

ئۆيدە بۇ ئۈچ خىل گۈلنى باقسىڭىز كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مىكروپ ئۆلتۈرىدۇ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ياخشىلايدۇ، ئۆيدىكى ياشانغانلار ۋە چوڭلار ئاسانلىقچە ئاغرىپمۇ قالمايدۇ.



پاشا يوقىتىدىغان شۇمشىنى بېقىش بەكلا ئوڭاي. ئادەتتە ئۇ كەڭلىكى 10 سانتىمېتىر كېلىدىغان تەشتەكتە، ھاۋا ھەم سۇ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان مۇنبەت قۇمسىمان توپىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. تەشتەكنى كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان زال ياكى ياتاق ئۆيگە قويۇپ تۇپراقنى نەم ھالەتتە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلسىڭىزلا نورمال ئۆسۈۋېرىدۇ. زال ياكى ياتاق ئۆيگە قويسىڭىز ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش رولى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
2. يالپۇز

تەشتەككە تىرىلغان يالپۇزنى گۈلخۇمار دوستلار ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە يالپۇز ئۆسۈز جەريانىدا زەھەر قايتۇرىدىغان، باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان خۇشپۇراق ئۇچۇشچان ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيەسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيەسى، يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋىرۇسى قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. تەشتەككە تىرىلغان يالپۇزنى ئۆيدە ئۆستۈرگەندە قاراپ ھوزۇرلانغىلى بولۇپلا قالماي يەنە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

3. ئالۇي


ئۆيدە ئالۇي ئۆستۈرگەندە ئادەتتە بەك چوڭ تەشتەكنىڭمۇ ھاجىتى يوق. تەشتەكنىڭ دىئامېتىرى 10 سانتىمېتىردىن 20 سانتىمېتىرغىچە بولسىلا ساغلام ھەم قويۇق بولغان ئالۇينى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.


