大数跨境

سەھەردىكى بۇ 10 مىنوتلۇق ھەركەت ئۆمرىڭىزنى 10 يىل ئۇزارتىدۇ

سەھەردىكى بۇ 10 مىنوتلۇق ھەركەت ئۆمرىڭىزنى 10 يىل ئۇزارتىدۇ 古丽热纳
2020-05-30
3
导读:ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ


ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ نېمە ئىش قىلىسىز ؟ ئەمەلىيەتتە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن بىر « ئالتۇن 10 مىنۇت » بار ، بۇ 10 مىنۇتنى چىڭ تۇتسىڭىز ئاز دېگەندىمۇ 10 يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىڭىز مۇمكىن .
1 . قول ئالىقىنىنى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش :- مۈرە ئاغرىقىنى داۋالايدۇ قول ئالىقىنىنى تېز سۈرئەتتە 300 قېتىم سۈركەپ ئۇۋۇلاپ بېرىش ئالىقاندىكى پەللىلەرنى غىدىقلاپ ، ئىچكى ئەزالارنى كۈچەيتىپ ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ . بۇ ئارقىلىق مۈرە ئاغرىقى ، كۆز چارچاشنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
2 . باشنى بىر مىنۇت قاشلاش :- چاچنى قارايتىدۇ ، بارماق بىلەن ماڭلايدىن باشنىڭ ئارقىسىغىچە ، ھەر سېكۇنتتا 2~4 قېتىملىق سۈرئەت بىلەن يىنىك قاشلاپ بەرگەندە ، مېڭە قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، چاچ يىلتىزىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئىگە قىلىپ ، چاچنى قارا ھەم پارقىراق قىلىدۇ .
3 . قۇلاق گىجىكىنى بىر مىنۇت يېنىك ئۇۋۇلاش : - قۇلاق غوڭۇلداش ، كۆز چاقناشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ئىككى قول بىلەن ئوڭ سول قۇلاق گىجىكىنى قىززىغۇچە يېنىك ، مۇۋاپىق ئۇۋۇلاپ بېرىشنىڭ پەللىنى راۋانلاشتۇرۇش ، ئىسسىقلىقنى تارقىتىش ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئاسراش رولى بار ، بولۇپمۇ قۇلاق غوڭۇلداش ، كۆز چاقناش ، ئۇنتۇغاقلىق قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە .
4 . كۆزنى بىر مىنۇت ھەرىكەتلەندۈرۈش : - ئادەمنى تېتىكلەشتۈرۈپ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ كۆز قارىچۇقىنى سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ۋە تەتۈر يۆنىلىشتە 30 قېتىم ئايلاندۇرۇپ بېرىشنىڭ ئادەمنى تېتىكلەشتۈرۈش ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ، كۆز مۇسكۇلىنى كۈچەيتىش ، سوزۇلما مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش روللىرى بار .
5 . باش بارماق بىلەن بۇرۇننى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش : - يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ئىككى قولنىڭ باش بارمىقى بىلەن بۇرۇننى ئاستى ئۈستىگە 50 قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ، يەلنى يوقىتىپ ، سوغۇقنى ھەيدەپ ، بۇرۇننى ئاچىدۇ ، زۇكام ، يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ، كانايچە ياللۇغى ھەتتا يۈرەك كېسىلى ، ئارتېرىيە قېتىش قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار .
6. بىر مىنۇت چىشنى غۇچۇرلىتىپ ، تىلنى ئېگىش : - چىش ساقلىقىنى ساقلايدۇ چىشنى يېنىك غۇچۇرلىتىش چىش يىلتىزى ۋە چىش مىلىكىدىكى قاننى راۋانلاشتۇرىدۇ ، تىلنى ئېگىش تىلنىڭ ھەرىكىتىنى ئەركىن قىلىپ ، چىشنىڭ سېزىمچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ .
7. كىندىكنى بىر مىنۇت يېنىك بېسىش : - ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ئىككى قول ئالىقىنى بىلەن سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشى بويىچە كىندىكنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ، ئاشقازان ، ئۈچەيدىكى يەلنى ھەيدەپ ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
8. بىر مىنۇت قورساقنى يىغىپ مەقئەتنى كۆتۈرۈش : - قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ قورساقنى قايتا - قايتا يىغىپ ، مەقئەتنى ئۈستىگە كۆتۈرگەندە ، مەقئەت پۈرۈك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىراش كۈچىنى كۈچەيتىپ ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
9. بىر مىنۇت پۇت - قولنى سوزۇپ ئېگىلىش : - يۈرەك ، مېڭە ، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ئوڭدا ياتقاندا قان ئايلىنىش ئاستىلاپ ، قان پۇت-قولغا كۆپ يىغىلىپ قالىدۇ ، سوزۇپ ئېگىلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق قان ئايلىنىش دەرھال ئەسلىگە كېلىپ ، يۈرەك ، مېڭە سىستېمىسىنى يېتەرلىك قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدۇ .
10. پۇت ئالىقىنىنى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش : - جىگەرنى تازىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ ئوڭدا يېتىپ ئىككى پۇت ئارقىلىق پۇت ئالىقىنىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە بۆرەكتىكى زەئىپلىكنى تۈگىتىدۇ ، ھەمدە جىگەرنى تازىلاپ ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا نېرۋا زەئىپلىشىش ، ئۇيقۇسىزلىق ، قۇلاق غوڭۇلداش قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمى بار .
سىز سەل قارىغان 10 مىنوتنىڭ مۇشۇنداق چوڭ پايدىسى بارلىقىنى ئويلاپ باققانمىتىڭىز ، ئەگەر ھەقىقى ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلسىڭىز ھازىرقىدەك ئۆيدىكى ۋاقىتلاردا ئاز دىگەندە 30 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ كۆرۈپ بىقىڭ ھەقىقى پايدىسىنى كۆرىسىز ، يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ .
قوللاش بەكلا ئاددىي چەمبىرەككە چىقىرىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ .
【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读814
粉丝0
内容212