
ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ھەر كۈنى 15 مىنۇت پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ بەرگەندە
ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كۈنلەپ ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمايدۇ، ھەر كۈنى خىزمەت، تۇرمۇش ئالدىراشچىلىقىدا يۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، لېكىن ئۇزۇن ۋاقىت بەدەن چېنىقتۇرمىغاندا، بەدەن سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئاقىۋەتتە نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، ئەگەر ھەر كۈنى 15 مىنۇت چىقىرىپ پۇتنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ بەرگەندە تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

1. پۇتتىكى ئىششىقنى ياندۇرغىلى بولىدۇ
نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمىغاچقا، ئاستىنقى بەدىنىنىڭ قان ئايلىنىشى ناچارلىشىپ، پۇتى ئاسانلا ئىششىپ قالىدۇ، ھەر كۈنى 15 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ بەرگەندە پۇت قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، پۇتنىڭ ئىششىقىنى ياندۇرىدۇ.
2. گېموروينىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
گېموروي بولۇپ قالغانلار بەكلا قىينىلىدۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر گېموروي بولۇپ قالغاندا داۋالىنىشنى خالىمايدۇ، لېكىن گېموروينى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا كېسەللىك ئەھۋالى داۋاملىق ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ 15 مىنۇت پۇتنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ بەرگەندە گېموروينى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، پۇتنىڭ ئۇچىدا ماڭغاندا تۈز ئۈچەينىڭ قان ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ، گېموروي ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.

3. بۆرەكنى قۇۋۋەتلىگىلى بولىدۇ
چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ

