大数跨境

پۇت-قول ئۇيۇشسا سەل قارىماڭ

پۇت-قول ئۇيۇشسا سەل قارىماڭ 古丽热纳
2020-08-17
1
导读:پۇت-قول ئۇيۇشۇش نۇرغۇن ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان


پۇت-قول ئۇيۇشۇش نۇرغۇن ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، بەزىلەر بۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار بەرمەي، يەرلىك ئاماللار بىلەن ئۇيۇشۇشنى داۋالىماقچى بولىدۇ. مۇتەخەسسىس لى چۈەنمىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياشانغانلارنىڭ قول-پۇتى ئۇيۇشۇشى خەتەر سىگنالى بولۇپ، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا يەتتە خىل سەۋەبتىن بولىدىكەن

1. يەلكە نېرۋىلىرى بېسىلىش. ئۇخلىغاندا قىياپەت توغرا بولمىسا يەلكە نېرۋىلىرى بېسىلىپ قېلىپ قول-پۇت ئۇيۇشۇپ قالىدۇ.

2. دورىنىڭ ئەكس تەسىرى. بەزى دورىلار ئەكس تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن قول-پۇت ئۇيۇشۇپ قالىدۇ.

3. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك.  مەسىلەن، ئاقسىل، ۋىتامىن كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ئەتراپ نېرۋا ياللۇغى زەخىمگە ئۇچراپ، پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قالىدۇ.

4. بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى.

5. دىيابېت كېسىلى نېرۋا ئەگەشمە كېسەللىكلىرى.

6. مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇش. بۇ چاغدا بىر تەرەپتىكى پۇت-قول ئۇيۇشۇش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، كۆزى غۇۋالىشىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

7. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى. كىلىنىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، قول-پۇتى ئۇيۇشقانلار ئىچىدە %1ى يەللىك بوغۇم ئاغرىقى سەۋەبىدىن بولىدىكەن. 







 



【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212