

ئالقات، قىزىل گۈل، چىلان چېيى
قىزىل گۈلنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى دەل قاننى جانلاندۇرۇپ، تىنمىلارنى ھەيدەپ، ھەيزنى نورماللاشتۇرۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. شېرىن تاتلىق چىلان مۇسبەت ۋە مەنپىيلىكنى قۇۋەتلەپ، قان تولۇقلاشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

جۈخار گۈلى، كاۋاك مېۋە دەرىخى، قىزىل گۈل ۋە چىلان چېيى
ئېغىز بوشلۇقىدا غەيرىي پۇراق بولۇشنىڭ يەنە بىر خىل ئېھتىماللىقى ئىسسىق ئېشىشىتىن، يەنى جۇڭيى تېبابىتى بويىچە ئېيتقاندا بەدەندە «ئىسسىقلىق زەھىرى»نىڭ پەيدا بولغانلىقىدىن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا جۈخار گۈلى چېيىنى ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا يەنە قىزىل گۈلنى ماسلاشتۇرغاندا قان-تومۇرلارنى تازلىغىلى، ئىشتىھانى ئاچقىلى، تالنى قۇۋەتلىگىلى، يۈرەكنى ياشارتىپ، روھنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. يەنە ئىمۇنېتىت سىستېمىسىنى تەڭشەيدىغان، قېرىشقا قارشى تۇرىدىغان ئالقاتنى قوشۇپ ئىچىپ بەرسىمۇ پايدا قىلىدۇ. يەنە قىزىل چىلان بىلەن بىرگە چىلاپ ئىچسە، مۇسبەت ۋە مەنپىيلىكنى قۇۋەتلەيدۇ.

نەشپۈت، گۈلسامساق، چارتال تالقىنى
گۈلسامساق، نەشپۈت، چارتال ئوزۇقلۇق تالقىنى ئۆپكىنى سىلىقلاپ، يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىش ھەمدە مول ۋىتامىن تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئۈچەي يولىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرىدۇ.

تەسۋىقوناق، قىزىل پۇرچاق، ئالقات تالقىنى
يازدا بۇلارنى يەپ بەرسە، ئىسسىقنى ئېلىپ، زەھەرنى قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇنى ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندا يەنە ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا زور مىقداردىكى ئوزۇقلۇق تالاسى بولۇپ، تويۇنۇش تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ ھەمدە ئاشقازان-ئۈچەيگە يۈك چۈشۈرمەيدۇ، ئاشقازىنى ناچار كىشىلەر دائىم يېگەندە، سوغۇق يەلنى ھەيدەپ كىشىنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ



