大数跨境

باش قېيىپ، كۆز تورلاشسا تۇخۇم بىلەن بۇ كۆكتاتنى قورۇپ يەڭ!

باش قېيىپ، كۆز تورلاشسا تۇخۇم بىلەن بۇ كۆكتاتنى قورۇپ يەڭ! 古丽热纳
2020-10-14
1


ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

چۇپۇرشاڭ (荠菜) قىممەتلىك ياۋا كۆكتات بولۇپ، بۇ خىل ياۋا كۆكتاتنىڭ تەركىبىدىكى چۇپۇرشاڭ كىسلاتاسى بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن يىراق تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۇپۇرشاڭ تەركىبىدە تالا بار بولۇپ، زەھەرنى ھەيدەپ ئورۇقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا دائىم يەپ بەرسەك زىلۋا بەدەننى ساقلاپ قېلىشىمىزغا پايدىلىق.

چۇپۇرشاڭ تەركىبىدىكى دېنپىرىن ياللۇغنى قايتۇرۇپ، باكتېرىيىگە قارشى تۇرىدۇ، بەدەندىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، يەنە ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇپ، ئۈششۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دىيابېت كېسلى خاراكتېرلىك كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن بىمارلارغىمۇ بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بار.

چۇپۇرشاڭ بىلەن قورۇلغان تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يىرىك تالا بار بولۇپ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن چوڭ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماددا ئالمىشىشنى جانلاندۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، سېمىزلىك كېسىلى، دىيابېت، ئۈچەي راكى ۋە گېموروي قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ.




【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212