大数跨境

كۈندە بىر قۇشۇق يىسڭىز قىشمۇ ياز دوختۇرغا بارمايسز

كۈندە بىر قۇشۇق يىسڭىز قىشمۇ ياز دوختۇرغا بارمايسز 古丽热纳
2020-05-10
1


قۇرۇق ئۈزۈم پەسىل تاللىمايدۇ ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سېتىۋالالايسىز ، ھەممىدىن مۇھىمى باھاسى ئىنتايىن ئەرزان ، ئەمما ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ ، توغرا پايدىلىنىپ ئىستىمال قىلالىسىڭىزقۇرت ئوتتىنمۇ بەكرەك پايدىلىق خاسىيەتلىك يىمەكلىكنىڭ ئۆزى ، ئۇنداقتا سىزمۇ مەن بىلەن بىرلىكتە قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ دورىلىق قىممىتىنى مۇنداق ئاشۇرۇپ بېقىشنى خالامسىز ؟ 

قۇرۇق ئۈزۈمنى مۇنداق يىسىڭىز پايدىلىق قىممىتى ھەسسىلىنىدۇ


1 - ئاچچىقسۇغا چىلاپ ئىستىمال قىلىش : - نۇرغۇن كىشىلەر قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ، ئەمما بۇ ئۇسۇلنى بىلمەيدۇ ، ئۇ بولسىمۇ قۇرۇق ئۈزۈمنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ پايدىلىق قىممىتىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇش . 

سەۋەبى : - ئاچچىقسۇغا قۇرۇق ئۈزۈم چىلانغاندىن كېيىن كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ ، ۋە خۇسۇسىيىتى مۇقۇملىشىدۇ ، ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ . 

كېتەرلىك ماتىرياللار : - بىر ئىستاكان قۇرۇق ئۈزۈم ، (ئون كۈن يىيىشكە يەتكۈدەك بولسا بولىدۇ) بىر كىچىك ئىستاكان ئاچچىقسۇ ، بىر تال ئېغىز ھىم ئېتىلىدىغان قاچا . 

بىرىنچى قەدەم : - قۇرۇق ئۈزۈمنى قاچىغا تۆكىمىز . 

ئىككىنچى قەدەم : - تەييارلىۋالغان ئاچچىقسۇنى ئۈزۈمنىڭ ئۈستىگە تۆكۈمىز ۋە ئاغزىنى ھىم ئېتىمىز . 

ئۈچىنچى قەدەم : - بىر كېچە چىلانغاندىن كېيىن ئۈزممۇ كۆپىدۇ ، كۈندە بىر قۇشۇق ئىستىمال قىلىنسا بولىدۇ.

2 - قۇرۇق ئۈزۈمنى سۇدا پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلسا ، جىگەردىكى زەھەرنى تازلاپ چىقىرىدۇ : - قۇرۇق ئۈزۈم سۈيى تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئىچىملىك ، ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن جىگەردىكى زەھەرنى سىرتقا ھەيدەشتىن باشقا يەنە قاندىكى توكسىننى ھەيدەيدۇ ، بىر ھەپتە ئىچسىڭىز ئۆزىڭىزنى يىنكلەپ قالغاندەك راھەت ھېس قىلىسىز!!!! 

تەييارلاش ئۇسۇلى ، بىرىنچى باسقۇچ : - سۇنى قاينىتىپ ، پاكىز يۇيۇپ تەييارلانغان قۇرۇق ئۈزۈمنى سالىمىز، يەنە 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز ، ئاندىن ئۇنى بىر كېچە تۇرغۇزىمىز . 

ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ قۇرۇق ئۈزۈم شەربىتىنى ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ . 

قۇرۇق ئۈزۈم سۈيىنىڭ ئەكىس تەسىرى يوق، ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەن ئاچ قورساققا ئىچىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ناشتا قىلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . 

قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ بەش خىل ئالاھىدىلىكى


1 - قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ : - قۇرۇق ئۈزۈم ئۈزۈمنىڭ سۇسىزلاندۇرۇلغان جەۋھىرى ، شۇڭلاشقا گۈل پىگىمىنتىنىڭ مىقدارى ئوخشاش سۈپەتتىكى ئۈزۈمدىن يۇقىرى تۇرىدۇ . 

گۈل پىگىمىنتىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى ، بەدەندە ئەركىن رادىكالنى تازلايدۇ ، پىگىمىنتلارنىڭ چۆكىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، يۈزدىكى قورۇقنى سۇسلاشتۇرىدۇ ۋە قېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ . يەنە تېخى ئارتىرىيە قېتىشىش ، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ياخشى دورىسى . 

2 - ھۈجەيرىلەرنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ يەنە ھۈجەيرىلەرنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى تىزگىنلەيدۇ ، كۈندە نەچچە ئون تال قۇرۇق ئۈزۈم يىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرسىڭىز مۇشۇنداق يامان كېسەللەردىن يىراق تۇرىسىز دىگەن گەپ ! 

3 - زەھەر ھەيدەپ ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرىدۇ ۋە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ : - قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدىكى ئۈزۈم كىسلاتاسى ئاشقازان-ئۈچەي لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مول يىمەكلىك تالاسى ئۈچەيدىكى زەھەرلىك قالدۇق ماددىلارنى تازلاپ ، توكسىننى ھەيدەپ چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە !!

4 - قان تولۇقلاش ئۈنۈمى چىلاندىن يۇقىرى : - قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى يۇقىرى ، تۆمۈر ماددىسى ھۆل ئۈزۈمنىڭ 15 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ ، شۇڭلاشقا كۈندە بىر سىقىم ئۈزۈم يىيىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بەدەنگە قان تولۇقلاپ ، پۇت-قول مۇزلاش ، چىراي ئاقىرىش ئالامەتلىرىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ . 

ئۇنىڭدىن باشقا قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە يەنە كۆپ خىل مېنىرال ماددا، ۋىتامىن ۋە ئورگانىك ماددىلار بار ، بەدىنى ئاجىز ، قان ئاز ، ئاسان ئاغرىپ قالىدىغان دوستلارقورۇق ئۈزۈمنى چوقۇم كۆپ يەڭ ، قان تولۇقلاش ئۈنۈمى ھەتتاكى چىلاندىن يۇقىرى . 

5 - يۈرەك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ : - تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە قورۇق ئۈزۈم ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ھالدا يۈرەك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن ، شۇڭلاشقا قۇرۇق ئۈزۈمنى كۆپ يەپ بەرسىڭىز قورقۇنچلۇق يۈرەك كېسىلى سىزگە ئاسانلىقچە يېقىن كېلەلمەيدۇ . 

ئەمدى قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئىنتايىن خاسىيەتلىك يىمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىڭىزمۇ ؟ تېزدىن ئۈستىلىڭىزدە ئۇزۇن ۋاقىت يىيىلمەي تۇرغان قۇرۇق ئۈزۈمنى قايتىدىن قولىڭىزغا ئېلىڭ . 

ئۇنى يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن ئىستىمال قىلىپ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇڭ ، ئىشقىلىپ كېسەللەردىن يىراق تۇرۇپ ، تېخىمۇ ياش ، ساغلام بولۇش ئۈچۈن قۇرۇق ئۈزۈمنى قىشمۇ-ياز ئۆيىڭىزدىن ئايرىماڭ !!! بۈگۈنكى مەزمۇننى ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ ، دوستلىرىڭىزمۇ قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ پايدىسىنى بىلىۋالسۇن .





【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读2
粉丝0
内容212