشنىڭ 10خىل ئۇسۇلى

ئاياللارنىڭ يۈزىنى بوۋاقلارنىڭكىدەك سۈزۈك قىلىشنىڭ 10خىل ئۇسۇلى 古丽热纳
2019-12-02
7
导读:ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ



ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

يۈز تىرىسنى ياخشىلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى بىلىۋىلىڭ 

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىللىرىنىڭ چوڭىيىپ كىتىشى خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىللىرىنىڭ يوغىناپ كىتىشىنى تەر مايلىرىنىڭ كۆپلەپ ئاجىرىلىپو چىقىشى،دانخورەكنى قالايمىقان سىقىش،ئۆز تېرىگە ماس كەلمەيدىغان گىرىم بويۇملىرى بىلەن دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ناچار ئادەت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تېرىنىڭ قىرىپ بوشىشىپ كىتىشىگىمۇ سەۋەب بولىدۇ.

1. بانان،سۈت: ئاۋۋال بىر تال باناننى ئىزىپ،ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا سۈت قوشۇپ يۈزگە تەكشى سۈرۈپ،20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن يۈزنى پاكىز يۇيىۋەتسە،تېرىنى سىلىق ھەم پارقىراق قىلىدۇ.


2. تۇخۇم ئىقى: تۇخۇم ئىقى بىلەن ھەسەلنى تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كىيىن يۈزگە سۈرۈپ بەرسە تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ ھەم يۈزدىكى قورۇقلارنى ئازايتىدۇ.


3. زەرچېۋە پاراشۇكى(姜黄粉)،سۈت: زەرچېۋە پاراشۇكى بىلەن سۈتنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە ئاپتاپتىن كۆيگەن داغنى يوقىتىپ،يۈزدىكى سىرىق تۈكلەرنى ئازايتىدۇ.


4. ئارپا،پىشلاق،پەمىدۇرشىرنىسى: ئارپا، پىشلارق، پەمىدۇر شىرنىسىنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە تەكشى سۈرۈپ، 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن، يۈزنى سوغۇق سۇدا يۇيىۋەتسە، ئاپتاپتىن كۆيۈپ كەتكەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تېرىنى پارقىرتىدۇ.


5. بەرەڭگە پارچىسى: يۈزىدە سەبكۈن ۋە تارتۇق ئىزى بار خانىم-قىزلارخام بەرەڭگىنى يۈزىگە چاپلاپ بەرسە، سەپكۈن بىلەن تارتۇق ئىزىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.


6. تەرخەمەك پارچىسى: تەرخەمەك شىرنىسى ئەڭ ئىسىل تېرە چىڭايتىش سۇيۇقلۇقى ھىسابلىنىدۇ، ئۇنى يۈزىگە تەكشى سۈرۈپ 15 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن يۇيىۋەتسە يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىللىرى تارىيىدۇ.


7. چۈچۈك ئاپلىسىن شەربىتى: چۈچۈك ئاپلىسىن شەربىتى تەبئىي ئاقارتقۇچ ئاگېنىت بولۇپ،ئۇنى يۈزىگە سۈرۈپ بەرسە،ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن تېرىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە ئۈنۈمى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.


8. ھەسەل: ھەسەلنىڭ تېرىنى سىلىق،پارقىراق قىلىش ھەم قورۇقلارنى ئازايتىش رولى بار.


9. ماندارىن شەربىتى: ماندارىن شەربىتى  مايلىق تېرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقى بولۇپ،تېرىسى مايلىق خانىم-قىزلار ئۇنى يۈزىگە سۈرۈپ بەرسە تېردىكى ئارتۇق مايلارنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىرلىشىنى كونتىرۇل قىلىدۇ.

10. مۇز پارچىسى:مۇز پارچىسى تەر تۆشۈكچىللىرىنى تارايتىدۇ ھەم قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212