8 خىل ئەپچىل چارە سىزنىڭ بىلىڭىزنى 2 ھەپتە ئىچىدە ئورۇقلىتىدۇ!

قورسىقىڭىز چوڭ بولسا ، سىز مەڭگۈ ئوچۇق ھەم ئوماق كىيىملەرنى كىيەلمەيسىز، تار مايكىلارنى كىيىشنى بولسا پەقەت چۈشىڭىزدىلا كۆرەلەيسىز ،بۇ سىزگە نىسبەتەن بىر خام خىيال !قورساق ھەم بەل قىسىمىنىڭ سىمىزبولىشىنى ھەرىكەت ، ناچار يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ، بەل قورساق قىسمىدا جاراھەت ئورنىدا ئۆسۈۋاتقان گۆش يىغىلىپ سىزنىڭ بەل قورساق قىسىمىڭىزنى سىمىز كۆرسىتىپ قويىدۇ ، ئۇنداقتا قانداق قىلىپ ئورۇقلايمىز ، بەل قىسىمىدىكى گۆشنى ئازايتىش، قورساق قىسىمىنى ئورۇقلىتىشتىكى ئەڭ تېز ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز ؟

تۆۋەندە كۆپچىلىككە تېز سۈرئەتتە ئورۇقلىتىدىغان ھەم بېلىنى كىچىكلىتىدىغان كىچىك ئەپچىل چارىنى تونۇشتۇرىمىز !

1. ئەپچىل چارە : ماينى كونترول قىلىپ ئورۇقلاش.
چوقۇم « ئاغزىڭىزنى يىغىپ ، پۇتىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرشىڭىز كېرەك » ، پەقەت سىز ئاغزىڭىزنى باشقۇرالىسىڭىزلا، ئورۇقلاش ئارزۇيىڭىز ئاساسىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ . شۇڭا ياخشى تەققى- تۇرقىڭىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىشىڭىز كېرەك ، مەسىلەن ، تورت ، شاكىلات، ماروژنى ۋە ھامبۇرگ بولكىسى، ياڭيۇ قاتارلىقلارنى بولۇپمۇ بەك ئازيەڭ . ئورۇقلاش ئۈچۈن ئادەتتە بېلىق ۋە قۇلۇلە تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كىرەك ، يەنە پۇرچاق ۋە دانلىق زىرائەتلەرمۇ بار ،بۇلار ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ . قورۇما قورۇغاندا زەيتۇن يېغى ۋە كۈنجۈت مېيى ئورنىغا سالات مېيى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ،يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلغاندا چوقۇم ماي مىقدارى ئاز بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كىرەك .
2. ئەپچىل چارە : ماينى ئىرىتىش
كىچىك ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق يەنى« تەنھەركەت»ئەڭ ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ . ھەرىكەت بەدەندىكى ئارتۇق ياغنى كۆيدۈرىدۇ ، ساغرىسى ۋە پۇت قىسىمىدىكى بىرقىسىم ئارتۇق مايلارنى ئىرىتىدۇ، ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق بەدەندىكى ياغنى ئىرىتسە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ . ۋاقىت بولسا يەنە يوگا مەشىقى ياكى سوزۇلۇش ھەرىكىتى قىلسا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق بەلنىڭ تۆۋەن مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرغىلى ھەم بەلنى كىچىك ئىنچىكە تەبىئىي ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ .

3. ئەپچىل چارە : گۆشنىڭ ئۆسىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش
قورساق،بەل قىسىمىدا كۆپ گۆشلەر ئۆسىۋاتقان بولسا سىزنى ئىنتايىن سىمىز كۆرسىتىپ قويىدۇ،بولۇپمۇ خىزمەتچى ياكى ئوقۇغۇچى ھەر كۈنى ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرىدۇ،شۇڭا ناھايىتى ئاسانلا قورساق قىسىمىدا ياغ يىغىلىپ قالىدۇ ، قورساقتىكى ياغنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بۇ چاغدا ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك ،
ئۆزىنى تۈزتۇتۇپ ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ،مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ ، قورساقنى ئىچىگە تارتىپ ھەركەت قىلىپ بەرسە، بۇنىڭ بىلەن قورساق قىسىمىدىكى ماينى ئازايتقىلى بولىدۇ .

4. ئەپچىل چارە : چاي ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
نۇرغۇن چاينىڭ تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قورساق قىسىمىنى ئورۇقلىتىشقا بەك ياردىمى بار ، ئىچكەنسېرى قورسىقىنى شۇنچە كىچىك قىلىدۇ. يەنە ئىنچىكە بەلگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ ،كۆپچىلىك چاي تاللىغاندا بولۇپمۇ چاي يېشىل چاي بىلەن قىزىل چاينى تاللىسا بولىدۇ ، بۇ ئىككى خىل چاينىڭ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى بار.

5. ئەپچىل چارە : كۆپ سۇ ئىچىش
ھەر كۈنى سەككىز ئىستاكان سۇئىچىپ بىرىڭ ، غىدىقلاش خاراكتىرىدىكى ئىچىملىكنى ئازراق ئىچىڭ ،سۇ ئىچىش بولسا زىلۋا بويغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى . ناشتىدىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بىرىڭ، سۇس ھەسەل سۈيى ياكى سېللۇلوزا سۇيى قوشۇپ ئىچىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ ،بۇ ئاشقازان ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش سۈرئىتىنى تېزلىتىلىپ ، ئالدىنقى بىر كېچە ئىچكى ئەزايىڭىزدىكى ئەخلەتلەرنى ، مېتابولىزم ماددىلىرىنى پۈتۈنلەي بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ ، مۇشۇنداق بوپغاندا سىز قورسىقىڭىزنى كىچىكلىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيسىز .

6. ئەپچىل چارە : قورساق قاتلاش
بۇ ھەرىكەت قورساق مۇسكۇللىرىڭىزنى چېنىقتۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ . يەردە يېتىپ تۇرۇپ، سىز پۇتىڭىزنى كارىۋاتتا ياكى ئورۇندۇققا تىرەپ قويۇپ تۇرۇپ ، ئاستا - ئاستا ئېگىلىپ، دۈمبە ۋە بېشىڭىزنى كۆتۈرۈڭ، ئىككى مۈرە، ئاندىن يۇقىرىقى دۈمبە قىسمىڭىزنى ، ئاستا - ئاستا تۆۋەنگە قىلىڭ . تەكراربىرقانچە قېتىم قىلسىڭىز بولىدۇ ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قىلسىڭىز ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ .

7. ئەپچىل چارە : ئاستىن شەكىللىك قورساق قاتلاش.
بۇ ھەرىكەت سىزگە ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ياردەم بىرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارزۇيىڭىزنى ھەم قورساق قىسىمىڭىزنى كىچىكلىتىش ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. يەردە تۈپتۈز يېتىپ ،قولىڭىنى ئىككى تەرەپكە ھاسا شەكىللىك تۇتۇپ ، ئىككى پۇتنى يەردىن كۆتۈرۈپ ، يوتا ۋە تىزىڭىزنى 90 بۇلۇڭلۇق قىلىپ ئېگىسىز . ئىككى بىلىكىڭىزنى تىرەپ ، قورساق قىسمىڭىز ، دۈمبە قىسمىڭىزنى يەر يۈزىگە بېسىپ ، كۆتۈرۈپ تەكرار بىرقانچە قېتىم قىلىسىز ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم .

8. ئەپچىل چارە : يوگا ھەركىتى
بەل - قورساقنى ئورۇقلىتىشتا يوگا ھەركىتىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ ، قىياپەتنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈمى ناھايتى ياخشى، بەل - قورساقنى چېنىقىتۇرۇشتىمۇ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ . كۆزەينەكلىك يىلان شەكىللىك يوگا ھەركىتىنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ تىز،بۇنىڭدا بەدەن يۈزىنى تۆۋەنگە قىلىپ ياتىدۇ ، بەل قىسمىنىڭ ئىككى تەرىپىگە پاراللېل ئىككى قولىىنى قويىدۇ ، پۇتىنى تۈز ئۇزىتىپ جۈپلەش كىـرەك ، ئاندىن ئاستا - ئاستا بەدەننى كۆتۈرۈش كىرەك . بۇ قىياپەتتە ئەڭ زور دەرىجىدە بەل - قورساق قىسىمى سوزۇلىدۇ ،بۇھەركەتلەرنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەن چېنىقتۇرۇشقىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك ، ئىنچىكە بەل ئورۇق قورساق قىياپىتىنى ساقلاشتا چوقۇم يوگا مەشىقى قىلىش كىرەك.
دۈمبە ياتقاندا نىسبەتەن ئازراق قىيىن بولۇشى مۇمكىن ، يەنى قورساق قىسىمىنى پالاس ئۈستىگە قويۇپ ، ئىككى پۇتىنى تىزى بىلەن تەدرىجىي ئېگىپ ياتىمىز،يەنى ئەگمە كۆۋرۈك قىياپىتىدە ياتىمىز ، ئىككى مۈرىسى تايانچ نۇقتا قىلىپ ئاندىن بەل - قورساقنى ئاستا كۆتۈرۈش . بىلىكىنى تۈز تۇتۇپ بەدەننىڭ ئىككى تەرىپىگەقويۇش ، ئۆزى مۇشۇ ھالەتتە 30 سېكۇنت چىڭ تۇرۇپ ئاندىن ئەسلىگە كىلىش كىرەك . ھەر كۈنى بۇ ھەركەتنى 10 قېتىم قىلىپ بەرسە ، بەل،قورساق قىسىمىدا ئۆسۈۋاتقان گۆشلەرنى ئازايىتقىلى ، ئۈنۈملۈك ھالدا تەكشى قىلغىلى بولىدۇ.
● ● ●
گۈلى رەنا ساغلاملىق سالونىمىزنى قېتىۋېلىڭ .


