كۈزۈمدە لىق ياش 3-قىسىم
ئاۋازلىق نۇسقىسى
3-قىسىم
♥يازما نۇسقىسى♥
يەنە ئايسىخان كېلىنىنىڭ بالىنى چۈشۈرۈۋېتىشىگە يول قويماي يۈرگەن كۈنلەردە دوختۇرخانىدىنمۇ ئادەم كېلىپ كېلىنىگە ئوخشاش گەپ قىلىپ ئايسىخاننىڭ بېشىنى ئوچاق قىلىۋەتكەننىڭ گېپىنى قىلىدۇ.
ئۇنىڭ دېيىشىچە ھازىر كۆپ تۇغۇشقا يول قويمايدىكەن. شۇڭا دوختۇرلار قورساق كۆتۈرگەنلەرنىڭ بالىسىنى، بىر ئامال قىلىپ چۈشۈرۈۋېتىشكە ئارانلا تۇرىدىكەن.
ئويلاپ باقسام ئايسىخاننىڭ دېگەنلىرىنىڭمۇ ئاساسى باردەك قىلىدۇ. قاراڭە ئەنە. ئۈزۈمسىمان ھامىلە دېگەنمۇ گەپمۇ ئەمدى. ئەل ئۆمرۈمگە كېلىپ بىرەرسىنىڭ بالىنىڭ ئورنىدا ئۈزۈم تۇغقىنىنى كۆرۈپمۇ، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان مەن. ئېنىقلا يوقىلاڭ بىر گەپلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئايسىخاننىڭ نەۋرىسىنى زورلاپ چۈشۈرۈۋەتكىنى تۇرمامدۇ بۇ ئۇلارنىڭ؟! شۇڭا، سىزمۇ دوختۇرخانىغا بارىمەن دېمەي ئۆيدە جىم ئولتۇرۇڭ. بالا دېگەننىڭ يەيدىغان رىزقى بولسا ۋاقتى كەلگەندە ئۆزى تۇغۇلىۋېرىدۇ.
قېيىن ئاپامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مەڭدەپ ئولتۇرۇپلا قالدىم.
ئۇ چاغلاردا بەكلا نادانمەنكەنتۇق. ئۆز ئالدىمغا ئېنىق كۆز قارىشىم يوق. نەزەر دائىرەمنىڭ تار بىلىدىغانلىرىمنىڭ تولىمۇ ئازلىقىغا تەقدىرنىڭ بۇ ئېغىر چاقچىقى قوشۇلۇپ…ھەي…
شۇنداق قىلىپ ئۆزۈممۇ دەككە ـ دۈككىدە تۇرغاچقا قېيىن ئاپامنىڭ گېپى بىلەن ئىچىمدىكى ئوي خىياللار ئاۋۇپ قالدى ۋە دوختۇرخانىغا بېرىش خىيالىمدىن يالتىيىپلا قالدىم.
شۇنداق ئارىسالدىلىق ئىچىدە ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ بىر كۈنى مەھەللىدىكى بىر تويدا شەخسى دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا گەپ بولۇپ قالدى.
ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر ئېغىزدىن گەپ قىستۇرۇپ چىققان بۇ پاراڭ تېمىسى مېنى خېلىلا قىزىقتۇرۇپ قويغان ئىدى.
قېيىن ئاپامنىڭ گېپى بىلەن شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ قورقۇنچى سەۋەبلىك مەركىزى دوختۇرخانىغا بېرىشتىن يالتىيىپ قالغان بولساممۇ ئۆزۈمدە كۆرۈلۈۋاتقان بىنورماللىقلارنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى مېنى يەنىلا ئارامىمدا قويمىغانىدى.
شۇڭا بىر كۈنى ئۆيدىكى ھېچكىمگىمۇ دېمەستىن ئاپامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىشنى باھانە قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش ئۈچۈن يېزا مەركىزىدىكى بىر شەخسى دوختۇرخانىغا كەلدىم.
دوختۇرخانا ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن ئۆزىگە خېلىلا چوڭ كېلىپ قالغىنىنى ئازدەپ ئۇ يەر بۇ يېرى قېنىق سېرىق داغ بولۇپ قالغان خالات كىيىۋالغان بىر قىز ئالدىمغا كېلىپ نېمە ئىش بىلەن كىرگەنلىكىمنى سورىدى.
كېلىش مەقسىتىمنى ئېيتىۋېدىم قىز:
ـ باشقا كۈنى كېلەمسىزكىن تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى…ـ دەپ تۇرۇشىغا يان تەرەپتىن ئەللىك، ئەللىك بەش ياشلار چامىسىدىكى توغرىسىغا ئەت قويۇپ ئوبدانلا سەمرىگەنلىكتىن كەيگەن خالىتى كىچىك كېلىپ تۈگمىسىمۇ ئېتىلمەي قالغان ماڭغان ۋاقىتتا ئىككى پېشى بۇ كىچىككىنە دوختۇرخانا ئىچىنى بىر ئېلىپ لەپپەڭلەپ تۇرىدىغان ئاقىرىپ كەتكەن چاچلىرى ئۈستىگە گىرۋەكلىرى كىرلەشكەن ئاق پوسمىسىنى باستۇرۇپ كىيگەن بىر ئايال چىقىپ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپلا سورىدى.
ـ نېمە ئىشكەن؟
ـ بۇ ئاچامنىڭ بويىدا بار ئىكەن تەكشۈرۈتكىلى كەپتۇ. ـ دەپ جاۋاب بەردى قىز.
ــ ھە، ئەمىسە ئۇنى تەكشۈرۈش ئۆيىگە باشلاپ كىرگەچ تۇرۇڭ. مەن ھازىرلا كىرىمەن. ــ دېدى ھېلىقى ئايال.
مەن بۇ ئايالنى تونۇيتتىم، ئۇ بىزنىڭ يېزىدىكى مەركىزىي دوختۇرخانا تېخى تەرەققىي قىلماستىلا شۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان كېيىن دەم ئېلىشقا چىققان بىزنىڭ نەزىرىمىزدە پېشقەدەم دوختۇر ھېسابلىنىدىغان ئايال ئىدى.
ئۇنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قېلىشنى ئويلاپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈنمۇ گاڭگىراپلا قالدىم.
ئۇنىڭغىچە يېنىمدىكى قىز:
ــ بىراق رۇستەمكام يوق تۇرسا؟ــ دېدى ئايالغا تەئەججۈپ ئىلكىدە قاراپ.
ــ نېمە بولىدىكەن رۇستەمكىڭىز بولمىسا؟ ـ ئايال قىزغا بىراقلا قوپال تەگدى. ـ ئەجەپمۇ ئۇششاق گەپچىكەنسىزغۇ سىز. قىلغان ئىشىڭىزنىڭ تايىنى يوق. سۆزلەشكىلا تۇرغانما سىز؟ گەپ قىلمىسىڭىز گاچا دەپ قالامدىكەن بىرسى. مېڭڭە يۈگۈرۈڭ بۇيرۇغان ئىشنى قىلىڭە. بولمىسا ئەتىدىن باشلاپ بۇ يەرگە كېلىمەن دەپ يۈرمەي ئۆيىڭىزدە ئىشىڭىزنىلا قىلىڭ.
قىز، ئايالنىڭ ئېغىزىدىن تېخىمۇ يامان گەپلەرنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەندەك:
ـ ئاچا، ماڭا ئەگىشىپ ماڭامسىز؟ تەكشۈرۈش ئۆيى بۇ تەرەپتە. ـ دېدى ماڭا ئوڭايسىزلانغىنىچە قاراپ. قىزنىڭ ئايالنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدىن تېزراق ئايرىلغۇسى بارلىقىنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس ئىدى.
مەنمۇ ئىختىيارسىز بۇ جىددىي كەيپىياتنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن بولسام كېرەك، خۇددى ئايالدىن تەنقىد ئاڭلاۋاتقىنى ئۆزۈمدەك ھودۇقۇش ۋە تەمتىرەش ئىچىدە چۆرگىلىتىپ قويۇپ بەرگەندەك بىر ھالدا قىزغا ئەگەشتىم.
قىزغا ئايالنىڭ گەپلىرى ئېغىر كەلگەن بولسا كېرەك بىردەمدىلا قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كېيىن ماڭا بىر ئېغىزمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى.
قىز مېنى قورۇ ئىچىدىكى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قويۇلغان تولىمۇ چەت كىچىك بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپ بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى ئايالمۇ كىردى.
ۋە قىزغا يەۋەتكۈدەك ئالىيىپ قارىغىنىچە:
ــ ھە، مېڭىڭە ئەمدى چىقىپ باشقا ئىشىڭىزنى قىلىڭ. ـ دېۋىدى قىز دىكىلداپ تېشىغا ماڭدى.
ئەسلىدىنلا تۆت تېمىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان بۇ كىچىك ئۆيدە ئەمدى بۇ سۆرۈن تەلەت ئايال بىلەن يالغۇز قالغانىدىم.
ـ ۋوي ئولتۇرۇڭ،ئولتۇرۇڭ…ـ دېدى ئايال ماڭا قاراپ
. ئۇ كىرىشى بىلەنلا خۇددى چوغ ئۈستىدە ئولتۇرۇۋالغاندەك ئەيمىنىپ بايىقى قىز بىر بۇلۇڭدىن ئەكىلىپ قويۇپ بەرگەن ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ كەتكەن ئىدىم.
ھەيران قالارلىقى ئايالنىڭ ئەمدى بايىقى مۇز تەلەتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ:
ـ قورۇنماڭ. ئازادە ئولتۇرۇڭ. ـ دېدى ئۇ يەنە سېرىق چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجايغاچ.
ـ تازىمۇ بىر ئاچچىقى يامان، مۇز چىراي خوتۇن ئىكەن دەپ قالدىڭىز ھە ماڭا قاراپ ھې…ھې…ھې…ــ سورىدى ئۇ ئارقىدىنلا.
ــ ھەياقەي…ــ دېيەلىدىم ئارانلا.
ــ قاراڭ سىڭلىم، يېنىمىزغا ھۈنەر ئۆگەنسەم، مۇشۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يەپ قالسام دەپ كېلىدىغانلار بەك جىق دەڭە. قوبۇل قىلمىساق تېخى ھالى يامان ئادەم ياراتمايدۇ دەپ ئارقىمىزدىن تىللايدۇ. ئاتا ئانىلىرىنىڭ ئىشىكىمىزدىن كەتمەي تۇرۇۋېلىشلىرى بار تېخى بالامنى بىر ئېلىپ قالسىڭىزدەپ بىزمۇ ئاخىرى تىل قىسىنچىلىقتا قوبۇل قىلمايدىغانلارنىمۇ قوبۇل قىلىپ قالىمىز.. ئاندىن شۇ بۆشۈكتىنمۇ تۆشۈكتىنمۇ كېلىۋالغان بۇنداقلار ھە، دېگەندە ئىشنىڭ ئېپىنى تاپالماي بىزنى تولا سۆزلىتىپ مۇشۇنداق سەپرا قىلىۋېتىدۇ. ھې…ھې…ھې… سەللا چىشىمىزنىڭ ئېقىنى كۆرسىتىپ قويساققۇ بولۇپلا بېرىدۇ ئۇلارغا. خۇددى بۇ يەرنى بىز ئەمەس ئۇلار ئاچقاندەك يوغىناپ شىللىمىزگە مىنىمەن دەيدۇ. بىلمەيدۇ ـ دە بۇ كەسىپتىن نان تېپىپ يېمەكنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى. ھە راست، سىز مۇشۇ يەرلىكمۇ؟ـ دەپ سورىدى، ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىدا يەنە. بۇ چاغدا ئۇ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بولغان بولۇپ، زىيادە سېمىزلىكىدىن قولىشالماي پۇشىلداپ ئېغىر تېنىغىنىچە ئۈسكۈنە ئالدىدىكى نەرسىلەردىن بىرنى ئېلىپ بىرنى قويۇپ دىگەندەك تاراقشىتىپ تۇراتتى.
ـ ھەئە… مەن مۇشۇ يەرلىك…ـ دېدىم مەن ئۇنىڭ كۆزۈمگە سىغمايلا كەتكەن، كالامپاي ئىش ھەرىكەتلىرىگە مەركەزلىشىپ قالغان دىققىتىمنى ئاستا قايتۇرۇپ كەلگەچ.
ــ ئەمىسە مېنى تونۇيسىزغۇ دەيمەن؟
ـ ھەئە… تونۇيمەن.
ـ شۇنى دەيمەن. مۇشۇ يەردە چوڭ بولغانلاردىن مېنى تونۇمايدىغىنى يوق. ھې…ھې…ھې…ھە… كېلىڭ كېلىڭ بۇ كارۋاتقا چىقىپ تۈز يېتىڭ. مەن تەكشۈرۈپ باقاي ـ ھە! ـ دېدى ئۇ بىر چاغدا. قارىغاندا ئۇنىڭ ئۈسكۈنە ئالدىدىكى «تەييارلىق خىزمەتلىرى» پۈتۈپمۇ قالغاندەك قىلاتتى.
ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇ كۆرسەتكەن كارۋاتقا چىقىپ ئاستا سوزۇلۇپ ياتتىم.
ـ بالا ياخشىكەن، تۇرسىڭىز بولىدۇ. ھې…ھې…ھې ـ دېدى ئۇ مۇزدەك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى قورسىقىم ئۈستىدە بىر ھازا ئوڭ تەتۈر يۈگۈرتكەندىن كېيىن.
ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم باياتىندىن بېرى بىرەر ئېغىز گەپنى ئارتۇق قىلساملا مېنىمۇ ھېلىقى قىزدەك دۈشكەللەپ سىلكىشلەپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ گەپ قىلمىغان بولساممۇ، ئۇ كونا دوختۇر بولغانىكەن مەندە كۆرۈلۈۋاتقان بىنورماللىقلارنى تەكشۈرۈپلا بىلىۋالالايدۇ ۋە ئۆزى مەندىن سورايدۇ شۇ چاغدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقىنىنى ئۇنىڭغا ئېيتىمەن دەپ ئويلغانىدىم. بىراق خېلىلا ئېزىپ تەكشۈرۈشتىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ بالا ياخشى ئىكەن دېگەندىن باشقا گەپ قىلماسلىقى مېنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويۇۋاتاتتى.
ـ راستمۇ دوختۇر. بالام راستىنلا ياخشىمىكەن؟ـ سورىدىم، مەن ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ.
ـ ھەئە، مانا قاراڭ.ـ دېدى ئۇنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە شۇ ھامان ئۆچۈپ، ئورنىنى بىر ئاز بىزارلىق ئىپادىلىرى ئىگىلىگەن ھالدا. ئاندىن ھېلىقى مۇزدەك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى قورسىقىمغا قايتىدىن تېرىدى ۋە ماڭا تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئېكرانىنى شەرەتلەپ يەنە بىر قولىدا ئېكراننى مەن تەرەپكە قاراتتى.
ئېكراندا قارا ئاق ئارىلاشقان ئىمىر ـ چىمىر نەرسىلەر توختىماي مىدىرلاپ تۇرغاندەك قىلاتتى.
ـ مەن بىلەمىدىم.ـ دېدىم ئۇنىڭغا ئوڭايسىزلانغىنىمچە قاراپ.
ـ ھە، شۇ بىلمەيسىز؟ھې…ھې…ھې…. ــ دېدى ئۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا تىرىشتى بولغاي قايتىدىن سېرىق چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجايغاچ.ـ بۇنى ھەممە ئادەم بىلەلىسە دوختۇرلار نېمە ئىش قىلىدۇ. *
ـ لېكىن دوختۇر. قورساق كۆتۈرگەندىن بېرى قورسىقىم دائىملا يەڭگىل ئاغرىپ تۇرىدۇ. يەنە… يەنە ئادىتىممۇ پۈتۈنلەي توختاپ قالماي، ھەر ئايدا ئاز ئازدىن كېلىپ تۇرىۋاتىدۇ. مەن… شۇڭا بالىدىن ئەنسىرەپ تەكشۈرتۈپ باقاي دەپ كەلگەن ئىدىم. ـ يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ ئاخىرى بار گەپنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم.
ـ ھە…ھە…شۇنداقمۇ؟ ـ دېدى ئۇ، ۋە كۆزلىرى بىردەم بايىقى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئېكرانىدەك ئىمىر چىمىر بولۇپ كەتكەندەك قىلىپ قالدى. ئاندىن تېزلا ئۆزىنى ئوڭشاپ:
ـ بۇ… قاراڭ مېنى تونۇيدىكەنسىزغۇ. دەل شۇ مېنىڭ كۆپ يىللىق دوختۇرلۇق تەجرىبەمگە ئاساسەن بەزى ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىقى ئالاھىدە بولىدۇ. قورسىقىڭىز ئاغرىۋاتقان بولسا دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىڭ كۆپ ئىش قىلماڭ. ئاندىن ئادىتىڭىزنىڭ پۈتۈنلەي توختاپ قالمىغىنىغا كەلسەك بۇمۇ بەزىدە نورمال ئەھۋال. ئىلگىرى مۇشۇنداق ئىشلار بېشىدىن ئۆتكەن نۇرغۇن ئاياللار ئالدىمغا كەلگەن. لېكىن ئۇلارنىڭمۇ بالىلىرى ساغلام تۇغۇلىۋەرگەن. شۇڭا سىز بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ كۆڭلىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ. باشتا دېگىنىمدەك دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز باشقا چوڭ چاتاق چىقمايدۇ ـ ھە! ھې…ھې…ھې…
شۇنداق، قىلىپ ئۇ ئايال بەرگەن نەچچە قاپ دورىنى كۆتۈرگىنىمچە، خېلىلا قىممەت تەكشۈرۈش ھەققى ۋە دورا پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن، بۇ دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقتىم.
ئەمدى ئويلاپ باقسام شۇ چاغدىلا مېنىڭ پىسخىكامدىن چاتاق چىقىشقا باشلاپتىكەن.
گەرچە ئۇ دوختۇر ئايالنىڭ گەپلىرى ماڭا تازا چەك باسمايدىغاندەك بىلىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆزۈمنى ئۇنىڭ گەپلىرىگە، بالامنىڭ راستىنلا ساغلام ئىكەنلىكىگە، ئۇ دېگەندەك كۆپرەك ئارام ئالساملا باشقا ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە زورلاپتىكەنمەن.
بۇ بالامنىڭمۇ كەمتۈك تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن زىيادە ئەنسىرەش مېنى شۇ ۋاقىتتىلا ئەقلىمدىن ئازدۇرۇپ بوپتىكەن…
دەل شۇ چاغدا ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ تۇيۇقسىزلا جىرىڭلىشى كەچۈرمىشلىرىنى ماڭا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئۇنىمۇ، ئۇ سۆزلەۋاتقان ئىشلارنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن مېنىمۇ چۆچۈتىۋەتتى.
ئىككىلىمىز باشتا بىرـ بىرىمىزگە ئاندىن تەڭلا ئىشىككە قاراشتۇق. ئالدىمىزدا ھېلىھەم قۇيۇلغاندىن بېرى ئېغىز تەگكۈزۈش ئۇنتۇپلا قېلىنغان سوۋۇپ ئىلمان دىدارىمۇ قالمىغان بىر پىيالىدىن چاي تۇراتتى.
ــ كىمكىن مەن قاراپ باقاي. ـ دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ مەڭزىدە قېتىپ قالغان ياشلىرىنى سۈرتكەچ. شۇ چاغدىلا مېنىڭمۇ مەڭزىمنىڭ شامال تارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ مەڭزىمنى تۇتتۇم. ئەسلى مەنمۇ يىغلىغان ئىدىم.
ـ ۋوي دەپ قويمايلا كەپسەنغۇ؟
ـ شۇ دەپ قويۇپ كەلسەم مېنى دەپ بىر مۇنچە ئاۋارە بولغىلى تۇرىدىكەنسەن. ئىشتىن ھېرىپ كەلگەن ۋاقتىڭدا يەنە ئاۋارە بولۇپ يۈرمىسۇن دەپ دېمەيلا كەلدىم.
ئىشىك تۈۋىدىن مۇشۇ ئاۋازلار ئاڭلىنىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم ئارقىدىنلا باشتا ئۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئوتتۇرا بوي، چېكە چاچلىرىنى ئازراق ئاق ئارىلىغان، كۆز جىيەكلىرىگە سۇس قورۇق چۈشكەن، مېھرى ئىسسىق بىر ئايال قولىدا چوڭ كىچىك سۇلياۋ خالتىلارنى كۆتۈرگىنىچە زال ئۆيگە كىرىپ كېلىشتى.
ـ ۋوي ئۆيدە مېھمان بار ئىكەنغۇ ئولتۇرۇڭ ئولتۇرۇڭ.ـ دېدى مېھرى ئىسسىق ئايال مېنىڭ قورۇنغىنىمچە تۇرغىنىمنى كۆرۈپ.
ـ شۇ، قورۇنماي ئولتۇرىۋېرىڭ، بۇ مېنىڭ سىڭلىم. ـ دېدى ئۇ ماڭا مېھرى ئىسسىق ئايالنى تونۇشتۇرۇپ.
شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ سىڭلىسى كېلىپ قالغان ئىكەن كەچۈرمىشلىرىنىڭ داۋامىنى بۈگۈنچە سۆزلەپ بېرەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
شۇڭا مەن قايتىش قارارىغا كەلدىم ۋە بۇ ئويۇمنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم.

