ئۆزىڭىزنى ئاسراشتىكى ئەڭ ياخشى يىمەكلىك كاۋا
كۈز، قىش پەسلى كاۋا يىيىشنىڭ ئوبدان ۋاقتى، كاۋىنى ئاساسىي تاماق ئورنىدا ئىستىمال قىلسىڭىزمۇ، كۆكتات ئورنىدا ئىستىمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

1.كاۋا بەدەننى ئىللىتىپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، زۇكامدىن ساقلايدۇ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ
2.كاۋىنىڭ دېزىمفېكسىيەلەش، زەھەر ھەيدەش رولى بەك ياخشى
3.كاۋا تەركىبىدىكى مول ئۇزۇقلۇق ماددىلار ئۇنىڭ زەھەرلەندۈرۈش، تازلاش رولىنى بەلگىلەيدۇ.
4. كاۋا تەركىبىدە مولبولغان ۋىتامىن ۋە مىۋە يىلىمن بار بولۇپ، مىۋە يىلىمىنىڭ زەھەرنى ئۆزىگە سۈمۈرۈش رولى بولغاچقا بەدەندىكى زەھەرنى ئۆزىگە چاپلاشتۇرۇپ سىرتقا چىقىرىپ تاشلايدۇ.
5. ئاشقازان شىلىملىق پەردىلىرىنى ئاسراپ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ

6. كاۋا تەركىبىدىكى مىۋە يىلىمى ئاشقازان شىللىق پەردىنى قوغداپ يارلىنىشتىن ساقلايدۇ ، زەخمىلەنگەن ئورۇننىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىدۇ، كاۋا تەركىبىدىكى مول ئۇزۇقلۇقلار ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاشقازان ئۈچەي ھەركىتىگە ياردەم بېرىدۇ.

7. راكقا قارشى تۇرۇپ، بەدەننى ساغلام قىلىدۇ
8. كاۋا تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ئېلمىنىتلار كۆز ۋە يۈرەكنى ئاسرايدۇ، راكقا قارشى تۇرىدۇ، يەنە تېخى كاۋا ئۇرۇقى چوڭ مىڭە ساغلاملىقىغا پايدىلىق يىمەكلىكتۇر.
9. ئۆسۈپ يىتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ
10.كاۋا تەركىبىدىكى سىنىك تېرە ۋە تىرناق ساغلاملىقىغا پايدىلىق، شۇنداقلا سىنىك بەدەننىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق ئېلىمىنىت

كاۋىدىن قىلىنغان ئىسىل، يىيىشلىك تائاملار
تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقى كاۋىسى
ماتىرىياللار: كاۋا 200گىرام، تۇزلانغان تۇخۇمنىڭ سېرىقى بەش تال، ئۇن، پىياز، ياغ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا

ئىتىلىش ئۇسۇلى
1. تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقىنى ئاۋال ھوردا دۈملەپ پۇشۇرۋالىمىز، ئاندىن ئۇنى ئىزىپ تەييارلىۋالىمىز
2. كاۋىنى تەكشى ئۇزۇنلىقتا قىلىپ توغراپ ئازراق تۇز سېپىپ سۈيى چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئازراق ئۇن قۇيۇپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ توغراپ تەييارلانغان كاۋىنى پۇشۇرۇپ سۈزۋالىمىز
4. تۇخۇم سېرىقىنى قورۇيمىز، ئاندىن تەييارلانغان كاۋىنى قويۇپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز، ئاخىرىدا پىيازنى تەييارلانغان قورۇما ئۈستىگە تەكشى سېپىپ قويساق بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن رەڭ، مىزىلىك، يىيىشلىك تۇزلانغان تۇخۇم سېرىقى كاۋىسى تەييار بولىدۇ

پۇراقلىق كاۋا قۇتۇرمىچى
ماتىرىياللار : كاۋا 200گىرام، گۈرۈچ ئۇنى، شىكەر، ماي
تەييارلاش ئۇسۇلى
1. كاۋىنى ئاقلاپ، توغراپ تەييارلىغاندىن كېيىن گۈرۈچ دۈملەيدىغان قازاندا ياكى جىمبىلدا دۈملەپ پۇشۇرۋالىمىز
2. كاۋا پىشقاندىن كېيىن ئىسسىق ۋاقتىدا چوكا بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئازراق شىكەر قوشۇپ ئىزىۋالىمىز، ئاندىن 1:1 نىسپەتتە ئۇننى قۇيۇپ تەكشى ئىلەشتۈرۈپ، خېمىر ھالەتكە ئەكىۋالىمىز
3. تەييارلانغان خېمىرنى چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش قىلىپ ئۈزۈپ، شار شەكىلدە يۇمىلاق قىلىپ زۇۋۇلاپ ئاندىن بېسىپ پىرەنىك شەكلىگە كەلتۈرىمىز
4. ئاخىرىدا ماي قازىنىدا تەييارلانغان كاۋا پىرەنىكىنى ئالدى - كەينى ئوخشاش قىلىپ پۇشۇرساقلا بولىدۇ

كاۋا تەملىك گۈرۈچ تامىقى
ماتىرىياللار: چوڭ گۈرۈچ2/3 پىيالە، كىچىك گۈرۈچ 1/3 پىيالە، چۇجۇق بىر تال، كاۋا 200گىرام، پىياز بىر تال، موگو سەككىز دانە، تۇز، كاللەك بەسەي1/4 دانە

تەييارلاش ئۇسۇلى
1. ئاۋال گۈرۈچنى 20مىنۇت چىلاپ قويىمىز، كاۋا، موگو، كاللەك بەسەي، پىياز، چۇجۇقلارنى تازلاپ، توغراپ تەييارلىۋالىمىز
2. ماي قازىنىدا ئاۋال پىيازنى سېلىپ ئوبدان قورىۋالىمىز، ئاندىن كاۋا، موگو، چۇجۇق، كاللەك بەسەي لەرنى تەرتىپ بويىچە سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق تۇز قويۇپ يېرىم پىشقىچە قورىۋالىمىز
3. ئاخىرىدا قازانغا ئادەتتە گۈرۈچ دۈملىگەندەك ئاۋال گۈرۈچنى ئاندىن ئۈستىگە يېرىم پىشقان ھالەتتە قورۇۋالغان قورۇمىنى قۇيۇپ دۈملەپ پۇشۇرساقلا كاۋا تەملىك گۈرۈچ ئاش تەييار بولىدۇ.
بۇ تاماققا قليىلىدىغان سۇ ئادەتتە فۈرۈچ دۈملىفەندە قويىلىدىغان سۇدىن سەل ئازراق بولىدۇ

كاۋا سۈت تەملىك باققالى
ماتىرىياللار: كاۋا 200گىرام، سۈت 200مىللىلىتىر، يېڭى قايماق 50 مىللىلىتىر، تۇخۇم 2تال، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شىكەر

تەييارلاش ئۇسۇلى
1. كاۋىنى پارچىلاپ سۇدا پۇشۇرۋالىمىز
2. پۇشۇرۇپ تەييارلانغان كاۋا، سۈت، خام قايماق، تۇخۇم، مۇۋاپىق مىقداردىكى شىكەرلەرنى ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسىغا قۇيۇپ ئارلاشتۇرۇپ كاۋا ئۇيۇتمىسى ھالىتىگە ئەكىۋالىمىز
3. باققالنىڭ سىلىق، يۇمران چىقىشى ئۈچۈن ئۇيۇتمىنى بىر قېتىم سۈزۋېتىمىز
4. سۈزۈلگەن كاۋا ئۇيۇتمىسنى قاچىلارغا قۇيۇپ، 15-10 دۈملىسەكلا بولىدۇ
شۇنىڭ بىلەن مىزىلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان تاماق تەييار بولىدۇ

ئېشىپ قالغان كاۋىنى ساقلاش ئۇسۇلى
كاۋا سۈپىتى ئاسانلا ئۆزگىرىپ قالىدىغان يىمەكلىك بولغاچقا توغرا بولغان ساقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىمىز كېرەك
1. كاۋىنى پارچىلاپ ئىچىدىكى ئۇرۇقى ھەم بىر قەۋەت شىلىمشىق قىسمىنى ئېلۋىتىمىز( كاۋا ئۇرىقى مىڭىنى قۇۋەتلەيدىغان ياخشى يىمەكلىك، شۇڭا ئېلۋەتكەندىن كېيىن تاشلىۋەتمەي يۇيۇپ قۇرۇتۇپ ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ)

2. پارچىلاپ تەييارلانغان كاۋىنىڭ يۈزىگە بىر قەۋەت ئازراق تۇز سېپىپ ئاندىن ئۇنى يىڭى ساقلاش قەغىزىگە ئوراپ توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ. ( تۇزسىپىپ قۇيۇشتىكى
مەقسەت باكتىرىيەلەرنىڭ كاۋىنى بۇزۇپ قويىشتىن ساقلاش)
توڭلاتقۇدىن ئېلىپ ئىشلەتكەندە كاۋىنىڭ توغرالغان يۈزىدىن بىر قەۋەت بىپىر كېسىۋىتىپ ئىشلىتىمىز.