大数跨境

ئېغىزيارىسى بوپ قالغاندا بۇ 7مېۋىنى يەڭ

ئېغىزيارىسى بوپ قالغاندا بۇ 7مېۋىنى يەڭ 古丽热纳
2020-05-23
0

تۇرمۇشتا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە ئېغىز يارىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئېغىز بوشلۇقنىڭ دىۋارىدا جاراھەت ئېغىزلىرى پەيدا بولۇپ، ئاغرىق سېزىمى بىرقەدەر روشەن بولىدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئاغرىق سەۋەبىدىن سۇمۇ ئىچەلمەيدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ئادەمنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى دورا بىلەن داۋالىغاندىن باشقا، يەنە بۇ بىر نەچچە خىل مېۋە ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.



1. ئالما
ئالمىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى مەزگىلىدە ئالمىنى كۆپ يېسە كېسەللىك ئەھۋالىغا ناھايىتى پايدىلىق، يەنە بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن ۋە مېۋە كىسلاتاسى قاتارلىق تەركىبلەرنى مۇۋاپىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
2. تاۋۇز
تاۋۇز تەركىبىدە ۋىتامىن بىر قەدەر كۆپ بولغان مېۋىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاۋۇزنىڭ سالقىندىتىش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش رولى بار. تاۋۇزنى مۇۋاپىق يېگەندە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، لېكىن تاۋۇزدا قەنت مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، شۇڭا يەپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزنى چايقاش كېرەك.
3. نەشپۈت
ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قوزغىلىپ ئاغرىغان مەزگىلدە نەشپۈتنى كۆپرەك يەپ بەرسە ناھايىتى پايدىلىق، ھەممىمىزگە مەلۇم، نەشپۈتنىڭ تەبىيتى سوغۇق بولۇپ، ئاغرىق پەسەيتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.
4. شاپتۇل
شاپتۇل تەركىبىدىكى ۋىتامىن B نىڭ ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بار، شۇڭا ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى دورا بىلەن داۋالاشنى خالىمايدىغانلار شاپتۇلنى كۆپرەك يەپ سىناپ باقسا بولىدۇ.
5. ئۆرۈك 
ئاچچىق چۈچۈك ئۆرۈكنىڭمۇ ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى تىزگىنلەش رولى بار، ئاساسلىقى ئۆرۈكتىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ۋىتامىن C نىڭ يارىنى داۋالاپ تېرىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى بار.
6. كوكۇس شەربىتى
كوكۇس شەربىتىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىز بوشلۇقى يارسىنىڭ ئالامەتلىرىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى داۋالايدىغان ياخشى دورا دەپ تەرىپلىنىدۇ. كوكۇس شەربىتى تەركىبىدىكى لائۇر كىسلاتاسىنىڭ ۋىرۇسقا، زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرۇش ھەم ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى جاراھەت يۈزىنىڭ تېز سۈرەتتە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.



7. ئەبنۇس قېقى 
قۇرۇتۇلغاندىن كېيىنكى ئەبنۇس قېقى ئۈستىدە بىر قەۋەت ئەبنۇس مەلھىمى بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. ئەبنۇس قېقىدىكى مەلھەمنى ئېلىپ، قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسە ياكى ئەبنۇس مەلھىمىنى بىۋاسىتە ئۇماچقا قوشۇپ يېسە بولىدۇ. ئەبنۇس مەلھىمى بىلەن ئەبنۇسنىڭ ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى ناھايىتى ياخشى كونترول قىلىش رولى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېسىپ كەتكەن جاراھەت يۈزىگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بار.




【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读320
粉丝0
内容212