大数跨境

چىش پاستىسى ئون خىل دورىغا تەڭ ، مىڭلىغان دورا پۇلىنى تىجەيسىز

چىش پاستىسى ئون خىل دورىغا تەڭ ، مىڭلىغان دورا پۇلىنى تىجەيسىز 古丽热纳
2021-04-05
2


چىش پاستىسى ئون خىل دورىغا تەڭ ، مىڭلىغان دورا پۇلىنى تىجەيسىز

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

چىش پاستىسى ئون خىل دورىغا تەڭ ، مىڭلىغان دورا پۇلىنى تىجەيسىز !

چىش پاستىسى بولسا ھەممە ئائىللىك ئىشلىتىدىغان بويۇم ،ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەكلا بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنالايمىز .سدلونىمىز بۈگۈن سىزگە كۆرسىتىپ قويماقچى !




دورىلىق قىممىتى



 1. دانىخورەك يوقىتىدۇ  




ئۇيقۇنىپلا يۈزىڭىزدە يۇلتۇزدەك دانىخورەك بارلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ ،گۈزەللىكنى سۆيسىڭىز بۇنىڭغا ھەرگىز چىدىمايسىز ،ئاز دائىردىكى بولسا چىش پاستىسى ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ .



بۇنىڭ ئىششىقنى ياندۇرىدىغان خۇسۇسىيىتى بار ،يېڭى چىققان دانىخورەككە بەك پايدىسى بار ،پاكىز سۇ بىلەن يۈزىمىزنى يۇيىمىز ،دانىخورەك بار جايغا چىش پاستىسنى سۈرۈپ ،20 مىنۇتتىن كېيىن يۇۋىتىمىز ،ھەر ئاخىمى بىر قېتىم قىلىڭ ئىككى ھەپتىگە قالماي يوقاپ كېتىدۇ .





 2. پۇت تەرلەشنى داۋالايدۇ  


بۇنىڭغا گىرىپتار بولغان كىشى بەك بىئارام بولىدۇ ،چىش پاستىسىنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ .ھەر ئاخىمى پۇتنى يۇيۇپ بولۇپ ،پۇت تەرلەيدىغان جايغا چىش پاستىسىنى سۈرتۈپ قۇرىغاندىن كېيىن ئۇخلاپ ،ئەتىسى لۆڭگە بىلەن سۈرتىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .



ياكى بولمسا چىش پاستىسىنى سۇغا ئارلاشتۇرۇپ پۈتۈن پۇتىمىزغا سۈرتۈپ قۇرغاندىن كېيىن يۇۋەتسەك بولىدۇ .ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرسىڭىز تېرە تاشلاش ،ئىشىش ،تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلار يوقايدۇ






 3. ئىششىقنى پەسەيتىپ ،ئاغرىق توختىتىدۇ  


چىش پاستىسىدا ئاغرىق توختىتىدىغان ،ئىششىق ياندۇرىدىغان تەركىب بار  ،يازدا ئاسان پاشا چاقىدۇ بۇ چاغدا چىش پاستىسىنى چاققان جايغا سۈرتىسەك پايدا قىلىدۇ ،ئەگەر ھەسەل ھەرىسى چېقىۋالسىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز بولىدۇ .







 4. سوغۇقتىن بولغان يارىغا پايدا  





يېقىندىن بويان ھاۋا سۇغوق پۇت قۇلىمىز سوغۇقتىن يارلىنىدۇ ،ئەگەر يارىڭىز يېرىلمىغان بولسا ئازراق مىقداردا چىش پاستىسى سۈرتسىڭىز ئەسلىگە كېلىشىگە ياردىمى بار


ئەگەر پۇت قولىڭىزدا يېرىلىش يۈز بەرسە ،يېرىلغان يەرگە سۈرتىسىڭىزمۇ ئىششىق ياندۇرۇپ ،يۇقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .






 5. تېرە كېسىلىگە پايدىسى بار 




ناۋادا تېرىڭىز يۇقۇملىنىپ قالغان بولسا ،پاكىز يۇيۇپ چىش پاستىسى سۈرتسىڭىز ، يۇقىملانغان جاينىڭ ئاخرىقىغا ۋە قىچىشىشىغا پايدىسى بار




تازلاش رولى


 1. ئستاكان  تازلاش  



ئىستاكاننى ئۇزۇن ئىشلەتكەندە داغ بولۇپ قالىدۇ .ئازراق چىش پاستىسى ئارقىلىقلا پاكىز چىقارغىلى بولىدۇ ،ئايدا بىر قېتىم ئىشلەتسەك ،ھەم پاكىز ھەم ئىشەنچىلىك .





ئىسسىق ساقلاش قۇتىمىزدا پۇراق بولسا قانداق چىقارغىلى بولىدۇ ؟ 

بۇنىڭغا سۇ قۇيۇپ ئازراق چىش پاستىسى قۇيۇپ ،كۈچىمىز بىلەن سىلكىپ مەينەت سۇنى تۆكىۋەتسەك ،ھەم پاكىز بولىدۇ ھەم دىزىنفىكسىيەلىنىدۇ .





 2. تۇربا بېشىنى تازلاش  


بۇنى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن چىقىرىش تەس ،شۇڭا چىش پاستىسى ئىشلىتىپ بېقىڭ ،بەك ئۈنۈملۈك .لۆڭگىگە ئاز مىقداردا چىش پاستىسى قۇيۇپ مەينەت ئورۇنغا سۈرتۈپ ،پاكىز سۇدا يۇۋەتسەك چىقىپ كېتىدۇ .







 3. ئېكراننى تازلاش  



تېلفۇندىكى مەينەت ئورۇنغا ئاز مىقداردا چىش پاستىسى سۈرتسەكلا بولىدۇ !تېلۋىزور ۋە كومپىيۇتىر قاتارلىقلارمى ئوخشاش .



 4. كىيىمدىكى سىياھنى چىقىرىدۇ  


كىيىمگە سىياھ تۆكۈلسە ،قانچە يۇساقمۇ چىقمايدۇ ،شۇڭا ئازراق چىش پاستىسى سۈرتۈپ قايتا قايتا يۇيساق يېڭى ھالەتكە كېلىدۇ!



 5. ئۈستەلدىكى يەزنى  چىقىرىدۇ  


ياغاچ ئۈستەلگە سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ ،سۈرتۈپ3 مىنۇت تۇرغۇزسىڭىز بارلىق يەزلەر يوقايدۇ~



 6. دەزمالنى تازلايدۇ  


دەزمالنىڭ ئاستى ئاسان مەينەت بولىدۇ ،ھەم پۇراپ قالىدۇ ،بۇنىڭغا ئازراق چىش پاستىسى سۈرتسەكلا يېڭى ئالغاندەك بولۇپ كېتىدۇ。



 7. دېسكىنى ئوڭشايدۇ  


دېسكىنىڭ ئۈستى ئاسان سىزىلىپ كېتىدۇ ،پاختىلىق ياغاچ بىلەن چىش پاستىسىنى سۈرتسەك يېڭى ھالەتكە قايتىدۇ ،~



 8. ئەينەكنى تازلايدۇ  


ئەينەكتىكى مەينەتكە ئازراق چىش پاستىسى سۈرتسەكلا تېز ھالەتتە تازلىيالايمىز ،ئۈنۈمى بەك ياخشى .。



 9. ئاياقنى تازلايدۇ  


لاتا ئاياق ئاسان مەينەت بولۇپ تازلىغىلى بولمايدۇ ،چىش پاستىسى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ،پاكىزلىقنى سۆيسىڭىز سىزمۇ سىناپ بېقىڭ~



ئاق رەڭلىك ئاياق بولسا ،چىش پاستىسنى ھەممە تەرەپكە سۈرتۈپ5 مىنۇت قۇيۇپ چىش چوتكىسى بىلەن چوتكىلساق پاكىز بولۇپ كېتىدۇ .!







   

【声明】内容源于网络
0
0
古丽热纳
欢迎关注
内容 212
粉丝 0
古丽热纳 欢迎关注
总阅读320
粉丝0
内容212