

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
قىشتا ئېغىز قۇرغاقلىشىپ يېرىلىدۇ ، بىئارام بوپلا قالماي سەت كۆرسىتىپ قويىدۇ . سىزگە بىر ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قوياي ، چىرايلىق بولىسىز !

ئۆلگەن تېرىنى چىقىرىش : - ئېغىز قۇرغاقلىشىپ ۋىتامىن كەملەپ قېلىن ئۆلگەن تېرە پەيدا بولۇپ قالىدۇ . ئېغىزدا تۆشۈكچە بولمىغاچقا سۇ تۇلۇقلاش تەس ، شۇڭا توغرا ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك :

پاكىز قاچا ئېلىپ ۋىتامىن e نى قۇيۇمىز ، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا 橄榄油 بىلەن ھەسەل قۇيىمىز . پاختىلىق ياغاچ بىلەن ئارلاشتۇرىمىز .

ئىلمان سۇغا لۆڭگىنى چىلاپ ، ئېغىزغا چاپلاپ ئۈچ مىنۇت تۇرغۇزىمىز . ھەمدە تەييار قىلغان رىتسىپنى ئېغىزغا سۈرۈپ ئۈستىگە سۇلياۋ ياپىمىز .

بىر مىنۇت ئۇۋىلاپ ، ئۈن مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن سۇلياۋنى ئېلىۋېتىمىز ، ئۆلگەن تېرىنى يوقىتىپلا قالماي ئېغىزنى يۇمران ھالەتكە كەلتۈرىدۇ .

كالپۇك قۇرغاق يېرىلىش : - ئادەتتە كالپۇكڭىز قۇرغاق بولسا دائىم دېگۈدەك كالپۇكىڭىزغا ئىسسىق لۆڭگىنى تۇتۇپ بېرىڭ .

ئارقىدىن گىرىم پاختىسى بىلەن ھۆل قىلىپ ،ئاخىرىدا سۇ تۇلۇقلاش لەۋسۇرىقىنى سۈرتىسىڭىزلا بولىدۇ .

ئەگەر ئېغىز قۇرۇپ يېرىلسا ،ھەسەل سۈرۈش ،ھەسەل تەركىبىدە كۆپ مىقداردا شىكەر بولۇپ ئاسان سۈمۈرىلىدۇ .

بىر قۇشۇق ھەسەل ئېلىپ ئاق شىكەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ،كالپۇكغا سۈرتسەك ئەسلى ھالىتىگە ئېلىپ كېلىدۇ .

كالپۇك بولسا قىزلارنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئورۇن ،شۇڭا ياخشى ئاسراش كېرەك . تۆۋەندىكى ئاسراشتىكى بىر قانچە ئۇسۇلنى بىلىۋىلىڭ .
كالپۇكنى يالىماڭ
نۇرغۇن دوستلار كالپۇكىنى تىلى بىلەن يالاشنى ياقتۇرىدۇ ،بۇنداق بولغاندا تېرىنى قۇرغاق قىلىپلا قالماي ئېغىز ئەتراپىدىكى تېرىلەرگىمۇ زىيىنى بار .

قۇرغاق تېرىنى سۇيىۋەتمەڭ
ئېغىزدىكى قۇرغاق تېرىنى قايچا بىلەن كېسىپ ئېلىۋېتىڭ ،ھەرگىز سۇيىۋەتمەڭ ،قان چىقىپ كەتسە ياللۇقلىنىدۇ ،دوختۇرلار بۇنى خەتەرلىك ئۈچ بۇلۇڭ دەپ ئاتايدۇ .

ماسكا تاقاڭ
قىشتا دائىم سىرتقا چىقىدىغان دوستلار چوقۇم ماسكا تاقاڭ ،ئېغىزنىڭ تېمپىراتورسى ۋە ھۆللىكىنى ساقلايدۇ .

ھەسەل سۈرتۈڭ
ئېغىزىڭىز قۇرغاق بولسا ھەسەل ياكى ئۆسۈملۈك مېيىنى سۈرتۈڭ ،ئېغىزنى يۇمشاق قىپلا قالماي باكتىرىيەنىڭ ئۆسىشىنى تىزگىنلەپ ،تېرىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

红霉素眼药膏سۈرتۈڭ
بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ مىقداردا باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش تەركىبى بولۇپ ئېغىزيېرىلىش ،قان چىقىشقا مەنپەت قىلىدۇ ھەم ئۈنۈملۈك ،ھەم ئەرزان .

چىش پاستىسى
ئەگەر ئېغىزىڭىز يېرىلسا ،چىش پاستىسى سۈرتۈڭ ،بۇنىڭمۇ باكتىرىيا ئۆلتۈرۈش تەركىبى بولۇپ ئىنتايىن پايدىسى بار .

كالپۇكنى ئۇۋىلاڭ
دائىم ئۇۋىلاپ بەرسىڭىز قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ،ئۇزۇقلۇق مىقدارىنى كۆپەيتىپ ،يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

ئۇخلاشتىن بۇرۇن 橄榄油 سۈرتۈڭ
ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈرتۈپ 20 مىنۇتتىن كېيىن سۈرتىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ ، بۇنىڭدا ۋىتامىن كۆپ بولۇپ تېرىنىڭ قۇرغاق بولىشى ۋە قىچىشىشىغا پايدىلىق

ئاز مىقداردىكى سۈت پاراشوكىنى سۇ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۈرتسەكمۇ پايدىسى بار .

كۆكتات مىۋە چىۋە يەپ كۆپ سۇ ئىچىڭ
ئۈستىدىكى ئۇسۇللاردىن باشقا يەنە كۆپ سۇ ئىچىپ ، مىۋە چىۋە ، كۆكتات يەپ سۇ ۋە ۋىتامىن تۇلۇقلاپ بەرسىڭىزمۇ كالپۇك يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

يىقىنلىرىڭىزغا ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ


