
تۇرمۇشىمىزدا ھەممەيلەن بەلكىم قوغۇن يەپ باققان بولىشىمىز مۇمكىن،قوغۇن بولسا ئىنتايىن يىيىشلىك،سۇ مىقتارى يۇقىرى بولغان ھەم سۇ تولۇقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە مىۋىلەرنىڭ بىرى.قوغۇن ئەسلىدىنلا نۇرغۇن ئۈنۈمگە ئىگە، قوغۇن يەنە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىمۇ بار.بىز ئادەتتە قوغۇننى بىۋاستە ئىستىمال قىلىمىز،لىكىن قوغۇننى ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى بۇ بىر خىللا ئەمەس، بىز تۆۋەندە قوغۇننىڭ رولى ۋە ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

قوغۇننىڭ رولى:
1.تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قوغۇننىڭ تەركىبىدە مول بولغان كالىي ئىلمىنتى بار.كالىي ئىلمىنتى بەدىنمىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم،يەنە ئۈنۈملۈك ھالدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،نورمال بولغان يۈرەك رېتىمى ۋە قان بېسىمنى ساقلايدۇ. ھەمدە قوغۇننى كۆپ يىگەندە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى يۇقىرلىتىشقا ياردەم بېرىدۇ،مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2.ھەر خىل راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قوغۇن ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان مىۋە،ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول بولغانBگۇرۇپپا بىرىكمە ۋىتامىن بار بولۇپ،قوغۇننىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغان ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى بار، ۋىتامىن Cنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بار،شۇنداقلا يەنە ھەر خىل راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

3.ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، كۆزنى ئاسراش، ئورۇقلىتىش رولى
ئورۇقلاشنى خالايدىغان دوستلار قوغۇن يىسە مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. قوغۇن تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن A بار بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ ساغلام تېرىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردىمى بار.كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈشنىڭ خەتىرىنى ئازايتىدۇ ۋە كۆرۈش قۇۋىتىمىزنى ياخشىلاشقا ياردىمى بار. ۋىتامىن Aنىڭ يەنە ئۆپكە راكى ۋە ئېغىز بوشلۇقى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنىمىمۇ بار،يەنە بەدەن سىرتىغا ئارتۇق بولغان ناتىرىينى چىقىرۋېتىش رولىمۇ بار.
4.قان ئىشلەپچىقىرىش رولى
دائىم قوغۇن يەپ بەرگەندە قان ھاسىل قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، قوغۇننىڭ ئادەم بەدىنى قان ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك رولى بار،قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قان تولۇقلىشىدا ئەڭ ياخشى بولغان داۋالاش ئۈنۈمگە ئىگە.
5.جىگەر زەخمىلىنىشنى يېنىكلىتىدۇ.
قوغۇن ئۆز ئىچىگە ئالغان قاپاق ماددىسى Bئاستا خاراكتىرلىك جىگەر زەخمىلنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،شۇ سەۋەپتن جىگەر ھۈجەيرىسى ياغ ئۆزگىرشىنى توسىدۇ ۋە تالالارنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ. شۇڭا دائىم قوغۇن يەپ بەرگەندە جگەرنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

6.بالىلاردىكى روھى غەيرىلىكنىڭ ئالدىنى ئالدۇ.
قوغۇن تەركىبىدىكى قوشۇمچە يۇپۇرماق كېسلاتاسىنىڭ بالىلارنىڭ نېرۋا نەيچىسى غەيرى بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە ياردىمى بار.شۇڭا ھامىلدار ئاياللار دائىم قوغۇن يەپ بەرگەندە ھامىلىنىڭ روھى غەيرىلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،بالىلارنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.
قوغۇننىڭ ئىستىمال قىلىش ئۇسۇللىرى:
قوغۇن سۈتى
ماتىريالى: قوغۇن،سۈت،ماروژنا
ياساش ئۇسۇلى:
1.قوغۇننىڭ پوستىنى سويىۋېتىپ توغرايمىز.
2.قىيام قىلىش ماشىنسىغا توغىىرۋالغان قوغۇننى سېلىپ،ئۈستىگە سۈت قۇيۇپ شەربەت ياسايمىز.
3.سۈت شەربىتى بىلەن ماروژنىنى ئارلاشتۇرىمىز.
4.مۇز پارچىسىنى پارچىلايمىز.
5.پارچىلانغان مۇز داشقىلىنى ماتىريال ماشىنسىغا سېلىپ ،تەييار بولغان ھەممە ماتىرياللارنى ئارلاشتۇرساق بولىدۇ.

قوغۇن شەربىتى
ماتىريالى: قوغۇن 500گىرام، لىمون يېرىم تال،ئاق شېكەر 80گىرام،QQكەمپۈت 5دانە.
ئېتىش ئۇسۇلى:
1.ماتىرياللارنى تەييار قىلمىز.
2. قوغۇننىڭ پوستىنى سويىۋېتىپ توغرايمىز.
3.توغىرۋالغان قوغۇننى ماتىرىيال ماشىنسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، مىۋە شەربىتى ھاسىل قىلمىز.
4.ئۈستىگە يېرىم تال لىموننى سىقىپ ئىلەشتۈرىمىز.
5.مىۋە شەربىتى قاينىغاندىن كىيىن، ئاق شېكەرنى سېلىپ بوش ئوتتا قاينىتىمىز.
6.قايناپ قويۇق ھالەتكە كەلگەندە 5تال QQ كەمپۈتنى سالىمىز(چۈنكى قوغۇننىڭ سۇ تەركىبى كۆپ بولغاچقا، QQكەمپۈت قوشىۋەتسەك چاپلاشقاقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ).
7.سۈيى تۈگىگەنگە قەدەر قايناتساق، قوغۇن شەربىتى تەييارلانغان بولىدۇ.



