大数跨境

يارى يوقلار

يارى يوقلار 古丽热纳
2019-09-02
0
导读:بىر يېقىملىق ناخشا ياخشى تىكىست ۋە ئېسىل مۇزىكىنىڭ ئىج


بىر يېقىملىق ناخشا ياخشى تىكىست ۋە ئېسىل مۇزىكىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى بىلەن خۇشئاۋاز ناخشىچىنىڭ ئاۋازىدا ئاڭلىغۇچىلارغا سۇنۇلىدۇ. بۇ جەريان ئىجادىيلىق ۋە جاپا مۇشەققەتكە تولغان بولىدۇ. تۆۋەندە بىز يېقىندا كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان  كۈيلەرنىڭ ناخشا تىكىستىنى يازغان .ئىمىنجان مەمەتنىڭ ناخشا تىكىستلىرىنى ھۇزۇرىڭلارغا سۇندۇق


ئىمىنجان مەمەت تىكىستىنى يازغان يارى يوقلار ناملىق ناخشىنىڭ سىن نۇسخىسى:


 

يارى يوقلار

ئىمىنجان مەمەت


ياندۇرغاننى دەيدىكەن چىراق

كۆيدۈرگەننى دەيدىكەن پىراق

كۆيۈپ تۇرۇپ يا سۆيەلمىسەم

كۆيدۈرگىچە كەتكىنە يىراق


يارى يوقنى بىچارە دەيدۇ

يارى يوقنى ھەممە يەكلەيدۇ

يارالغان بىز جۈپتىمىز بىلەن

تەنھا يۈرسەك نېمە دەيدۇ


لالە دېدىم لالەدىنمۇ ئاق

يانالمىدىم كېچىلەر بىراق

كۈلدۈرمىدىڭ كۆيدۈرگەن بىلەن

كۆز قىسمايلا كەتكىنە ئوماق


ئىمىنجان مەمەت تىكىستىنى يازغان كۆڭۈللەر ناملىق ناخشىنىڭ سىن نۇسخىسى:


 

كۆڭۈللەر

ئىمىنجان مەمەت


ئاق تورنىغا ئايلانسام ئەگەر،

بىرگە ئۇچۇپ كېتەيلى دىلبەر.

سۆيمەك ئۈچۈن ئامرىغىم سېنى، 

قىسقا ئۆمۈر قانداقمۇ يېتەر.


يۈزلىرىڭگە باققۇم كېلىدۇ،

يامغۇر بولۇپ ياغقۇم كېلىدۇ.

بېلىق بولۇپ ئۈزسەڭ ئەگەردە

دەريا بولۇپ ئاققۇم كېلىدۇ!


باغرىمىزنى ھىجرانلەر   ئېزەر ،

سېنى سۆيگەن ئۆمۈرلەر  تۈگەر.

  سۆيۈلەرمۇ مىسكىن كۆڭۈللەر ،

ئەي، مۇھەببەت ماڭا جاۋاپ بەر.

【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212